بېدە قانداق پەيدا بولغان؟
رېۋايەتلەر
رېۋايەتچىلەر شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇرلەركى، بىرئەۋلىيا ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۆز قوۋمىغا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ:
_ مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى ئەل خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزدۈم، لېكىن ناھايىتى نامرات كۈن كەچۈردۈم. شۇ ۋەجىدىن ھاياتىمدا مەن بۇغداي ئېشىنى كۆرمىدىم، ئارپا ئېشىغا تويمىدىم. شۇڭلاشقا، مەن ئۆلۈپ كەتسەم نامىزىمنى ئارپا ئېڭىزلىقىدا چۈشۈرۈڭلار، چۈنكى مېنىڭ نامىزىمنى ئارپا ئېڭىزىدا چۈشۈرسەڭلار ئارپىنى قايتا تېرىش ھاجەتسىز، ھەر يىللىقى كۆكلەپ ھوسول بېرىۋېرىدۇ.
بىراق، بۇ ئەۋلىيا ۋاپات بولغان كۈنى كەچ كىرىپ قالغان بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ئەقىدىسى بويىچە مېيىتنى قوندۇرۇپ قالساق بولمايدۇ، دەپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسىمۇ نامىزىنى چۈشۈرمەكچى بوپتۇ. بىراق، قاراڭغۇدا ئارپا ئېڭىزلىق بىلەن بېدە ئېڭىزىنى پەرق ئەتمەيلا بېدە ئېڭىزلىقىدا نامىزىنى چۈشۈرۈپتۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بېدە بىرلا تېرىپ قويسا، ھەريىلى باھار پەسلىدە بىخ سۈرۈپ كۆكلەپ چىقىدىغان بوپتۇ.