UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتبۆشۈك، جىنازا، قەبرە ھەققىدە رېۋايەت

بۆشۈك، جىنازا، قەبرە ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئەرلەر دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئوخشاشلا بۆشۈك شەكلى، ئاستىدا پەقەت بىر ياكى ئىككى قەۋەت پەلەمپەي بار، بۇ ئۇلارنىڭ جىنس پەرقىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، ئاياللار قەبرىسىگە سېلىشتۇرغاندا قەۋەت سانى ئاز بولىدۇ. بۇ قەۋەتلەرنىڭ بىرى ئۆي ئىچىدىكى سېلىنچا شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قەۋەت ئىككى بولسا سېلىنچا (كېگىز)ئۈستىدە يەنە بىر قەۋەت كۆرپە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر ھالدا مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن بەرىبىر قەبرە گۈمبىزى بۆشۈك سىياقىدا ياسىلىدۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە، مۇندىن ناھايىتى بۇرۇن، خان ئانىسى تۈركەن خاتۇن ئۆز ئوغلىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىلەش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنىڭ سەبىي ۋاقتىدا ئۆز ئاپىسىنىڭ ئېتىكىنى بىزەۋىتە قىلىپ گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغلىنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىشنى نىيەت قىپتۇ. ئوردا ئۆلىمالىرى لايىھىلەپ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئالتۇن بۆشۈك ياسىتىپ بېرىپتۇ. تۈركەن خاتۇن ئالتۇن كوكولىلىق ئوغلىنى ئالتۇن بۆشۈكتە ئىككى يىل خاتۇن ئالتۇن كوكۇلىلىق ئوغلىنى ئالتۇن بۆشۈكتە ئىككى يىل بېقىپتۇ. كامالەتكە يېتىپ ئەلەمگىمۇ ، قەلەمگىمۇ ماھىر بولۇپ يېتىشىپتۇ. ئوغۇل ئون توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى جەڭدە يارىدار بولغان شاھ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بوپتۇ. ئۇ دۆلەتنى ئوبدان باشقۇرۇپ خەلق ئېغىزىدا «ئادىل پادىشاھ» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ، ئۇمۇ غازات ئۈستىدە تاسادىپەن ئۇق (يا ئوقى)تېگىپ ۋاپات بوپتۇ. ئانا بولغۇچى تۈركەن خاتۇن چاچلىرىنى يۇلۇپ، پىغانلار چېكىپ، نادامەتلىك كۆز ياشلىرىنى دەريادەك ئاققۇزۇپ ئوغلىنىڭ ئۈستىگە ياتقىنىچە يىغلاپتۇ. باشقىلار ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئانا بىچارە ئۆز ئوغلىنى گىرەلىۋېلىپ دەپنە قىلىشقا بەرمەپتۇ. ئوردىدىكى ئاقىللاردىن بىرى «ئادىل پادىشاھ»نىڭ ئۇستىخېنى بىمالال سىغقۇدەك بىر كۈمۈش بۆشۈك ياساپ كەپتۇ -دە، تۈركەن خاتۇنغا : _ بولدى قىلسىلا خېنىم! ئوغۇللىرىنىڭ روھى ئارام ئالسۇن. ئوغۇللىرىنىڭ روھى ئارام ئالسۇن، مېنىڭچە خان ئالىيلىرى پاقلان ۋاقىتلىرىنى ئۆزلىرى ياسىتىپ بەرگەن ئالتۇن بۆشۈكتە ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولغانىدى. ئۆزىمۇ بۆشۈككە قەۋەتلا ئامراق ئىدى. خاننىڭ روھى ئۈچۈن مەن كۈمۈشتە بۆشۈك ياسىتىپ كەلدىم، بۆلەپ قويساقمىكىن، - دەپتۇ. تۈركەن خاتۇن دەرھال ماقۇل كەپتۇ. بالا پادىشاھ كۈمۈش بۆشۈككە بۆلۈنۈپتۇ. تۈركەن خاتۇنمۇ ھېرىپ دەرمانى قالمىغان ھالدا سەل ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئالدىن مەسىلىھەت پىشقان نۇرغۇن كىشىلەر كۈمۈش بۆشۈك (جىنازا)نى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئاخىرىدا ئوردا سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا بېرىپ گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا كۈمۈش رەڭ بۆشۈكنى قويۇپتۇ. تۈركەن خاتۇن ھەر كۈنى دېگۈدەك قەبرە بېشىغا چىقىپ بۆشۈكنىڭ ياپقۇچ پەردىسىنى قايرىپ ئوغلىنى كۆرۈپ قايتىشنى داۋام دەپتۇ. ۋاقىت ئۇزاق ئۆتمەستىن «ئادىل پادىشاھ»نىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. قاراپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تۈركەن خاتۇنمۇ «ئاھ! »دەپ جان ئۈزۈپتۇ. ئوردا ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ، بۆشۈكتە چوڭ بولغان شاھزادىنىمۇ، ئۇنى تەربىيلەشتىكى پىداكار ئانا تۈركەن خاتۇننىمۇ كۈمۈش رەڭ بۆشۈككە سېلىپ قەبرىستانلىققا قويۇشنى ماقۇللىشىپتۇ. بىراق، ھەرئىككىلا بۆشۈك ئوخشاش بولۇپ قالسا پەرق ئېتىش قىيىن بولىدۇ، دەپ تۈركەن خاتۇننىڭ كۈمۈش رەڭ بۆشۈكىنى كۆپ قەۋەتلىك [پەنجىرىلىك ئۈستىگە، ئادىل پادىشاھنىڭ بۆشۈكىنى بىر پەنجىرىلىك قەبرە سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە توختىپ، ئەتراپىغا ئارچادەرىخى ئەھيا قىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، تۈركى خەلىقلىرىنىڭ مۇسىبەت ئادەتلىرىنىڭ ئىچىدە ۋاپات بولغان كىشىنى بۆشۈك سىياقىدىكى جىنازىغا سېلىپ دەپنە قىلغاندىن كېيىن، قەبرە ئۈستىگە بۆشۈك سىياقىدىكى قەبرە گۈمبىزى ياساپ قويۇش ئادىتى بارلىققا كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
بۆشۈك، جىنازا، قەبرە ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki