UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئاقشەھەر

ئاقشەھەر

رېۋايەتلەر بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئۆتكەن زامانلاردا ئەۋۋىلىدە گۈل چىچەكلەر قاپلىغان ،سۇلىرى ئەلۋەك، تاغلىرى كۆككە يەتكەن، قويلىرى كالىدەك يوغىناپ كەتكەن كۇچانىڭ كۇچانىڭ بۇ گۈزەل ۋادىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ياشايدىكەن.لېكىن، بۇلار ئۆينى چىرايلىق سېلىشنى بىلمەيدىكەن. بۇ يەرگە باشقا يەردىنىمۇ ئادەم كەلمەيدىكەن. بۇ جايدا ھېكىم دېگەن بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ سېلىم ئىسىملىك بىر بالىسى بار ئىكەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، زېرەك ، باتۇر، ئاق كۆڭۈل، ئىرادىلىك، شوخ، تېتىك ئىكەن.ئۇ ئوقيا ئېتىشقا شۇنچىلىك ئۇستا ئىكەنكى، بىرەر تال ئوقنىمۇ زايە قىلماي جايىغا تەگكۈزىدىكەن. ئۇ ھەرخىل گۈللەرنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ماھىر ئىكەن. يىللار ، كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. سېلىم ئون ئالتە - ئون يەتتە ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ. بىر كۈنى سېلىمنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كىرىۋېلىپ، ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن دادىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ يىراق جايلارغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. سېلىم مېڭىپتۇ ،مېڭىپتۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاخىر ھەيۋەتلىك بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ شەھەرگە كىرىپ ئالدى بىلەن كىشىلەر توپلىشىۋالغان جايغا بېرىپ قارىسا، كىشلەر ھەدەپ ئۈچ قەۋەت ئېگىزلىكتىكى بىر تاختايغا قاراپ ئوق ئېتىۋاتقانىكەن. ئۇ يېنىدىكى بىر ئادەمدىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. ئۇ ئادەم سېلىمغا :«سۇلتانىمىز <كىمكى تاختانىڭ يىپىنى ئۈزۈپ تاختاينى يەرگە چۈشۈرەلىسە، مەن ئۇنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى ئورۇنلايمەن>دېگەنىدى، بىز تەلىيىمىزنىڭ سىناۋاتىمىز »دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سېلىم ئوقيانى ئېلىپ بىر ئوق ئېتىپتىكەن، تاختاينىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ. كىشىلەر ئالقىش ئىچىدە ئۇنى خان ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىپتۇ. خان ئۇنىڭدىن: _ قانداق تەلىپىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ. سېلىم ئىككىلەنمەستىن: _ ماڭا ئۆي سېلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دەپتۇ. سۇلتان دەرھال سېلىمنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ. بىر نەچچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سېلىم بىناكار بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. سېلىم پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ باشقا شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يۈگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆز يولىدىكى ئورمانلىقتىن نۇرغۇن گۈل - چېچەك ئۇرۇقىنى ئېلىۋاپتۇ. ئۇ ئاخىر يەنە بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ شەھەردە بىرەر تۈپمۇ گۈل - گىياھ يوق ئىكەن؛ ئۇ ئۆز ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزى ئېلىۋالغان ئۇرۇقلار بىلەن شاھقانۇرغۇن چىرايلىق گۈللەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىپتۇ. شاھ خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن : _ قانداق تەلىپىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇ : _ ماڭا ياغاچچىلىقنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. شاھ ئۇنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى خارەت - ياغاچچى ئۇستىلارغا تاپشۇرۇپتۇ. ئۇ ناھايىتى غەيرەتلىك بولغاچقا ياغاچچىلىقنى ئۆگىنىپ بولۇپ يەنە نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇ ئاخىر ئۆز شەھىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ. سېلىم مېھرىبان دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە چىرايلىق قىلىپ ئۆي ۋە ھەرخىل ئۆي جاھازلىرىنى ياساپتۇ، ئۆز ھۈنىرىنى يۇرتداشلىرىغا ئۆگىتىپتۇ. ئاخىر بۇ يۇرتنى كۆركەم ئۆيلەر قاپلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈزەل ۋادا روناق تېپىپ «ئاقشەھەر» دېگەن بىر گۈزەل شەھەر بارلىققا كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت