نۇرۇز بۇلاق
رېۋايەتلەر
مەھمۇت قەشقەرى «مۇق يولى» ئارقىلىق باغداتقا ئۆتۈپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىللار ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ، ئازىقتا سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلغانىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن تالىپلىرى بار بولۇپ، ھەر يىلى نورۇز ئېيىدا ئۆز تالىپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۇرتىدىكى چەشمە بۇلاققا چىقىپ، ئۆز ئارا نورۇزلۇق، غەزەل - بېيىتلار ئالماشتۇرۇشۇپ سەيلە قىلىشىدىكەن. شېئىر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىمۇ شۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينىڭ نامى «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتىلىپتۇ. نورۇز بۇلاقنىڭ خاسىيىتى ئەتراپقا تارىلىپتۇ. تەرەپ - تەرەپلەردىن، يىراق شەھەرلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ئۆلىمالار، تالىپلار شۇنىڭدىن بېرى بۇ جاينى « ئىلىم بۇلىقى»،«ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم بۇلىقى» دەپ ئۇلۇغلاپ، «نورۇز بۇلاق» نى زىيارەتگاھ قىلىشىپتۇ. كېيىنكى ئۆلىما - ئالىملارمۇ ئەنە شۇ ئادەت بويىچە ئۆزلىرى تەربىيلىگەن تالىپلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىنى مۇشۇ «نورۇز بۇلاق» تا ئۆتكۈزۈپ، ھەزرىتى موللام (مەھمۇت قەشقەرى)دىن ئىجازەت ئېلىش ئادەت بولۇپ قالغانىكەن.