ئىماملىرىم
رېۋايەتلەر
ئوپال يېزا موللام بېغى كەنتىدە موللام تېغى دەپ ئاتالغان بىر تاغ بار. بۇ تاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدە بىر غار بولۇپ «ئەجدىھا غارى » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ غار مەھمۇد قەشقەرى قەبرىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. سەيلە - ساياھەتچىلەر بۇ غارنى كۆرمەي يانمايدۇ. بۇ غارنىڭ ئۈستى ۋە ھەممە تەرەپلىرى ئىسلانغان بولۇپ، «ئىماملىرىم ۋە تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام» دېگەن تەزكىرىدە مۇنداق رېۋايەت قىلىدۇ: ئىمام مالىك ئەكبەر، ئىمام مالىك ئەسقەر دەپ ئىككى تالىپ ھەزرىتى موللامدىن دەرس ئالدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا ئىماملىرىم دېگەن جايدىن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان ھەزرىتى موللامنىڭ مەدرىسكە دەرس ئالغىلى مېڭىپتۇ. ئۇلار بىرەر كىلومېتىر ماڭغاندا تاڭ قاراڭغۇسى بولۇپ، يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنۈپتۇ. بۇ ئوت بىر ئېتىزدا ئايلىنىپ يۈرگۈدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئىككى ئىمام ئوت كۆرۈنگەن جايغا بارسا، بىر ياش بالا ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە چىراغ بېكىتىپ بويۇنتۇرۇققا چىراغ ئېسىپ قوش ھەيدەۋاتقۇدەك. بۇلار ھېلىقى بالىدىن:«نېمە ئۈچۈن كېچىدە ھەيدەيسىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ جاۋاب بېرىپ: « ھەزرىتى موللام تېغى غارىدا بىر ئەجدىھا بار، ھەپتىدە بىر ئادەم يەيدۇ. يورت چوڭلىرى نۆۋەت بىلەن ئادەم بېرىشنى توختام قىلىپ قويغان. ئەتە نۆۋەت ماڭا كېلىدىكەن. مېنىڭ بىر تۇل ئانام بار ئىدى. مەندىن باشقا بالىسى يوق. دادام كىچىكىمدە ئۆلۈك كېتىپ بىچارە ئانام بىلەنلا قالغان. بۇ بۇغداينى تېرىپ بېرەي دەپ قوش ھەيدەۋاتىمەن» دەپتۇ.
ئىماملارنىڭ ئىچى سىيرىلىپ بۇ ئەھۋالنى ھەزرىتى موللامغا خەۋەر قىلىپ يۇرتنى بالادىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ھەزرىتى موللام: «غەيرىتىڭلارغا رەھمەت، سىلەر ياش. مەن بولسام ياشانغان، ئۆلۈم يېقىنلاشقان ئادەم، مەن جەڭ قىلاي» دەپتۇ.
بالىلار ئېيتىپتۇكى :«سىلى بولسىلار مۇددەرىس، نۇرغۇن تالىپلار سىلىگە قاراشلىق، بۇ ۋەزىپىنى مەن ئادا قىلاي» دەپ ئىمام مالىك ئەكبەر يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاخىر، ئىمام ئەكبەرنىڭ بېلىگە ئۆتكۈر ئىككى قىلىچنى تېڭىپ، بىر قىلىچنى تۇتقۇزۇپ تەييار بولۇپ تۇرۇپتۇ. كۈن قىزىل بولغاندا، بىر لەقۋا ئېشەككە قۇمۇش ئارتىپ غار ئاغزىدا توختىپ قويۇپتۇ. ئىمام مالىك ئەكبەر بولسا ئېشەكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپتۇ ھەم ئىككى كۆلچەككە سۈت تولدۇرۇشنى ، بىرىگە كۆك ئىنەكنىڭ سۈتىنى، يەنە بىرىگە سېرىق ئىنەكنىڭ سۈتىنى قويۇشنى، زەھەرلىنىپ ئوڭ يېنىغا يېقىلسا كۆك ئىنەكنىڭ سۈتىنى قويۇشنى، سول يېنىغا يېقىلسا سېرىق ئىنەكنىڭ سۈتىدە يۇيۇشنى تاپىلاپتۇ. شۇنداق قىلسا زەھەر تەسىر كۆرستىتەلمەيدىكەن. سۈتمۇ يىغىلىپ بوپتۇ. كۆك ئىنەك ئاز بولۇپ، سۈتىدە كۆلچەك تولمىغاچ ئاقساقاللار سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. كۈن چىقىش بىلەن تەڭ، ئەجدىھا غاردىن بېشىنى چىقىرىپ دەم تارتقانىكەن. ئىمام مالىك ئەكبەر ئەجدىھانىڭ ئاغزىغا بوراندەك كەپتۇ. بېلىدىكى قىلىچ ئەجدىھانىڭ ئاغزىنى ئىككى تەرىپىدىن كېسىپ تىلىپ مېڭىپتۇ. ئۇدۇلىدىكى قىلىچ يۈرەك - باغىرىنى تىلىپ مېڭىپتۇ. ئەجدىھا ئۆلۈپتۇ. ئىمام مالىك ئەكبەر تىرىك چىقىپ جامائەتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. زەھەرلەنگەنلىكتىن ئوڭ يېنىغا يېقىلىپتۇ. كۆك ئىنەك سۈتىدە يۇيۇنۇپتۇ. سۈت سۇ ئارىلاش بولغاچقا زەھەرنى قايتۇرالماپتۇ. ئىنىسى ئىمام مالىك ئەسقەر ئاكىسىنى ھارۋىغا ئېلىپ تالىپلار بىلەن ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۇلارنىڭ تەربىيلىگۈچىسى شاھ تالىپ سەرمەس ئۆيدە قالغانىكەن. ئۇلار قىزىل جىلغا بىلەن قارا جىلغىنىڭ سۇلىرى قوشۇلىدىغان كېچىككە كەلگەندە، زەھەرلەنگەن ئىمام مالىك جان ئۈزۈپتۇ. جەسىتىنى ئېگىز دۆڭگە دەپنە قىلىنىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ جاي «ئىماملىرىم » دەپ ئاتىلىپتۇ.