UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتەكلىماكان

تەكلىماكان

رېۋايەتلەر تەكلىماكان 1 «پەرھات ئۆستىڭى» بىر قانچە تارماق ئېقىنلار بىلەن قوشۇلۇپ، ناھايىتى ئۇلۇغ سۇ ھاسىل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ دەريا ئېقىنىنى بويلاپ چەكسىز كەتكەن ئورمانلار، چىمەنزار يايلاقلار، سۈپسۈزۈك كۆللەر بارلىققا كەپتۇ. كەتەك شەھىرى، ئاق شەھەر، توپا شەھەر، ئاۋەت شەھرى قاتارلىق ئونلىغان شەھەرلەر بىنابولۇپ، خەلقلىرى كۆپىيىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ئوۋچى بوۋاي بۇ شەھەردىن چەت بىر باياۋانغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بىر دۆڭنىڭ يېنىدا بىر قانچە تۈلكە ياپيېشىل ئۆسكەن شاخلار ئۈستىدە بىر نەرسە يەۋاتقانىكەن، ئوۋچى تۈلكىنى ئېتىپتۇ.، ئوۋچى تۈلكىنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەيران قاپتۇ: شاخلىرى مەجنۇنتالغا ئوخشاش بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن، دەرەخ دېسە دەرەخ ئەمەس ئاجايىپ بىر ئۆسۈملۈكنىڭ شاخلىرىدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ تۇرغان يۇمىلاق نەرسىلەرگە كۆزى چۈشۈپتۇ. تۈلكە ئەنە شۇنى يەۋاتقانىكەن. ئوۋچى «بۇ قانداق نەرسىدۇر»دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن بىر تال ئۈزۈپ ئاغزىغا سالغانىكەن.ھەسەلدىنمۇ تاتلىق تېتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خورجۇنغا لىق قاچىلاپ، يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ئىككىنچى يىلى بوۋاينىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئاشۇ خىل مەجنۇنتال ئۈنۈپ چىقىپتۇ. بوۋاي بۇ خاسىيەتلىك ئۆسۈملۈكنى ئاسراپ پەرۋىش قىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ - تۆت يىل ئۆتكەندە ئۇ مېۋە بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ بۇ خاسىيىتى ئەل - يۇرتقا تارىلىپتۇ. دەريا بويىدا ياشىغۇچى تۈمەنلىكگەن كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىغا باغ ياساپ، مۇشۇ خاسىيەتلىك كۆچەتنى ئۆستۈرۈپ، مىسلىسىز جەننەت قۇرۇپتۇ. يۇرت - جامائەت جەم بولۇپ بۇ دەرەخكە «تەك» دەپ نام بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پايانسىز يۇرتلارنىڭ ئىسمى تەكلىماكان، تەكلىك ماكان (يۇرت) دەپ ئاتىلىپ، تەك(ئۈزۈم)نىڭ ئەسلى ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەمگە داڭقى يېيىلىپتۇ. ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ جاينى «تەكلىماكان» دەپ ئاتايدىكەن. 2 تەكلىماكان بۇرۇنقى زامانلاردا ناھايىتى گۈزەل باغۇ بوستان ۋە ئېتىز - ئېرىقلار بىلەن تولغان كاتتا يۇرت ئىكەن. ئېكىنزارلىرىنىڭ ھوسۇللىرى ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىكەن. خەلقى ھۈنەر - سەنئەتتە تەڭداشسىز ئىكەن. يات ئەللەر دائىم بۇ جايغا كۆز تىكىدىكەن. ئۇلار كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ بۇ گۈزەل يۇرتنى ئالالماپتۇ. ئاخىر ئۇلار كۇھىقاپ پادىشاھلىقىغا ئەلچى ماڭدۇرۇپ، كۇھىقاپتىن ھازازۇل جادى دېگەن جادۇگەرنى سېتىۋېلىپ تەكلىماكان بوستانلىققىغا ئەۋەتىپتۇ. ھازازۇل جادى بۇ يۇرتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىرىق كېچە - كۈندۈز سېھىر قىپتۇ، سېھرى كارغا يارىماپتۇ، يەنە قىرىق كېچە - كۈندۈز ئەپسۇن ئوقۇپتۇ، ئەپسۇنلىرى كارغا يارىماپتۇ. ئاخىر ھاۋاغا كۆتۈرلۈپتۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا چىن ماچىن پادىشاھى ئاسماندا يەر يۈزىدىن مۇساپىسى 500 يىللىق ئېگىلىككە مۇھەللەق شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن يۆتكەپ چىققان ناھايىتى زور بىر تاغ بار ئىكەن. ھازازۇل جادى ھېلىقى غايەت زور تاغنى سېھىر قىلىپ قۇمغا ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل، ئاۋات يۇرت تەكلىماكان بوستانلىقىغا قىرىق كېچە - كۈندۈز ياغدۇرۇپتۇ، ئاخىر بۇ گۈزەل يۇرت قۇم، تەكتىدە قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت