چۈجە باش
رېۋايەتلەر
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ قوغان يېزىسىدا «چۈجە باش»دەيدىغان بىر كەنت بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا خەلىق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت بار:
ئاپاق غوجا دەۋرىدە ئىسپىھاندىن «پەرزوق» ئىسىملىك بىر كىشى دەرۋىش قىياپىتىدە ياسىنىپ كېلىپ، ھازىرقى قوغان يېزىسىنىڭ بىر كەنتىگە ئورۇنلىشىپتۇ. بۇ كىشى تىبابەتىچىلىك ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن، قۇرئان، ئايەت، ھەدىسلەرنى ياخشى بىلىدىغان، سېھىرىي جادۇدىنمۇ خەۋىرى بار ئادەم بولۇپ، ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، خەلقنى پۇلسىز داۋالاش، ئەمرىمەرۇپ، قىلىش، يالغان چۈش كۆرۈپ ئۇنىڭغا يالغان تەبىر بېرىش، ساختا كارامەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن كىشلەر ئارىسىدا «ئەۋلىيا» سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلاپتۇ. بۇ كىشىگە ئادەتتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، ھەتتا ئاپاق خوجىنىڭ مۇرتلىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىرى قول بېرىپ ئىخلاس قىلىدىغان بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاپاق غوجىنىڭ جان - ئىمانى چىقىپتۇ. ئەمما، ئۇنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇنىڭ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قوغلاش مەقستىدە ئۇلارنى «شىئە»لىكتە ئەيىبلەپ خان ئوردىسىغا چېقىپ بېرىپتۇ. يولۋاسخان بىرمۇنچە ئەسكەر چىقىرىپ پەرزوق تۇرغان جاينى قورشاپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە مۇرىتىنى تۇتۇپ تار بوغۇزدىكى «قارا قوۋۇق» دېگەن زىندانغا تاشلاپتۇ. قالغان مۇخلىسلىرىنى تارقىتىۋېتىپتۇ. پەرزوقنىڭ ئۆزى پاكار، بېشى ھەم كۆزى كىچىك، تۇمشۇقى ئۇزۇن، سەت بىر مەخلۇق بولغانلىقتىن ئاپاق غوجا تەرەپدارلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ «چۈجە باش جادۇ»دەپ لەقەم قويۇپتۇ. كېيىن كىشىلەر پەرزوق تۇرغان بۇ جاينى «چۈجە باش» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قاپتۇ.