ئاشىنا ۋە تۈركلەر
رېۋايەتلەر
تۈركلەر ... ھونلارنىڭ باشقىچە بىر نەسلى، فامىلىسى ئاشىنا، ئۇلار ئايرىم بىر قەبىلە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار قوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلگەن. بىر ئوغۇل بالىنى ياۋ لەشكەرلىرى كىچىك كۆرۈپ ئۆلتۈرگۈسى كەلمەي پۇتلىرىنى كېسىۋېتىپ سازلىققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇنى بىر ئۇرغاچى بۆرە گۆش بىلەن تەمىنلەپتۇ. بالا چوڭ بولۇپ بۆرە بىلەن جۈپلىشىپتۇ، بۆرە ئۇ بالىدىن ھامىلىدار بوپتۇ. بالىنىڭ ئۇ يەردە ئامان تۇرۇۋاتقانلىقىنى (غالىب) ئەلنىڭ خانى ئاڭلاپ ئوغۇل بالىنى ئۆلتۈرۈگۈزۈۋېتىپتۇ. كەلگۈچىلەر ياندا بىر بۆرىنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىغانىكەن، بۆرە قوچۇ ئېلىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا قېچىپ كېتىپتۇ. تاغ ئارىسى جىرا بولۇپ، جىرانىڭ ئىچى تۈپتۈز، ياپيېشىل ئوتلاقلار بىلەن تولغان يەر ئىكەن. ئەتراپى بىر قانچە چاقىرىم كېلىدىكەن. تۆت ئەتراپى بولسا پۈتۈنلەي قىيا تاغلار ئىكەن. بۆرە بۇ يەردە ماكانلىشىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلار چوڭ بولۇپ سىرتقى قەبىلىلەر بىلەن توي قىلىشىپتۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم فامىلىلىرى بولۇپ، ئاشىنا شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغۇل ۋە نەۋرىلىرى كۆپىيىپ بىر قانچە يۈز ئائىلىگە يېتىپتۇ. نەچچە دەۋرلەر ئۆتكەندىن كېيىن جىرادىن چىقىپ، رورەنلەرگە تەۋە بولۇپ، ئالتۇنتاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە ماكانلىشىپتۇ ھەم رورەنلەر ئۈچۈن تۆمۈرچىلىك قى[تۇ. ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى «تۈركە» (قالپاق) شەكىللىك بولغاچقا «تۈركە» دېگەن سۆز «تۈرك» دېگەن سۆزگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.