پەرھاد ئۆستىڭى
رېۋايەتلەر
پەرھاد ئۆستىڭى
شاھزادە پەرھات ئۆزىگە يىراق بولمىغان بىر قوشنا ئەلنىڭ گۈزەل مەلىكىسى شېرىنغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق بۇ مەلىكىمۇ پەرھادنى بىر كۆرۈپ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەتنىڭ شېرىن كۈنلىرى باشلىنىۋاتقان مەزگىلدە، شېرىننىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان ئىران شاھى خىسراۋ ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ، نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. كۆڭلىدە پەقەت پەرھادلا بولغان شېرىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ. ئۇ كۆپ ئويلاپ شۇنداق قارارغا كەپتۇ:«خىسراۋ ئالەمگە ئايان بولغان زالىم شاھ. ئەگەر ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسام لەشكەر تارتىپ زورلۇق بىلەن ئەل - يۇرتنى ۋەيران قىلىدۇ. پۇقرالىرىمغا ئازاب سالىدۇ. پەرھاد بىلەن ئۆمۈرلۈك بىللە بولۇش قارارىم بەربات بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئورۇندىيالمايدىغان بىر شەرت قوياي »دەپ ئەلچىلەرگە شۇنداق ئېيتىپتۇ:
«يۇرتۇمنىڭ غەربىدىكى تاغلىقتىن باشلاپ شەرقىدىكى چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆستەڭ قازسۇن. ئۇنىڭ سۈيى زەر (ئالتۇن) بولسۇن. ھەرقانداق چوڭ كالىنىمۇ ئېقىتىپ كېتەلەيدىغان بولسۇن، ئەنە شۇ ئۆستەڭنى كىم بۇرۇن قېزىپ چىقسا مەن شۇنىڭغا تېگىمەن» شېرىننىڭ بۇ تەلىپىنى ئاڭلىغان پەرھاد خۇشاللىق بىلەن بىستۇن تاغلىرىنى يېرىپ، ئۆستەڭ قېزىشقا ئاتلىنىپتۇ. خىسراۋ شاھ بولسا دەرغەزەب بولۇپ لەشكەر تەييارلاپ قۇرال كۈچى بىلەن شېرىننىڭ يۇرتىغا بېسىپ بارماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ بىردانا ۋەزىرى: «ئۇنداق نامەردلىك قىلسىڭىز نامىڭىزغا ئۇيات بولىدۇ. ئۇنداق قىلماي باشقىچە ئامال تاپايلى »دەپ خىسراۋغا تەسەللى بېرىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. تاغ يۈرەك پەرھاد قورام تاشلارنى يۇنۇپ، جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ھەيۋەتلىك بىر ئۆستەڭ قېزىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خىسراۋ ساراسىمگە چۈشۈپ، جادىگەر كەمپىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. كەمپىر:«بۇنىڭ چارىسى ئوڭاي، ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇيمىز، خاتىرجەم بولسىلا، مەلىكە شېرىن پەقەت سىلىگىلا تەئەللۇق» دەپ بىر ھىيلە ئويلاپ، دەرھال پەرھادنىڭ يېنىغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ شېرىننى كۈتۈپ تۇرغان پەرھادنىڭ قېشىغا كېلىپ راسا كۆز يېشى قىپتۇ. پەرھاد ھەيران بولۇپ كەمپىردىن سوراپتۇ:«ئى ئانا، نېمىشقا نالە قىلىپ يىغلايسىز؟»، شۇندا جادىگەر كەمپىر پۇرسەت كەلدى دەپ بىلىپ، پەرھادنىڭ باش كۆزلىرىگە سۆيۈپ شۇنداق دەپتۇ: «بۇ جاھاننىڭ مەلىكىلىرى بەكمۇ ۋاپاسىز ئىكەن. مەلىكە شېرىن سەندەك دانا، باتۇر يىگىتتىن خىسراۋ شاھنى ئارتۇق بىلىپ، ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. سەن ئۈمىد باغلاپ يۈرگەن ئۇ مەلىكە سېنى ئەسلەپمۇ قويماي، ھازىر شاھ ئوردىسىدا بەھۇزۇر ئويناۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، كۆڭلۈم بۇزۇلدى»دەپتۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلغان پەرھاد شىردەك ھۆركىرەپ بېشىنى بىستۇن تېغىغا بىر ئۇرغانىكەن، تاغ پارچە - پارچە بولۇپ يېرىلىپ، ئۇ قازغان ئۆستەڭدە سۇ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىپتۇ. پەرھادنىڭ بېشى نەچچە پارە بولۇپ كېتىپتۇ. شۇ سائەتتە كېنىزەكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ پەرھادنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن مەلىكە شېرىن بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ، دەرھال ھوشىدىن كېتىپتۇ. «پەرھادسىز ماڭا مۇنداق ھاياتنىڭ نېمى كېرىكى؟» دەپ يېنىدىن ئالماس خەنجىرىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە سانجىپتۇ. شۇ ھامان پەرھادنىڭ جەسىتى ئۈستىگە يېقىلىپ جان بېرىپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ ئۆستەڭنىڭ نامى «پەرھاد ئۆستىڭى»دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «پەرھاد ئۆستىڭى»نىڭ نامى «زەرەپشان» غا ئۆزگەرگەنىكەن.