UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمۆلجەر تاغ

مۆلجەر تاغ

رېۋايەتلەر مۆلجەر تاغنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ مۆلجەت تاغ دەپ ئاتىلىشى توغرىسىدا مۇنداق رېۋايەت بار:«بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئۈچتۇرپان شەھىرىنىڭ ئورنى كاتتا دېڭىز بولۇپ، دېڭىزنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مۆلجەت تاغ چوقچىيىپ تۇرار ئىكەن. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دېڭىز قۇرۇپ كېتىپتۇ.كېيىن بۇ جايغا تۈرك دەپ ئاتالغان كىشىلەر كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يۇرتنى ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ شەھىرى مۆلجەرتاغ ئىكەن. شۇ زاماندا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يول مۇشۇ يەردە ئۆتەر ئىكەن. كارۋانلار يىراقتىن مۇشۇ تاغنى مۆلچەرلەپ، تاغ تۈۋىدىكى يول بىلەن بالاساغۇن، تالاس شەھەرلىرىنى بېسىپ، فەرغانە، ئافغانىستان، پاكىستان، ئارساك(ئىران)، شام ( سۈرىيە)، ئىراق، ئاناتولى ھەتتا ۋىزانتىيىگە كېتەر ئىكەن. شۇڭا كارۋانلار بۇ تاغقا مۆلچەرتاغ دەپ ئىسىم قويغانىكەن. كېيىن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن <مۆلچەر تاغ> دېگەن ئىسىم ئۆزگىرىپ <مۆلجەرتاغ>دەپ ئاتالغانىكەن»
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت