پاتمىچۇقنىڭ قولتۇقى نېمە ئۈچۈن قىزىل؟
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زاماندا، پاتمىچۇق ئەسلىدە بىر گۈزەل قىز ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى پاتەمخان بولۇپ، غۇنچە بوي، قېشى قىياقتەك، بېلى ئەۋرىشىمدەك، لەۋلىرى جىنەستىدەك،يۈزى قىزىل ئالمىدەك، چاچلىرى بوستاندەك، كۆزى بۇلاقتەك ئىكەن. ئۇ شۇنچە گۈزەل قىز بولسىمۇ، بىراق قىلىقى ئىنتايىن سەن ئىكەن، نەپسى يامان بولۇپ، ئالدىغا نېمە ئۇچرىسا شۇنى ئېلىپ ماڭىدىكەن. ئاتا - ئانىسى ئۇنى شۇنچە ئەتۋارلاپ، كۆزىگە قاراپ، يېمىگەننى يېدۈرۈپ، كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ بېقىپ چوڭ قىلسىمۇ، ئاتا - ئانىسى بىرنى دېگۈچە ئىككىنى دەپ يېنىپ، سىلكىشلەپ بۇرنىنى بۇلاق قىلىدىكەن. ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا گەپ يېدۈرەلمەي، ئۇ يوق يەردە ئۇنىڭ دەردىدىن تويۇپ يىغلىشىدىكەن. خالايىقمۇ ئۆزى چىرايلىق، قىلىقى سەت قىزغا ئىچىدە لەنەت ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىدىكەن.
پاتىمىخان بويىغا يېتىپتۇ. ئۇ تېخى ھۆسىنىگە تولۇپ چوڭ بولۇپتۇ. يۇرتنىڭ ياشلىرى ئۇنىڭ گۈلدەك يۈزىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزىگە جورا قىلىشنى ئويلايدىكەنۇ، ئۇنىڭ سەت قىلىقلىرى، ئۇزۇن تۇمشۇقى، قولىنىڭ ئەگرىلىكى ئېسىگە كەلسە، تېزلا نىيىتىدىن يانىدىكەن. پاتىمىخاننىڭ يېشىمۇ كۈنسايىن چوڭىيىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتىدىن پەقەت لايىق چىقماپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپ يىراق بىر شەھەردىن بىر سودىگەرنىڭ ئوغلى سودىگەرلىك بىلەن پاتىمىخاننىڭ شەھىرىگە كېلىپتۇ. ئۇ پاتىمىخاننى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا ئاشىق - بىقارار بوپتۇ. مەھەللىدىكى قۇلۇم - قوشنىلار يىگىتنى پاتىمىخاننىڭ غەلىتە قىلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ ياندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي مەئىشەتلىك توي قىلىپ پاتىمىخاننى نىكاھىغا ئاپتۇ.
پاتىمىخان قېينانىسىنىڭكىگە كۆچۈرۈلۈپ كەپتۇ. قېينانىسى كېلىنىڭ ئايدەك جامالىنى كۆرۈپ ئوغلىدىن مەمنۇن بوپتۇ. ئۇ كېلىنىنىڭ ناھايىتى ئىززىتىنى قىلىدىكەن. قولىنى ئىلمان سۇغىمۇ تىققۇزماي ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىدىكەن. پاتىمىخان بىر مەزگىل چاندۇرماي ئۆزىنى بېسىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق «ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە »دېگەندەك، ئۇنىڭ سەت قىلىقلىرى ئاستا - ئاستا چىقىشقا باشلاپتۇ.
پاتىمىخان قېينانىسى يوق چاغدا ئۆيدىكى قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى يىغىۋېلىپ باشقا يەرگە تىقىپ قويۇپ، ئوغرىلىقچە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە توشۇيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بەرىكتىنى كۆتۈرلۈپ، نەرسە - كېرەكلەر ئازلاپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قېينانىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ - دە، قولىنى يېيىپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ:
_ ئى پەرۋەردىگارىم، ھەممىگە قۇدرىتىڭ يېتىدۇ. سەن ھەممىنى بىلگۈچىسەن، ھەممىگە تېتىيسەن، بۇ نائەھلىنىڭ قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان قىزىل بوپىدىكى نەرسە - كېرەكلىرى ۋە ئۇپا - ئەڭلىكلىرىنى چاپلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇنى قىزىل قولتۇقلۇق بىر ھاشارەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەيسەن! - دەپ دۇئا قىپتۇ.
تەڭرى ئۇنىڭ تەلىپىنى دەرھال بەجا كەلتۈرۈپتۇ.پاتىمىخاننىڭ تۈسى بىردىنلا ئۆزگىرىپ قىزىل قولتۇقلۇق، ئۆمىلىگۈچى كىچىككىنە ھاشارەت - پاتمىچۇققا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن تارتىپ پاتمىچۇقنىڭ قولتۇقى قىزىل بولۇپ قالغانىكەن