UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئېگەر ھەققىدە رېۋايەت

ئېگەر ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئالتۇن ئارت، كۈمۈش ئارت، زۇمرەت ئارت دەپ ئاتىلىدىغان داۋانلار ئارىسىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانىتى ئات ئىكەن. چەۋەندازلىق - گۆدەكلەردىن تارتىپ چاللارغىچە ئورتاق ئەمەك ئىكەن. ئوۋ، چېلىش، ئويۇن - كۈلكە، يىغا، ھەسرەت، جەڭ، جېدەل - ماجرا، سەپەر، كۆچۈش، قوغلاش، قېچىش، ماختىنىش - چۆكۈرۈشلەرمۇ ئات ئۈستىدە بولىدىكەن. بىر زامانلاردا بۇ ئەلگە يات ئەلدىن ياۋ بېسىپ كەپتۇ. ئات مىنىپ يۈرگەن تارتالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ - قالغان، نەيزە - ئۇمۇتلرىنى ئېلىشىپ، ئاتلىق جەڭگە چىقىپتۇ، ياۋ شۇنچلىك كۆپ ئىكەنكى، جەڭ بىر نەچچە كۈنگىچە سوزۇلۇپتۇ. تەردىن كۆڭلەكلەر سۇ بولۇپ، قوللار قاپىرىپ، كۆزلەر تېلىپ، بەللەر قېتىپ، سۆڭگەچلەر سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئىرەن قىلماي قاق سەھەردە جەڭگە ئاتلىنىۋاتقان ئوغلىنى كۆرگەن ، خېمىردىن نان راسلاۋاتقان كۆيۈملۈك ئانا قولىدىكى ئادەم بېشىدەك چوڭلۇقتىكى زوۋۇلىنى سەل - پەل يۇمىلاقلاپ، ياۋىداق ئاتنىڭ دۈمبىسىگە سېلىپ بېرىپتۇ. راست دېگەندەك ئوغلى جەڭ داۋامىدا كۆپ ئارامچلىق ھېس قىپتۇ. كەچقۇرۇن جەڭدىن قايتقاندا كاسا قېلىپتا ياسالغان «خېمىرئېگەر»نى كۆرگەنلەر پادىشاھقا شۇ تەقلىدتە ئېگەر ياساشنى تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھ دەرھال ياغاچچىلارنى تەشكىللەپ شۇنداق شەكلىدە ئېگەر ياسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتنى ياۋىداق مىنىدىغان ئادەت ئاياغلىشىپ، ئېگەر بارلىققا كېلىپ، ئاتنى ئېگەرلەپ مىنىدىغان بولۇشقانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئېگەر ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki