UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتھاراق قانداق پەيدا بولغان

ھاراق قانداق پەيدا بولغان

رېۋايەتلەر بۇندىن ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، توپان بالاسى بولغانىكەن. شۇ مەزگىلىدە نوھ ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم كىشىلەرنى كېمىسىگە ئېلىپ - بىر رېۋايەتتە ئۈچ ئاي، يەنە بىر رېۋايەتتە ئالتە ئاي دېيىلىدۇ، - سۇ يۈزىدە يۈرگەنىكەن. ئوزۇقلۇق ئۈچۈن باشقا نەرسىلەر قاتارىدا يەنە ناھايىتى كۆپ مىقداردا قۇرۇق ئۈزۈم ئېلىۋالغانىكەن. كېمە بىلەن ئۈزۈپ يۈرۈش جەريانىدا كېمىگە نۇرغۇن قېتىم سۇ كىرىپ كېتىپ، ئۈزۈمنىڭ ئاستى سېسىشقا باشلاپتۇ. ئوزۇق تۈگىگەندىن كېيىن كىشىلەر ئىلاجسىز سېسىغان ئۈزۈملەرنى سىقىپ، سۈيىنى ئۇزۇق قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ بېشى سەل قايغاندەك بوپتۇ. ئەمما، روھلىرى بىردىن كۆتۈرلۈپ، كېمە ئىچىنى خۇشخۇي چاقچاق، جاراڭلىق ناخشىلار قاپلاپتۇ. ھەممە كىشى بۇ خىل ئۆزگىرىشىتىن ھەيران قېلىشىپتۇ. كېيىن يەنە سېسىغان ئۈزۈمنى سىقىپ ئىچكەنىكەن، يۇقىرىقى ئەھۋال يەنە تەكرارلىنىپتۇ. شۇ چاغدا كىشىلەر سېسىغان ئۈزۈم سۈيى روھىنى كۆتۈرۈپ، كەيپىياتنى جانلاندۇرىدىكەن دېگەن تونۇشقا كەپتۇ. توپان بالاسى ئاخىرلىشىپتۇ. تىنچ تۇرمۇش باشلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر كېمىدىكى ئەھۋالنى ئەسلىشىپ، ئۈزۈملەرنى سېسىتىپ سۈيىنى چىقىرىپ، بىر خىل ئىچىملىك تەييارلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ ۋە ئۇنى شاراب دەپ ئاتاپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتۈپتۇ، تۈرلۈك بەزمە، زىياپەتلەردە شاراب ئىچىش ئۇمۇملىشىپتۇ. شۇ زامانلاردىكى پادىشاھلارنىڭ بىرىدە شارابنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، شارابنىڭ ئىچىلىش مىقدارىنى كېمەيتىش ئارزۇسى تۇغۇلۇپتۇ ۋە پۈتۈن مەملىكىتىگە : _ كىمدە كىم شارابنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىچىلىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئاز شاراب بىلەن كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇدىغان ۋە جانلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتالايدىغان بولسا، ئۆمۈر بويى يەتكۈدەك مال - دۇنيا مۇكاپات بېرىلىدۇ، - دەپ جاكارلاپتۇ. شۇ زاماندا ياخشلىقنى ھارام بىلىپ، ئەسلىكىتە داڭق چىقارغان ، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، كۈنى تەسكە قالغان بولۇپ،م ئىسمى مەلئۇن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ جاكارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاچكۆزلۈكى غەليان كۆتۈرۈپ، تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپتۇ ۋە پادىشاھقا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئۈچ ئايلىق مۆھلەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىسا كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، سورىغان نەرسىلىرىنى بېرىپتۇ. مەلئۇن ئۆيىگە كېلىش بىلەنلا ئىش باشلاپتۇ. ئۇنداق قىپتۇ، بۇنداق قىپتۇ، قىلمىغان ئىشلىرى قالماپتۇ. ئەمما بىرەر ئۆنۈمگە ئېرىشەلمەي، ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپتۇ ۋەئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن گېلىدىن تاماق ئۆتمەي يىغلاشقا باشلاپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كۆزى چېقىر، بۇرنى پاناق، يۈزى گۆشلۈك، بويى پاكارغىنە كەلگەن ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى سودىگەر قىياپەتلىك بىر كوسا ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە: _ ھە، مەلئۇن،نېمىگە يىغلايسەن؟ -دەپ سوراپتۇ. _ مەلئۇن پوتلىسىنى ئېقىتقان ھالدا زار - زار يىغلاپ تۇرۇپ، يىغلاشنىڭ سەۋەبلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. _ يىغلىما بۇنىڭ چارىسى ئاسان، سەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغىنىڭدا بىر يولۋاس، بىر تۈلكە، بىر قىزىل قوراز تەلەپ قىلغىن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قانلىرىنى ئۈزۈم سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پاگى ياسىغىن، شۇ چاغدا ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، -دەپ يول كۆرسىتىپتۇ ۋە شۇئان ھېلىقى ئادەم كۆزدىن غايىب بوپتۇ. بۇ ئادەم ئەسلىدە پۈتۈن دۇنيادىكى شۇملۇقلارنىڭ پىر - ئۇستازى - لەنىتى شەيتان ئىكەن. مەلئۇن، شەيتاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شاراب ياساپ ئىچىپ بېقىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ۋۇجۇدىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئەقلى لال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ، - دە، بىر تۇڭ شاراب تەييارلىتىپ پادىشاھقا تەقدىم قىپتۇ. پادىشاھ بۇ شارابنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، دەرھال ۋەزىر - ئەمىرا، ئەكابىر - ئەشرەپلىرى قاتناشقان بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىر نەچچە قەدەھ ئىچىلگەندىن كېيىن شۇنداق بىر ئەھۋال سادىر بولۇپتۇكى، ھەممە كىشى ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. مۆرىمەسلەر ناخشىغا، سۆرەلمىلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ، قورقۇنچاقلار باتۇرغا ئايلىنىپتۇ. تاماق قويولغان شىرەنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىشىپ، پادىشاھقا قول شىلتىپ چۇۋۇتقلىرىنى چۇۋۇغىلى تۇرۇپتۇ. بەزى توڭلار بولسا، ئالاھىدە مۇلايىملىشىپ، يېنىد ئولتۇرغانلارنىڭ بوينىدىن ئېلىپ شېرىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئادەتتە ياۋاش، مۆمىن دېگەنلەر يەڭ سۇغۇرۇپ ئاداۋىتى بارلار بىلەن جېدەللەشكىلى باشلاپتۇ ۋە بەزىلەر بولسا ھايا - نومۇس دېگەننى تاشلىۋېتىپ، ئاياللارغا ئېسىلىشقا، بەزى ئاياللار بولسا، ئۇچۇق- ئاشكارە ھالدا ئەرلەرگە چاپلىشىشقا باشلاپتۇ. زىياپەت خېلى ئۇزاق داۋاملاشقان بولسىمۇ، كىشىلەر قورساقلىرىنىڭ ئاچقانلىقىنى سېزىشمەپتۇ ۋە ئادەتتە تۈگەپ كېتىدىغان زىياپەت تاماقلىرى ئېشىپ قاپتۇ. كىشىلەر شۇ زىياپەتتىكى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىشىپ، قورقۇنچاقلارنىڭ باتۇرغا ئايلىنىشى يولۋاس قېنىنىڭ ئارىلاشقانلىقىدىن، بەزىلەرنىڭ بەك مۇلايىم ياكى ھارامزادىلىشىپ كېتىشى تۈلكە قېنى قوشۇلغانلىقتىن، ھايا - نومۇسنىڭ يوقۇتىلغىنى قىزىل خورازنىڭ قېنىدىن، قورساقنىڭ ئاچماسلىقى ئۈزۈم سۈيىنىڭ قۇۋۋىتىدىن دەپ خۇلاسە قىلىشىپتۇ. شۇ قېتىمقى زىياپەتتىن كېيىن، شاراب ئىشلەش تېخىمۇ تەرەققى قىپتۇ، ئەمما جەمئىيەت كەيپىياتى يامانلىشىپ، جېدەل - ماجرا، بۇزۇقچىلىق، قاتىللىق قاتارلىق ھەرخىل جىنايى قىلمىشلار ئەۋج ئاپتۇ. بۇ ئىشلارغا قارىتا بەزى دانىشمەنلەر «بۇ شاراب ئەمەس، ھەلەق ئىكەن»دەپ نام بېرىپتۇ. ئۇزۇن يىل ئۆتۈپ بۇ نام ئومۇملىشىپتۇ. ئۇزۇن جەريانلارنى ئۆتۈشى بىلەن «ھەلەق» سۆزى «ھاراق»قا ئۆزگىرىپتۇ. ھاراق مانا شۇنداق پەيدا بولغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ھاراق قانداق پەيدا بولغان | UyghurWiki | UyghurWiki