UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتشاھ مەشرەپ

شاھ مەشرەپ

رېۋايەتلەر (1) رېۋايەت قىلىنىشىچە، شاھ مەشرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان شەھىرىدە تۇغۇلغانىكەن. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئالتە ئايلىق بولغان چاغدا بىر كۈنى ئانىسى بازارغا بېرىپ بازارگان (سودىگەر) دىن بىر قانچە جىڭ ئۈزۈم سېتىۋاپتۇ. بازارگان ئۈزۈمنى جىڭلاپ خالتىغا سالغاندا ئۈزۈم خالتىغا پاتماي يەرگە تۆكۈلۈپتۇ. ئانىسى تۆكۈلگەن ئۈزۈم بىلەن يەنە جىڭلانمىغان ئازراق ئۈزۈمنى قوشۇپ، خالتىغا سېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئانىسى يېرىم يولغا بارغاندا ئۇنىڭ قورسىقىدىن: «ئانا، سىز جىڭلانمىغان ئۈزۈمنىڭ پۇلىنى تۆلىمىسىڭىز مەن قورسىقىڭىزدىن غايىب بولىمەن» دېگەن سادا ئاڭلىنىپتۇ. بۇ سادا ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپتۇ، ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئارقىسىغا يېنىپ ئۈزۈمنى قايتا جىڭلىتىپتۇ، ئۈزۈم ئەسلىدىكىدىن كۆپ چىقىپتۇ، ئانىسى ئارتۇق ئالغان ئۈزۈمنىڭمۇ پۇلىنى تۆلەپ ئۆيگە قايتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئانىسىنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپتۇ، ئاتا - ئانىسى ئىسمىنى شاھ مەشرەپ قويۇپتۇ، بالا سەككىز ياشقا كىرگەندە ئۇنى مەدرىسكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. بالا ناھايىتى زېرەك ئىكەن. بىر قانچە كۈن «ا» (ئەلىپ)، «ل» (لام) دىن ساۋاق ئالغاندىن كېيىن، بىر كۈنى شاھ مەشرەپ داموللىغا: «ا» بىلەن (ل) نىڭ مەنىسى نېمە دەپ سوئال قويۇپتۇ. داموللا دۇدۇقلاپ جاۋاب بېرەلمەپتۇ. شاھ مەشرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ: يەك ئېلىپتەك تۈز بولساڭ، ھېچ بالا يوقتۇر ساڭا. لام ئېلىپتەك ئەگرى بولساڭ، بار بالا باردۇر ساڭا. دەپ ئىككى مىسرا شېئىر ئارقىلىق «ې» ۋە (ل) نىڭ مەنىلىرىنى يېشىپ بېرىپتۇ. داموللا بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ بالىنى مەدرىستىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شاھ مەشرەپ تا قۇرامىغا يەتكۈچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئۆز بىلىمى ئارقىلىق جاھانغا مەشھۇر كىشى بولۇپ تونۇلۇپتۇ ۋە كىشىلەر ئۇنى ئەۋلىيا دەپ چوقۇنۇپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ شاھ مەشرەپ زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى بىر كەنتكە كېلىپ قاپتۇ، قارىغۇدەك بولسا بۇ يەردىكى كىشىلەر ئېرىق چېپىلىۋاتقانىكەن. ئۇ دېھقانلاردىن ئۆزىنى زەرەپشان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. دېھقانلار: _ سەندەك بەتبەڭگىنى دەريادىن ئۆتكۈزۈشكە كىمنىڭ چولىسى، يولۇڭغا ماڭ، - دەپتۇ. شاھ مەشرەپ: _ ئەرلىرىڭلار ئاش، ئاياللىرىڭلار تاش توشۇش بىلەن ئۆمرۈڭلارنى ئۆتكۈزگەيسىلەر، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ ئۇلارنى قارغاپ يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇ بېشىغا كۇلا، ئۇچىسىغا جەندە كىيىپ، ئۆشنىسىگە تالقان ئارتىپ، قولىغا ھاسا تۇتۇپ، بىر كەنتكە كەپتۇ. بۇ يەردىكىلەر شاھ مەشرەپنى «بەڭگە قەلەندەر» دەپ مازاق قىپتۇ. شاھ مەشرەپ بۇ يەردىن كېتىپ يەنە بىر يەرگە كەلسە، بىر ئايال ئوسما قويۇپ ئولتۇرغۇدەك، بۇ ئايالمۇ ئۇنى مازاق قىپتۇ. شاھ مەشرەپ ئۇنى كۆرۈپ: «كۆزۈڭلار جىرتاق بولۇپ قالسۇن» دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كەنتكە ياز كۈنلىرى قىيان كېلىپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى تىندۇرۇپ بۇزۇپ تۇرار ئىمىش، ئۇ يەردىكىلەر ھوسۇل ئالالماي ئەرلىرى باشقا يەرلەردىن ئاشلىق توشۇسا، ئاياللىرى تاش توشۇپ توسما ياساپ، ئېرىق چاپار ئىمىش، شۇنداقلا ئۇ يەردىكى كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كۆزى جىرتاقمىش. يەنە بىر رېۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ كەنتتىكى كىشىلەر شاھ مەشرەپنى دەريادىن ئۆتكۈزۈشكە ئۇنىمىغاندىن كېيىن ئۇ دەريا بويلاپ مېڭىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بىر قېرى ئادەم «بۇ بەڭگە قەلەندەر دەريادىن قانداق ئۆتەركىن» دەپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. قارىسا شاھ مەشرەپ دەريا بويىغا كەلگەندىن كېيىن قولىدىكى ھاسىسىنى بىر سىلكىپتىكەن، ئۇ بىر ئاق غازغا ئايلىنىپتۇ - دە، شاھ مەشرەپ ئۇنىڭغا مىنىپ دەريادىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ قېرى كىشى دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ شاھ مەشرەپنىڭ دەريادىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. باشقىلار بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويمىغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ. شاھ مەشرەپ دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن تاشقورغاننىڭ زەرەپشان بويىدىكى تاغلىق يېزىغا كەپتۇ. شۇ يەردىكى خەلق ئېرىق ياساۋاتقانىكەن. شاھ مەشرەپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنى داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ئىلتىماس قىپتۇ. دېھقانلار ئۆزلىرى چېپىۋاتقان ئېرىقنىڭ بىر تىك قىياغا ئۇدۇل كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن سۇنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە ئەقلى يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئادەم قوشۇپ داۋاندىن ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شاھ مەشرەپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىدىن خۇرسەن بوپتۇ ھەم ئۇلارغا «سىلەر غەم قىلماڭلار، سۇنى قىيادىن مەن ئۆتكۈزۈپ بېرەي» دەپتۇ - دە، ھاسىسى بىلەن قىيانى بىر ئۇرغانىكەن، قىيا ئوتتۇرىسىدىن بۆلۈنۈپ سۇ راۋان ئېقىشقا باشلاپتۇ. شاھ مەشرەپ ھاسىسىنى ئېرىق بويىغا تىكلەپتىكەن، ئەتىسى ئۇ بىر تۈپ تېرەك بولۇپ كۆكلەپ چىقىپتۇ. قىيانىڭ ئوتتۇرىدىن ئېلىنغان ئېرىق ۋە ھېلىقى تېرەك تا ھازىرغىچە شۇ يەردە بار ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلار ئۇنىڭغا ئادەم قوشۇپ داۋاندىن ساق سالامەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ كەنتتىن تاشقورغانغا بارىدىغان يول يوق ئىكەنمىش، شاھ مەشرەپ تۇنجى سەپەر قىلغاندىن كېيىن يول ئېچىلىپتۇ. مەشرەپ بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان دېھقان قارا بادرەك دېگەن داۋانغا قاراپ ئۆرلەپ داۋان بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ داستىخان سېلىپ ئوزۇق - تۈلۈك چىقىرىپ غازالىنىپ بولغاندىن كېيىن داستىخاننى قېقىپتىكەن، شامال نان ئۇۋاقلىرىنىڭ كۆپرەكىنى ۋاچا تەرەپكە، ئازراقىنى بورۇمسال تەرەپكە ئۇچۇرتۇپتۇ. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ۋاچىدا ئاشلىق كۆپ بولىدىكەن، بورۇمسالدىن ئاشلىق ئاز چىقىدىكەن. مەشرەپ داستىخان يايغان ھېلىقى ئېگىزلىكتە ھەرقانچە كۆپ قار ياغسىمۇ، قار بېسىۋالمايدىكەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاچىغا بارىدىغان يول ئېچىلىپتۇ. بۇ يول ئېگىز، مۈشكۈل ۋە تاشلارنىڭ رەڭگى قارا بولغانلىقى ئۈچۈن شاھ مەشرەپ بۇ يەرگە «قارا بەدرەك» دەپ نام قويۇپتۇ. (2) بابا رەھىم مەشرەپ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى، سەئىد دەپ ئاتىغان ئاپاق خوجىغا مۇرىت بولغانىكەن. ئۇ خوجا ئالدىدىكى ساداقەتلىك بىلەن قىلغان خىزمىتىگە مۇناسىپ «شاھ» مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئاپاق خوجىدىن ئازار يەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قەلەندەرچە ياسىنىپ خوتەن سەپىرىنى باشلاپتۇ. ئۇ خوتەن يەرلىرىنى كېزىپ ماچىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى «شەھىرى تىلسىمات» خارابىسىگە كەپتۇ. بۇ يەردە ئۇلۇغلىرىمىز توغرىسىدىكى جەڭنامە، رېۋايەتلەرنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن «ئىمامى جەئپىرى سادىق يۈرگەن يول» دېيىلگەن دۆڭنى بويلاپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ بۇ دۆڭنىڭ بېشىغا ئاز قالغاندا يولدىن چەتلەپ كېتىپ قاپتۇ. ئورمانلىقتا يا بىرەر ئادەمنى ياكى يولنى تاپالماي، تېنەپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئاخىر دار راسلاپ ئېسىلىپ ئۆلۈشكە تەرەددۇت قىلىپ، «ئەي خۇدا، يا جېنىمنى ئال، ئىمامى جەئپىرى سادىقنىڭ نامۇ نىشانىنى ئاشكارا قىل!» دەپ خۇداغا مۇناجات قىلىپ، توغراق ئۈستىگە چىقىپ، ئارغامچىنىڭ ھالقىسىنى بوينىغا سېلىپ، يەرگە سەكرەپتۇ. ئەسلىدە مەشرەپ ئېسىلىپ ئۆلۈشى كېرەك ئىكەن، لېكىن توغراقنىڭ شۇنچە توم پۇتىقى ئاجايىپ سادا چىقىرىپ، يەرگە ئېگىلىپ، مەشرەپنىڭ پۇتى يەرگە تېگىپ قاپتۇ. مەشرەپ بۇنى خۇدادىن كەلگەن كارامەت دەپ ئويلاپ، توغراق ئۈستىگە چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، يىراقتا چوقچىيىپ تۇرغان دۆڭنى، يەنە ئۆزى مېڭىپ كەلگەن دۆڭنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى كۆرۈپتۇ. «مانا ئىمامى جەئپىرى سادىقنىڭ نامۇ نىشانى ئايان بولدى» دەپ، شۇ يەردە «ئىمامى جەئپىرىم سادىق» دېگەن مۇخەممەسنى ئوقۇپ، سوپىلىرى بىلەن ھەلقە تۈزگەن پېتى ئىمامى جئپىرى سادىق مازىرىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ. مازارغا يېتىپ بارغان چاغدا بىر تالدىن ىادىنى تىكلەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاۋاپ قىلغۇچىلار بۇ مازارغا بىر خادا، ھېچ بولمىسا بىر تال ياغاچ ياكى بىر تال قىرلىق تاشنى تىكلەش ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. مەشرەپ ئېسىلغان ھېلىقى توغراق تاۋاپچىلار مازارغا كېلىشتىن ئىلگىرى تاۋاپ قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپتۇ. ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، ئۆز رەقىبىدىن ئۆچ ئېلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن كىشى مۇشۇ توغراق تۈۋىگە كېلىپ، شېخىغا ئېسىلىپ، خۇداغا مۇناجات قلىسا، ھاجىتى راۋا بولار ئىمىش. پۇتىقىنى يىرسا كۈشەندىسى ئۆلەرئىمىش. مەشرەپ بۇ يەردىكى كۈنلىرىدە بىر گەمە قازدۇرغان ۋە بۇ يەردە «چىن - ماچىن» دېگەن غەزەلنى يازغانىكەن، بىر گۈلخان ئۆيى ياسىتىپ، ئۆزى ئوت يېقىپ چىن - ماچىن دېگەن غەزەلنى ئاھاڭغا سالغانىكەن. ئۇنى تەمبۇر، داپ، ساپايى، يالغۇزەك (نەي) لەرنىڭ كۈي ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ «ھۆكمەت» قىلغان، مۇرىتلىرى ساما سالغان، بۇ گۈلخاننىڭ ئوتى يېقىلغاندىن ھازىرغىچە يانغىنى ئۆچۈرۈپ قويۇلمىغان. «چىن ماچىن» «مەن باراي»، «ئىمامى جەئپىرىم سادىق» قاتارلىق غەزەل - مۇخەممەسلەر ھەر كۈنى گۈلخان ئەتراپىدا ئوقۇلۇپ، ساز ۋە «ئاللاھۇ» تەڭكەش سادالىرى ئارقىسىدا زىكرى - سۆھبەت قىلىش، تا ھازىرغىچە ئاەت بولۇپ كەلگەن. سەيلە - ساياھەت توختاپ قالغان كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى مەشرەپكە مۇرىت ھېسابلايدىغانلار گەمىدە قونۇپ، گۈلخان ئۆيىدە نەغمە - ناۋا قىلىپ، «ھۆكمەت» ئوقۇپ، گۈلخاننى ئۆچۈرمەي كەلگەن. بۇ گۈلخان مەشرەپ زامانىدىن تا بۇ دەۋرگىچە يېنىپ تۇرغانمىش.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت