UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئەلىشىر بىلەن بۇلبۇل

ئەلىشىر بىلەن بۇلبۇل

رېۋايەتلەر ئىلگىرىكى زاماندا غاياسىدىن كىچىك دېگەن ئادەمنىڭ ئەلىشىر ئىسىملىك ئوغلى بار ئىكەن. بالا كىچىكىدىن زېرەك بولۇپ ئۆسۈپتۇ. توققۇز ياشقا كىرگەندە شېئىر يېزىشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر ئۇ يازغان شېئىرلارنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان بوپتۇ. ئەمما، بالا يازغان شېئىرلىرىنىڭ ئاستىغا ئۆز نامىنى نېمىدەپ قويۇشنى بىلمەيدىكەنمىش. ئەلىشىر بىر كۈنى يېڭىدىن يازغان شېئىرىنى تاماملاپتۇ - دە، باغقا چىقىپ، چىرايلىق ئاۋازى بىلەن ئوقۇشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا باغدىكى مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان بۇلبۇل ئەلىشىرنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ياش شائىرنىڭ گاھ قۇڭغۇراقتەك جاراڭلىق، گاھ تاڭ شامىلىدەك مەيىن ئاۋازى بۇلبۇلنى ئۆزىگە مەوتۇن قىلىۋاپتۇ. بۇلبۇل دەرھال ئۇنىڭ يەلكىسىگە قونۇپتۇ - دە: _ ھەي، خۇش ئاۋاز شائىر، سەن ئوقۇغان شېئىرلار بۇلبۇللارنىڭ سەھەردىكى ناۋاسىدىنمۇ يېقىملىق ئىكەن، نامىڭنى بىلسەم بولامدۇ؟ _ دەپتۇ. _ مەن ئەلىشىر بولىمەن، - جاۋاب بېرىپتۇ بالا. _ بىلدىم - بىلدىم، يېڭى يېتىشكەن شائىر ئىكەنسەن - دە، ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە چىرايلىق بىر نام تاللاپ، شېئىرلىرىڭنىڭ ئاستىغا شۇ نامىڭنى قوشۇپ قويغىن. ئەلىشىرگە بۇلبۇلنىڭ «نەۋا» دېگەن سۆزى ياراپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يازغان غەزەللىرىنىڭ ئاستىغا «نەۋائى» دەپ يېزىپ قويىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئەلىشىر بىلەن بۇلبۇل | UyghurWiki | UyghurWiki