نەي قانداق پەيدا بولغان؟
رېۋايەتلەر
دۇنيا يارالغان ئاۋۋالقى چاغدا، ئادەم پانىيغا چۈشۈپ، بىر مەزگىل قوش ھەيدەپ دېھقانچىلىق قىلغان، مال باققان . ئۇ بىركۈنى ھېرىپ - چارچاپ قاتتىق زېرىكىپ كەتكەن، ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن چالىدىغان ساز يوق ئېتىزلىقتا ئۇخلاپ قالغان. ئۇ چۈش كۆرگەن، چۈشىدە بىر ھۆرى كېلىپ: «ئى ئادەم، سەن تائەت - ئىبادەتكە مەشغۇل بولۇشنى ئويلىماي، نېمىشقا ساز چېلىشنى ئارزۇ قىلىسەن؟ تەڭرىم سېنى ساز چېلىپ، تائەت ئىبادەتتىن مەھرۇم قالغان گۇناھىڭ ئۈچۈن جازا بەرمەكچىدى؛ توۋا قىلدىڭ، گۇناھىڭدىن كەچتى. سېنى باقىي دۇنيادىن پانىي دۇنياغا ھەيدەپ چىقاردى. بۇ ساۋاقنى نېمىشقا ئېسىڭدە تۇتمايسەن؟»دەپ ئادەمنىڭ ئاغزىدىن قولىنى سېلىپ، بىر نەرسىنى سۇغۇرۇپ ئاپتۇ، بۇ نەرسە ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، قان تېمىپ تۇرىدىكەن. ھۆرى دەرھال زىمىندىكى تۇپراقتىن لاي ئېتىپ، بۇ ئىككى غېرىچ نەرسنىنڭ ئۈستىنى لاي بىلەن سۇۋاپ قويۇپتۇ. «تۇتقىن»دەپ ھېلىقى نەرسىنى ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئادەم قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىگەقارىسا، ئىچى كاۋاك ئىكەن. ئادەم ھۆرىدىن :«بۇنى نېمە قىلىمەن» دەپ سوراپتۇ. ھۆرى: «بۇنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ، ئىچ - پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىڭ» دەپتۇ. ئادەم ئۇنى پۈۋلىگەنىكەن، ئاۋاز چىقماپتۇ. ھۆرى دەرھال ئۈشكە قويۇپ ئۇنىڭدىن تۆت تۆشۈك ئېچىپتۇ. ئادەم تۆشۈكتىن پۈۋلىگەنىكەن، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىپتۇ. ئادەم قورقۇپ كېتىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. ھۆرى ئادەمنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قولىدىكى بۇ نەرسىگە يەنە ئۈشكە قويۇپ، تۆت تۆشۈك ئېچىپتۇ. ئادەم ئۇنى يەنە پۈۋلىگەنىكەن، دەرھال خۇشاللىق ساداسى ئەكس ئېتىپتۇ. ئادەم خۇشال بولۇپتۇ. شۇ چاغدا ئادەم ھۆرىگە دەپتۇ: «ئى قىز، بۇنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە خەۋەر يەتكۈزسىڭىز» ھۆرى: «سىز سازغا ئامراق ئەمەسمىدىڭىز؟ شۇ سەۋەبتىن، تەڭرى سىزگە بۇنى چېلىشقا ئەمىر قىلدى. ئاۋۋالقى تېشىلگەن تۆت تۆشۈكتىن ئازابنىڭ نەقەدەر ھەيۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيسىز، بۇ دوزاخنىڭ ئالامىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ. كېيىنكى تېشىلگەن تۆشۈك خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ جەننەتتىكى قۇشلارنىڭ سايرىسىشىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇنى سىزنىڭ كانىيىڭىزدىن سۇغۇرۇپ ئالدىم، پانىي دۇنيادا چالغايسىز» دەپ غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. ئادەم ئويغىنىپ قارىسا، چۈشىدە ھۆرى بەرگەن نەرسە بارئىكەن. ئادەم ئۇنى بىر مەزگىل چاپتۇ. تائەت - ئىبادەتتىن قاپتۇ، تەڭرى بۇنىمۇ چېلىشنى چەكلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت پەيغەمبەر زامانىسىغا كەلگەندە، نەينىڭ ئەسلى سىرى ئاشكارىلىنىپتۇ. شۇ زاماندا، ئادەم چالغان بۇ نەينىڭ ئاۋازى قومۇشنىڭ تېنىگە سىڭىپ كەتكەچكە ھەم بۇ يېقىملىق ئاۋازنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغاچقا، ئىچى كاۋاك بولۇپ قالغانىكەن.
رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ساتار ئادەم شەكلى، نەي بولسا ئادەمنىڭ كانىيى ئىكەن. پۈۋلىگەندە چىققان ئاۋاز يۈرەك قېتىدىن كاناي ئارقىلىق چىقىپ، يەنە كانايغا كىرىپ خاپىلىقتىن، خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدىكەن. نەي قومۇشتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىدە بولمايدىكەن. چۈنكى، ئۇمۇ ئادەم چالغان نەينىڭ ئاۋازىنى يېرىم - يارتا تېنىگە سىڭدۈرۈۋالغانىكەن. باشقا گىياھلار ساز چالغاندا ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەچكە، نەينىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىكەن.