UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمۈشۈكنىڭ دۈمبىسى نېمە ئۈچۈن يەرگە تەگمەيدۇ؟

مۈشۈكنىڭ دۈمبىسى نېمە ئۈچۈن يەرگە تەگمەيدۇ؟

رېۋايەتلەر ئىلگىرىكى زاماندا، ئۇلۇغلارنىڭ دەۋرىدە ئادەم كۆپىيىپ كېتىپ پۈتۈن جاھان ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئاللا داۋۇت پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ مۇنداق دەپتۇ: _ ھەي داۋۇت، مەن ئۆز قۇدرەت ئىلاھىم بىلەن پۈتۈن جاھاننى سۇغا تولدۇرىمەن. جاھاندىكى پۈتۈن ئادەملەرنى سۇغا غەرق قىلىۋېتىمەن، سەن دەرھال بىر ئۆردەك سىياقىدا كېمە ياساپ كېمىگە چىق، - دەپتۇ. داۋۇت پەيغەمبەر كېمىنى ياساپ مۈشۈكى بىلەن كېمىگە چىقىپتۇ. پۈتۈن جاھاننى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. داۋۇت پەيغەمبەر كېمە بىلەن سۇ ئۈستىدە ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ. بىركۈنى كېمىگە سۇ كىرىۋاتقۇدەك، قارىسا كېمىنى يەملىگەن تاختاي ئارىسىدىن بىر چاشقان تۆشۈك ئاچقانىكەن، شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەيغەمبەر چاشقاننى تۇتماقچى بولۇپتۇيۇ، زادىلا تۇتالماپتۇ. ئاخىر مۈشۈكنى جورىغانىكەن، مۈشۈك دەرھال چاشقاننى تۇتۇپ داۋۇت پەيغەمبەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇپتۇ. داۋۇت پەيغەمبەر بۇنداق جىددىي پەيىتتە خەۋپ - خەتەردىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان مۈشۈككە قاراپ: _ ھەي خۇدانىڭ جانۋىرى، بۇندىن كېيىن دۈمبەڭ يەرگە تەگمىسۇن، يېيىشىڭ تەييار تاماق، يېتىشىڭ ئىسسىق كاڭ بولسۇن، -دەپ دۇئا قىلغانىكەن. ئاللاتائالا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ. شۇندىن كېيىن مۈشۈكنىڭ دۈمبىسى يەرگە تەگمەيدىغان، تەييار تاماقنى يەپ، ئىسسىق كاڭدا بەھۇزۇر ئۇخلاپ ياشايدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت