لەلى ئوت ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
بۇرۇنقى زامانلاردا چەرچەندە قاتتىق يەر تەۋرەپ، جاھان ئىسسىپ چەرچەن دەرياسى قۇرۇپ كېتىپتۇ. سۇ بولنىمىغاچقا باغ - ۋاران، ئېتىز - ئېرىقلار تاشلىنىپ ، ئادەملەر ئارىسىدا ئاچارچىلىق باشلىنىپتۇ. ئادەملەر بىر - بىرلەپ ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. ئادەملەر ئارىسىدا بىر ئوتۇنچى بوۋاي بارئىكەن. ئۇ ئائىلىسى بىلەن بۇ جاينى تاشلاپ قۇم ئارىسىدىكى بىر نەملىككە بېرىۋاپتۇ. بۇ نەملىكتە بىر بۇلاق بار ئىكەن. ئۇلار شۇ بۇلاققا تايىنىپ ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. كېيىن ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغان يەنە بىر بۆلەك ئادەملەر بۇ جايغا كېلىپ ماكانلىشىپتۇ. بۇ جاينىڭ تۆت ئەتراپى قۇم بولغاچقا، تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمايدىكەن. بۇ جايدا «لەلى» دېگەن بىر خىل ئوت ئۆسىدىكەن. ئادەملەر بۇخىل ئوتنى يۇلۇپ ئەكېلىپ پىشۇرۇپ يەپتۇ. يىل بويى مۇشۇ ئوتنى يەپ ئاچارچىلىقتىن ئامان قاپتۇ. كېيىن جاھان ئىللىپ چەرچەن دەرياسىغا سۇ پەيدا بوپتۇ.كىشىلەر قۇم ئوتتۇرىسىدىكى بۇ نەملىكتىن ئۆز ماكانىغا قايتىپ، يەرلىرىنى قايتىدىن تېرىپتۇ. چەرچەندە قايتىدىن ھاياتلىق باشلىنىپتۇ. كىشىلەر ئارىسىدا ئاشۇ چاغىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ خاتىرىسى بولۇپ:
لەلى دېمەن بىزنى،
يىلغا چىقارغان سىزنى.
ئارپا ئوسۇرغاقنى كۆرۈپ،
ئۇنتۇپ قالماڭ بىزنى.
دېگەن سۆز قالغانىكەن.