شاتۇتى ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
بۇرۇنقى زاماندا، بىر مەھەللىدە بىر ئەر - خوتۇن ئۆتكەنىكەن. بۇلارنىڭ ئىناق، باياشات تۇرمۇشىغا ھېچقانداق كىشىنىڭ تۇرمۇشى يەتمەيدىكەن. بۇلار: «قايسىمىز بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسەك، ھايات قالغىنىمىز بۇ دۇنيانى تاشلاپ، قىرىق يىل ئىستىقامەت قىلىپ ئاللادىن تىلەپ، ئۆلۈپ كەتكىنىمىزنى تىرىلدۈرىۋالىمىز» دېگەن قارارغا كېلىپتۇ.
بۇلار بىر مەھەللىدە چوڭ بولۇپ، كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاشىق - مەشۇق بولۇپ، ناھايىتى كىچىكلا تۇرمۇشلۇق بولغانىكەن. شۇنداق قىلىپ ئايالى ئەمدىلا ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئىرى ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، بۇ دۇنيالىقنى تاشلاپ قىرىق يىل ئىبادەت قىلىپ، ئاللادىن ئايالىغا قايتا ئۆمۈر ئاتا قىلىشنى تىلەپتۇ. ئاللا بۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزىر ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ ئايالىنى تىرىلدۈرۈپ بېرىپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئەر ئاتمىش ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئايالى ئەمىدىلا ئون توققۇز ياشتىكى چوكان ئىكەن.بۇلار يەنە تىرىكچىلىك قىلىشقا كىرىشىپتۇ. ھەرئىككىلىسى جاڭگالغا ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن بېرىپتۇ. ئوتۇن يىغىۋېتىپ ئېرى بىرئاز ھېرىپ قاپتۇ - دە،ئايالىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. شۇ ئەسنادا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەن بىر ئاتلىق شاھزادە بۇ يەرگە كېلىپ، ئايالدىن:
بۇ جاڭغالدا نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟ قۇچىقىڭىزدا تۇرغان بۇ ئادەم كىم؟ دادىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئايال ئۇيالغىنىدىن ئاتام ياكى ئېرىم دېيەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. شاھزادە يەنە:
قۇيۇڭ بۇنداق قېرىنى، ئاتقا مىنىڭ ، تاماشا قىلايلى، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئايال ئېرىنىڭ بېشىنى يەرگە قويۇپ شاھزادىنىڭ ئېتىنىڭ كەينىگە مىنىپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئېرىنى قىرىق يىل ئاللادىن تىلەپ بۇ دۇنياغا قايتا كۆز ئاچقۇزغىنىنى ئۇنتۇپتۇ. ئېرى بولسا بىر ئازدىن كېيىن ئويغىنىپ قارىسا خوتۇنى يوق، يىغلاپ - قاقشاپ ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ.بىر قانچە كۈن ئاران ئىزدەپ تېپىپتۇ. ئەمما، ئايالى خۇشياقماي ئېرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئۇ يەنىلا ئىمكانىيەت تاپسىلا ياش يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن قاچىدىغان ئەلپازدا ئىكەن. شۇ ئەسنادا خىزىر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇچراپتۇ.
خىزىر ئېيتىپتۇكى:
_ سىز ئارىنى ئۈزمەي ئاتمىش نەچچە يىلنى دۇنيانىڭ ئىشى بىلەن ئۆتكۈزدىڭىز، قېرىدىڭىز، ئايالىڭىز سىزدىن قىرىق يىل كەم ياشىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ياش، شۇڭا كۆڭلى ياش يېگىتنى خالىشى، يەنىلا قېچىپ كېتىپ سىزنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، سىز قېرىدىڭىز، خوتۇن دەيدىغان دەۋرىڭىزمۇ كېتىپ قالدى.بۇ ۋاپاسىز خوتۇنىڭىزنى بىر خىل قۇشقا ئايلاندۇرۇپ بەرسەم قانداق؟ - دەپتۇ.
_ ماقۇل، ۋاي بولىدۇ. - دەپتۇ ئەر. شۇنىڭدىن كېيىن خىزىر ئەلەيھسسالام قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ئايالنى شاتۇتى دېگەن قۇشقا ئايلاندۇرۇپتۇ.
_ بۇ قۇشنى بىلىكىڭىزگە قوندۇرۇپ، گەپ - سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىڭىزنى خۇش ئۆتكۈزۈڭ، - دەپتۇ خىزىر ۋە ئارقىدىنلا غايىپ بوپتۇ.
بۇ كىشى بولسا ئاخىرقى ئۆمىرىنى «شاتۇتى»دېگەن قۇشنىڭ يېقىملىق گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈپ خۇشال - خۇراملىقتا دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.