قوغۇن - تاۋۇز قانداق تارقالغان؟
رېۋايەتلەر
ئۆتكەن ئۇزاق زامانلارنىڭ بىرىدە، تەكلىماكاننىڭ بىر چېتىدە سېلىم ئىسىملىك بىر كىشى بولغانىكەن. ئۇ چىۋەر، ئەمگەكچان ئادەم بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتىدىكەن. ئۇ دائىم سەھەر، كەچ، چىڭقى چۈش ۋاقىتلىرى قالپىقىنى سايىۋەن قىلىپ، كەتمىنىنى ھەمراھ قىلىپ ئېدىر - سازلارنى رەتلەپ ئاغدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ سۇغىرىپ، ئۆز ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشال تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.
بىر يىلى، سېلىم بوۋاينىڭ تەلىيىگە قىلغان دېھقانچىلىقىدىن مول - ھوسۇل بولۇپتۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىلتىپاتىدىن چەكسىز خۇشال بولۇپ، دېھقانچىلىقتىن ئالغان ئىلتىپاتىدىن چەكسىىز خۇشال بولۇپ، دېھقانچىلىقتىن ئالغان مەھسۇلاتلىرىنى يىراق شەھەرلەرگە ئاپىرىپ سودىگەرچىلىك قىلىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇ راسا ئوخشىغان قوغۇن - تاۋۇزلاردىن بىر تاغارغا قاچىلاپتۇ - دە، خاسىيەتلىك بىر كۈنى ئات ھارۋىسىغا بېسىپ، يىراق شەھەرگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، كەڭ كەتكەن ئېكىنزارلىق كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپتۇ. ئۇ ئادەمزات بار يەرگە يېقىنلاشقىنىدىن خۇشال بولۇپتۇ. كەچ كىرىپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ، ئۇزۇن يول بېسىپ ھېرىپ كەتكەن ئاتلىرىنى يېزىنىڭ بىر چېتىگە تارتىپ ئارام ئېلىپ، ئەتىسى سەھەر يولغا چىقماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ئېتىنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، ھارۋا ئاستىدا ئولتۇرۇپ نان بىلەن قوغۇننى مەززە قىلىپ يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ - دە، كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
پېشانىسىگە ئاپتاپ تەگكەندىن كېيىن ئويغىنىپ قارىسا، كۈن چاشكا بولغانىكەن. ئەتراپتا قىر بېغىرلاپ سايرىشىۋاتقان تورغايلاردىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ دالانى ئارىلاپ يىراقتىكى كۆز يەتكۈسىز بۇغدايزارلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئاتلىرىنى بۇغدايلىق ئىچىدە ئوتلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بىر ئېتىز بۇغداينى يەپ يەرنى ئاقلاپ قويغان ئېتىغا راسا كايىپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ بىخەستىلىكىدىن قىلغان ئىشىدىن خىجىل بولۇپ، باشقىلارغا سالغانلىقىدىن ئۇيىلىپتۇ. نابۇت قىلىنغان زىرائەتلەرگە قاراپ ئېچىنىپتۇ. ئۇ زىيان بەدىلىگە ئوخشىغان بىردانە قوغۇن بىلەن بىر دانە تاۋۇزنى ئېتىزلىقتا زىرائەت ئىگىسىگە قالدۇرۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
ئەتىسى بىردېھقان ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى يوقلاپ كېلىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بىر ئېتىزنىڭ قاق ئوتتۇرىسى ئاق تۇرغۇدەك. ئۇ ھەيران بولغان ھالدا يېقىن بېرىپ قارىسا نېمىدۇر دۈگىلەك ئىككى نەرسە ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقانمىش. ئۇنىڭ نە كۆزى، نە پۇتى، نە ئېغىزىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەكمىش. ئۇ كىشى ئەجەبلەنگەن ھالدا: «بۇ ئېھتىمال بىر ۋەھشىي مەخلۇق ئوخشايدۇ، كىچىككىنە تۇرۇپ بىر ئېتىز بۇغداينى يەپ بولۇپتۇ» دەپتۇ -دە، ئاللا - چوقان كۆتۈرۈپ مەھەللىگە يۈگۈرۈپتۇ.
_ ھەي خالايىق، چاپسان بولۇڭلار! قولۇڭلارغا قورال ئېلىڭلار، يېزىغا بىر جۈپ مەخلۇق پەيدا بولۇپتۇ. دەرھال يوقاتمىساق زىرائەتلىرىمىزنى قالدۇرماي قىرىپ تاشلىغۇدەك . . .
تەرەپ - تەرەپتىن كىشىلەر يىغىلىپ: «دۈشمەن» گە قارشى قوراللىنىپ يېزىغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ. قارىسا راستتىنلا بىر ئېتىز زىرائەت يوق بولۇپ، ئېتىز ئاقارتىلغانىكەن. ئىككى نەرسە دەل ئېتىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈگۈلۈپ ياتقۇدەك. كۆپچىلىك ھەيران قاپتۇ - دە، غەزەبلىرىگە چىدىماي كالتەك - توقماقلاربىلەن ئۇ مەخلۇقلارنى دۇمبالاشقا باشلاپتۇ. زەربىگە ئۇچرىغان بۇ ئىككى نەرسە يەر بىلەن يەكسان بولۇپتۇ. سۇلىرى ئېقىپ، ئۇرۇقلىرى ھەر تەرەپكە چاچراپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر:
_ ئەييۇھەنناس، بۇ مەخلۇقنى كۆرمەمدىغان، قانلىرى يەرنى بويىۋەتتى. قورسىقىدىكى بالىلىرى نېمىدىگەن كۆپ - ھە! ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى تۇغۇلۇپ كۆپۈيۈپ كېتىدىغان بولسادېھقانچىلىق ئەتىۋايىمىزنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتۇپ تاشلايدىكەن.
_ ھېلىمۇ دەل ۋاقتىدا يوقىتىپتىمىز، - دېيىشىپتۇ ھەممەيلەن. ئۇلار خىلمۇ خىل پاراڭلار بىلەن قىلغان غەلبىسىدىن خۇشاللىنىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.
كېلىدىغان يىلى بۇ يېزىدا ئاجايىپ بىر ئىش بولۇپتۇ، ھەر تەرەپكە چاچراپ كۆمۈلگەن ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىقىپ، ئۇزۇن - ئۇزۇن پەلەك تارتىپتۇ، چېچەكلەپ خەمەكلەشكە باشلاپتۇ. ئۇ پىشىپ ۋايىغا يەتكەندىن كېيىن كىشى چۆچۈپ ئالالمىغۇدەك يوغىناپ ئېتىزلىقلاردا دۆۋلىنىپ يېتىشىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ مۆجىزىدىن ھەيران قېلىشىپتۇ. يېرىپ يەپ كۆرسە ئېغىزنى قورىغۇدەك شېرىن - شەربەتلىكمىش. ئۇلار ھەرتەرەپتىن تاغار - قاچىلىرىنى ئەكىلىپ ئۆيلىرىگە توشۇشقا باشلاپتۇ. كېيىن بۇ نەرسىلەرنى بىر كىشىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىشىپتۇ.
شۇندىن ئېتىبارەن قوغۇن - تاۋۇز تېرىپ سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوغۇن - تاۋۇز كەڭ ئىقلىمغا ئەنە شۇنداق تارقالغانىكەن.