UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئەنقاز شەھىرى

ئەنقاز شەھىرى

رېۋايەتلەر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ زەمىن يېزىسىدا ساكلار (تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان، ئىنتايىن قەدىمكى تارىخقا ئىگە «ئەنقاز» دېگەن بىر شەھەر بولغانىكەن. ئۇ «سۇلۇق» شەھىرى بەرپا بولۇشتىن ئىلگىرى بەرپا بولغان بولۇپ، دائىرىسى ئون مىڭ چارەك (ھازىرقى بىر مو يەرگە تەڭ)ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇ «ئوشۇقچۆل»، «ئەسكى»، «ئاقچاق»،«چىغمان» قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چىغمان شۇ شەھەرنىڭ مەركىزى ئىكەن. چىغماننىڭ جەنۇبىدىكى «قورۇل » دېگەن جاي شەھەرنى قوغدىغۇچى لەشكەرلەر تۇرىدىغان جاي ئىكەن. «چىنۋاغ» بولسا ئەنقاز پادىشاھنىڭ چارىبېغى ئىكەن. «ئەنقاز» شەھىرى توغرىسىدا خەلىق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت ساقلىنىپ كەلمەكتە. شەھەر خېلى ئاۋاتلاشقان مەزگىلىدە ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ قەدىمى ئەنقاز شەھرىگە يېتىپتۇ. ئۇلۇغ ياۋچىلار داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئەنقاز شەھرىگە رەسمىي بېسىپ كىرىپتۇ ۋە ئەنقاز شەھرىنىڭ پادىشاھىنىمۇ مەغلۇپ قىپتۇ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 150 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ). شەھەر خەلقى بىرنەچچە كۈن كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەن كۈچلۈك،يەرلىك لەشكەرلەر ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن شەھەر پادىشاھى ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. شەھەرنى قوغداۋاتقان لەشكەرلەر ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دۈشمەن بېسىپ كىرىۋاتقان جىددىي پەيتتە شەھەرگە تەرەپ - تەرەپتىن سۇ قويۇپ بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ياۋچىلارنىڭ قوماندانى قاتتىق غەزەبلىنىپ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلماقچى بوپتۇ. ئەمما، قومانداننىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان مۇشاۋىر قوماندانغا قاراپ : «بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنى بىر يولىلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئاقىللىق بولمىسا كېرەك، شۇنچە زور قوشۇن كېلىۋاتسا تەپ تارتماستىن شەھەرگە سۇ قويۇپ بەرگىنىگە قارىغاندا ئۇلار ساراڭ بولسا كېرەك»دەپتۇ. قوماندان بۇ سۆزدىن كېيىن مۇشاۋىرغا ئۇلارنىڭ ساراڭ ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىشقا بۇيرۇپتۇ. مۇشاۋىر خەلققە ۋاكالىتەن ئىككى كىشىنى تۇتۇپ كەپتۇ. بۇ دەل ئۈجمە پىششىقى ۋاقتى بولۇپ بىر لېگەنگە قارا ئۈجمە بىلەن قارا قوڭغۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، قومانداننىڭ ئالدىدا ھېلىقى ئىككى كىشىگە لېگەندىكى نەرسىلەرنى يېيشىكە بۇيرۇپتۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى راستىنلا نىرۋىسىدىن ئاداشقان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن قارا ئۈجمىنى قويۇپ قوڭغۇزنى يېيىشكە باشلاپتۇ. يەنە بىرى بولسا، دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە ئىشىلىتىۋاتقانلىقىنى پەملەپتۇ - دە، «تۇرغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، قاچقاننى ئاۋۋال يەيلى»دەپ، قېچىپ كېتىۋاتقان قوڭغۇزنى تۇتۇپ ئاغزىغا ساپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان قوماندان كۈلۈپ كېتىپ «راستتىنلا بۇلار ساراڭ ئىكەن»دەپ دەسلەپكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. گەرچە خەلق ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ۋەيران بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئەنقاز شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki