قاراخان تەڭرى ۋە كىشى
رېۋايەتلەر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، يەر - زېمىنمۇ، كائىناتمۇ يوق ئىكەن. قاراخان تەڭرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجدادى «كىشى» نى يارىتىپ، ئۇنى ئۇلۇغ كۆلنىڭ ئاستىدا ماكانلاشتۇرۇپتۇ. «كىشى» سۇ ئاستىدا ئۇزۇن يىللار ياشاپ، ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھېس قىپتۇ ۋە بەك ئازاب چېكىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشى قاراخان تەڭرىگە ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە تۇرىدىغان يەرگە چىقىرىپ قويۇشنى ئىلتىجا قىلىپ كۆپ يالۋۇرۇپتۇ. قاراخان تەڭرى «كىشى» نىڭ نالىسىگە چىدىماي ھەم يالۋۇرۇشلىرىدىن تەسىرلىنىپ، «كىشى»گە سەن دەسسەپ تۇرغان سۇنىڭ ئاستىدىكى تۇپراقتىن چامىڭنىڭ يېتىشىچە ئېلىپ، سۇ ئۈستىگە چىققىن، دەپ ۋەھىي قىپتۇ. «كىشى» بۇنىڭدىن بەك تەسىرلىنىپ، ئېتىكىنى تولدۇرۇپ تۇپراق ئېلىپ ھەم ئىككى قوۋزىغىمۇ ئېلىپ مىڭبىر جاپادا سۇ يۈزىگە چىقىپتۇ. قاراخان تەڭرى «كىشى» گە ئېتىكىڭدىكى تۇپراقنى قوي دېگەنىكەن، «كىشى» ئۇنى سۇ يۈزىگە قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن يەر - زېمىن ئاپىرىدە بوپتۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن «قوۋۇزۇڭدىكى تۇپراقنى پۈركە» دېگەنىكەن، ئېگىزگە قاراپ پۈركۈپتۇ. بۇنىڭدىن ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئاپىرىدە بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ «كىشى» ئالەمنىڭ ئاقساقىلى بوپتۇ. ئۇنىڭدىن ئەۋلادلار پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ نەسلى يوقىمايدىغان بوپتۇ.