UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكۈسەن خانى ئاچور (ئالپ چور)

كۈسەن خانى ئاچور (ئالپ چور)

رېۋايەتلەر قەدىمكى زامانلاردا ئۆتكەن كۈسەن خانى ئاچورنىڭ ئاجايىپ بىر خىل ماھارىتى بار بولۇپ، دەھشەتلىك ئەجدىھانى ئىتائەت قىلدۇرالايدىكەن. ئەينى چاغلاردا ئەجدىھانىڭ كاساپىتى تۈپەيلى ھەممە ئائىلىدە ئالتۇن - كۈمۈشم يامبۇلار يوقىلىپ تۇرىدىكەن. پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن، شەمشىرىنى ئېلىپ، شىمالىي تاغدىكى ئەجدىھا بار جايغا بېرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئەجدىھا ئۇخلاپ ياتقۇدەك. ئۇ ئويلاپتۇكى، مۇبادا مەن ئەجدىھانى بۇ خىل ھالەتتە ئۆلتۈرىدىغان بولسام، كىممۇ مېنىڭ كارامىتىمگە قول قويسۇن؟ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئەجدىھانى تىللاپ ئويغىتاي. شۇنداق قىلغاندىن كېيىن ئەجدىھا ئويغىنىپتۇ - دە، بىردىنلا بىر شىرغا ئايلىنىپ قاپتۇ. پادىشاھ بولسا ئەجدىھانىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇدەك، ئەجدىھا قاتتىق بىر ھۆركىرەپ، خۇددى بۇلۇتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ قىلچە ھۇدۇقماستىن «ئەگەر سەن ياۋاش بولۇپ ئەيۋەشكە كەلمەيدىغان بولساڭ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن» دەپ تەھدىت ساپتۇ. ئەجدىھا خاننىڭ ھەيۋىسىدىن قاتتىق كېتىپ، شاھقا: «مېنى ئۆلتۈرمىگىن، مەن سېنىڭ مىنىشىڭگە مۇۋاپىق كېلىمەن، قەيەرگە بېرىشنى خالىساڭ، سېنى شۇ يەرگە ئۇچۇپ ئېلىپ بارىمەن» دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خان دائىم بىر يەرگە بارماقچى بولسا، ئەجدىھانى مىنىپ سەپەر قىلىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كۈسەن خانى ئاچور (ئالپ چور) | UyghurWiki | UyghurWiki