UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئىتمۇ ئۇخلاپ قالىدىكەن

ئىتمۇ ئۇخلاپ قالىدىكەن

رېۋايەتلەر سادىرنىڭ يۇرتلۇقلىرىدىن بىرىنىڭ بەك يامان بىر ئىتى بار ئىكەن. ئۇ دائىم «مېنىڭ ئىتىم قىل قىمىرلىسا سېزىدىغان سەزگۈر، مەيلى كۈندۈزى، مەيلى كېچىسى بولسۇن يات كىشىنى پەقەت ھويلىغا كىرگۈزمەيدۇ، بۇنىڭ خاسىيىتىدىن قورۇدىن يىپ - يىڭنىمىزمۇ يۈتۈپ باقمىدى» دەپ كۆرۈنگەنلا كىشىگە داڭلايدىكەن. بىر كۈنى سادىرغىمۇ ئىتىنى ئېغىزى تالغۇچە ماختاپ بېرىپتۇ. سادىر ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىدىن كۈلۈپ: _ مەن سىلەرنىڭ قورۇغا تۇيدۇرماي كىرسەم قانداق قىلىسەن؟ - دەپتىكەن، ماختانغۇچى: _ قورۇدا نېمە بولسا شۇنى ئېلىپ چىقىپ كەت، - دەپتۇ. سادىر بىر كۈنى كېچىدە راسا يوغان بىر سېۋەت توقۇپ ئىچىگە گۆش تاشلاپتۇ. ئەلياتقۇ مەزگىلى بولغاندا، سېۋەتنى ئېلىپ ھېلىقى ماختانچاقنىڭ تېمىنىڭ تۈۋىگە بېرىپتۇ. سېۋەتنى دەرەخنىڭ شېخىغا ئىلىنغان ئارغامچىغا باغلاپ تامدىن ئارتىلدۇرۇپ قورۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپتۇ. گۆشنىڭ پۇرىقىنى سەزگەن ھېلىقى «يامان» ئىت كېلىپ، سېۋەتنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ، ھەدەپ گۆشنى يېگىلى باشلاپتۇ. بۇنى بايقىغان سادىر شاپپىدە ئارغامچىنى تارتقانىكەن، ئىت سېۋەت بىلەن بىللە كۆتۈرلۈپتۇ. ئاندىن ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى دەرەخنىڭ تۈۋىگە باغلاپ قويۇپتۇ، ئىت سېۋەت بىلەن بىللە ئېسىلىپ قاپتۇ. سادىر خاتىرجەم ھالدا قورۇنىڭ ئىچىگە كىرسە، تازا سېمىز بىر توپاق كۆشەپ ياتقانىكەن. سادىر باشقا نەرسىلەرگە تەگمەي، يالغۇز توپاقنى يېتىلەپ چىقىپ ئۆيگە ئاپىرىپ باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى كوچىغا چىقىپ بايقۇغۇدەك بولسا، ھېلىقى ماختانچاق ھەر كىمگە «بۈگۈن كېچە مېنىڭ بىر توپىقىمنى ئوغرى ئېلىپ كېتىپتۇ» دەپ يۈرگۈدەك. سادىر بۇنى ئاڭلاپ ئاتايىن ئۇنى ئىزدەپ بارغانىكەن، سادىرغىمۇ توپاقنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىپتۇ. سادىر چاندۇرماستىن: _ سېنىڭ يىپ - يېڭنىنىمۇ ئالدۇرمايدىغان خاسىيەتلىك ئىتىڭ بار ئىدىغۇ، يەنە قانداق قىلىپ توپىقىڭنى ئوغرى ئېلىپ كېتىدۇ؟ - دەپتۇ. ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ: _ ئىتمۇ ئۇخلاپ قالىدىكەن، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئىتمۇ ئۇخلاپ قالىدىكەن | UyghurWiki | UyghurWiki