UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئازنا مەسچىت

ئازنا مەسچىت

رېۋايەتلەر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەسەبى ۋە ئىسلامغا بەيئەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تۈرلۈك رېۋايەتلەر بار. رېۋايەت قىلىنىشىچە: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى بازىرخان بولۇپ، بازىرخاننىڭ دادىسى كول بىلگە قاراخان ئىكەن. كول بىلگە قاراخاننىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى بازىرخان، كىچىك ئوغلى خاقان ئوغۇلچاق ئىكەن. ھىجىرىيىنىڭ 280 - يىلى (مىلادى 893 - يىلى ) ئىسلام دىنىغا كىرگەن سامانى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ئىسمائىل بىننى مەھمۇد بىلەن خاقان ئوغۇلچاق ئوتتۇرىسىدا تالاش شەھرىنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بېرىپتۇ. ئۇرۇشتا ئىسمائىل سامانى غەلىبە قىلىپ، خاقان ئوغۇلچاقنىڭ ئون مىڭ ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئون بەش مىڭ ئەسكىرى ئەسىر قاپتۇ. خاقان ئوغۇلچاقنىڭ خوتۇنىمۇ ئىسمائىل سامانىغا ئەسىر بولۇپ قاپتۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى بازىرخان تارىخى ھىجرىيە 302 - يىلى ئۆلۈپتۇ. بۇ دەھشەتلىك مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بازىرخاننىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسى ۋە خاقان ئوغۇلچاقنىڭ قالغان ئازغىنا ھەربىي قىسمى تالاستىن چېكىنىپ قەشقەرگە كەپتۇ. قەشقەر تېخى ئىسلامغا كىرمىگەنىكەن. سۇتۇق بۇغراخان قەشقەرگە كەلگەندە تېخى كىچىك بالا ئىكەن. ھىجرىيىنىڭ 292 - يىلى (مىلادى 904 -، 905- يىللار) خاقان ئوغۇلچاق سامانى خانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ سامانى خانلىقىغا نارازى بولۇپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئاپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سامانى خانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى بار ئىكەن. خاقان ئوغۇلچاق بۇ كىشىنى ئاتۇشنىڭ باققۇ دېگەن جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. خاقان ئوغۇلچاق قەشقەردە سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ ئاكىسى بازىرخاننىڭ ئايالى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسىنى ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۆگەي دادىسى خاقان ئوغۇلچاق سامانى خاندانلىقىغا قارشى زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچ توپلاشقا كىرىشىپتۇ. رېۋايەت قىلىنىشچە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىر كۈنى ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوتتۇز توققۇز ھەمراھى بىلەن باققۇ (ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان پادىشاھلىق ئوۋ مەيدانى)غا كەپتۇ. ئۇ بۇ يەردە باشقىچە كېيىنگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈنپېتىش تەرەپكە باش قويۇۋاتقانلىقىنى، بىر تەرەپتە نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ قارىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. بۇ ئىشىنىڭ تەكتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نامىزى تۈگۈگىچە ئات ئۈستىدە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. ناماز تۈگىگەندىن كېيىن ئەبۇ ناسىر سامانى بىر ياش شاھزادە ۋە ئوتتۇز توققۇز ئاتلىق چەۋەندازنىڭ ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ شاھزادىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، شاھزادە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئاتتىن چۈشۈپ ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سالاملىشىپتۇ. ئۇلار بىر - بىرىنىڭ ئىسمى - شەرىپىنى سورىشىپتۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى ئالدىدا تۇرغان بۇ كىشىنىڭ شاھزادە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ياش شاھزادە ئەبۇ ناسىر سامانىدىن قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن غەرب تەرەپكە قاراپ باش ئۇرغانلىقىنى، شۇنچىۋالا مال - دۇنياسىنى بىر چەتكە چۈشۈرۈپ قاراشقا ئادەم قويمىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەبۇناسىر سامانى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياش شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ ھەمدە ئېلىپ كەلگەن ماللىرىدىن تاللاپ شاھزادىگە سوۋغات قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياش شاھزادە ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىپتۇ. شۇ كۈنى نامازدىگەر ۋاقتىغىچە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوتتۇز توققۇز ھەمراھىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارقا - ئارقىدىن بەيئەت قىپتۇ. ياش شاھزادە بۇ دىنىي بەيئەتنى ھېچقانداق كىشىنىڭ خاقان ئوغۇلچاققا پاش قىلىپ قويماسلىقىنى، ئەگەر پاش قىلىپ قويسا ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ھەممىسىدىن ۋەدە ئاپتۇ. شۇ كۈنى ئۇ ئەبۇناسىر سامانى بىلەن خوشلىشىپ ناھايىتى خۇشال ھالدا قايتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار مەخپىي ھالدا ئوۋ قىلىش نىقابى بىلەن باققۇدىكى قارادۆڭ ئۈستىگە كېلىپ ئەبۇ ناسىر سامانىدىن ئىسلام تەلىماتلىرىنى ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىش خاقان ئوغۇلچاقنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇ چاغدا خاقان ئوغۇلچاق چوڭ بۇددىست بولۇپ، بۇددا تەلىماتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە قەتئىي ھىمايىچىسى ئىكەن. خاقان ئوغۇلچاق بۇ ئىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بىر كۈنى كەچتە خوتۇنى (سۇتۇقنىڭ ئانىسى)غا: «بالىڭىزنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ھەققىدە كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى. شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك» دەپتۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسى خاقان ئوغۇلچاققا:«بالامنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت يوق، شۇڭا ئاۋۋال سىناپ كۆرسەك، سىناقتىن ئۆتەلمىسە ئاندىن بىر نەرسە دېسەڭلار!» دەپتۇ. ئەتىسى خاقان ئوغۇلچاق ئوردىغا بارلىق ئەمەلدارلارنى يىغىپ ئۇلاردىن بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ. بازىرخان ھۇزۇرىدا ئەمەلدار بولغان بىر كىشى مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:«بىز بىر بۇتخانا سالايلى، سۇتۇق بۇغراخان شۇ بۇتخانىغا كېلىپ ئۇلىغا خىش، تاش بېسىپ بەرسۇن، خىش بېسىپ بەرسە بىز خاتىرجەم بولايلى، خىش بېسىپ بەرگىلى ئۇنىمىسا ئۆلتۈرەيلى» دەپتۇ. بۇ مەسلىھەتنى خاقان ئوغۇلچاق قوبۇل قىپتۇ، بۇ خەۋەر دەرھال سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇ كېچىلەپ باققۇدا تۇرۇۋاتقان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى :«ئەي شاھزادە، ئەتە بۇتخانا قۇرۇلىدىغان ئورۇنغا بېرىپ خىش قويغاندا بىسمىللاھىر رەھمانىرەھىم، بەنت ئازنا مەسچىت بولسۇن، دەپ خىش قويۇۋېرىڭ» دەپتۇ. شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ خۇشال قايتىپ كەپتۇ. ئەتىسى ئوغۇلچاق ئوردىدىكى پۈتۈن ئەمەلدارلارنى ئېلىپ ھازىرقى مەھشەت كەتنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمباغ دېگەن جايغا سېلىنىدىغان بۇتخانا ئالدىغا كەپتۇ. شۇ كۈنى نۇرغۇن بۇددىست ئۇيغۇرلارمۇ بۇ جايغا توپلىنىپتۇ. خاقان ئوغۇلچاق كۆپچلىكنىڭ ئالدىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا قاراپ :«ھەي ئوغلۇم، سىزنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى دەيدىغان گەپ - سۆزلەر بار. ئەگەر ئۇ بۇتقا سادىق بولسىڭىز سىز دەسلەپتە بۇ بۇتخانا ئولىغا خىش بېسىپ بېرىڭ، خىش بېسىپ بەرسىڭىز مەندىكى گۇمان تۈگەيدۇ» دەپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان قولىغا خىشنى ئېلىپ «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، بەنت ئازنا مەسچىت بولسۇن» دەپ خىش بېسىپتۇ. ئۇ تۆتىنچى خىشنى قولىغا ئالغاندا، خاقان ئوغۇلچاق:«ئەي ئوغلۇم، بولدى خىش باسماڭ، مەن ئىشەندىم، بۇ يەردىن كېتىڭ» دەپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ يەردىن قايتىپتۇ. ئۇ ئوۋ قىلىش باھانىسى بىلەن ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ ھەمدە خاقان ئوغۇلچاقنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ ئىسلام دىنىنى ئاشكارا تارقىشىتنى تەلەپ قىپتۇ، ئەبۇ ناسىر سامانى ماقۇل كۆرۈپتۇ، بىر قاراڭغۇ كېچىدە سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ئوردىنى ئىشغال قىپتۇ. تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئات ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى غەنىمەت ئاپتۇ. ئەتىسى ئاشكارا ھالدا ئەزان ئېيتىلىپ ناماز ئوقۇلۇپتۇ، شۇكۈنى نۇرغۇن خەلق مۇسۇلمان بوپتۇ. قۇمباغدىكى خاقان ئوغۇلچاق سالدۇرغان بۇتخانا دەرھال مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ مەسچىت نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت