ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقى نېمىشقا ئۆرە بولۇپ قالغان؟
رېۋايەتلەر
ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقى ئەسلىدە قوينىڭ قۇيرۇقىدەك يەرگە قاراپ تۇرىدىكەن. نوھ ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىگە توپان بالاسى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزى ياسىغان كېمىگە جاھاندىكى ھەر بىر ھايۋاندىن بىر جۈپتىن سېلىش نىيىتىدە ئۆچكىنى كېمىگە ھەيدىگەنىكەن، ئۆچكە كېمىگە چىققىلى ئۇنىماپتۇ، نوھ ئەلەيھىسسالام ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ تاتىپ كېمىگە ساپتۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقى ئۆرە بولۇپ قالغانىكەن.