خورخان ۋە قىزىل گوشۇ، قارا گوشۇ
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زاماندا تۈبۈتلەر ئۇيغۇرلارنى «خور»، ئۇنىڭ پادىشاھىنى «خورخان» دەپ ئاتايدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى، خورخان شىمال تەرەپتىكى ئەللەرنى چارلاپ - تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن بەش كىشىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز پادىشاھىغا مۇنۇلارنى مەلۇم قىپتۇ:
بۇ ئەلنىڭ شىمالىدا ئوت ياندىغان قۇقتاغ بار. تاغنىڭ ئۇدۇلىدا تەڭرىتاغ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى بۆلەك بار. ۋۇكچۈرخانى بىلەن خالى خانىنىڭ دۆلەت كۈچى تازا يېتىلگەن زامانلاردا لەشكەر تارتىپ بۇ يەرگە ماڭغان بولسىمۇ يولى توسۇلۇپ قالغان. شۇ زاماندا بۇ ئىككى كىشى يولدىن ئېزىپ ئزىلەپ مېڭىپ بىر كارۋانغا يېتىشىۋېلىش ئاز قالغاندا بىر ئايال ئۇچراپ، ئۇلار بىلەن درۇگۇچە (تۈركچە) سۆزلىشىپتۇ. ئايال كىشى بۇ ئىككى خاننى پىنھان جايغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئوۋ ئوۋلىغاچ تۆگىلەرنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغان بىر تايغا يات ئادەم ھىدىنى سېزىپ قاپتۇ. ئايال كىشى ئۇلارنى تايغانغا باش ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. تايغا ئون تۆگىگە يېپىنچا ۋە قۇملۇق چۆلدىن ئۆتكەندە كېرەك بولىدىغان سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى يغكلەپ، بۇ ئىككى كىشىنى دەرۇگۇ ئېلىگىچە ئەكىلىپ قويۇپتۇ. بۇ يەردىكى تايغانلار ئەسلىدە ئاسماندىن چۈشكەنىدى. بىرى قىزىل، بىرى قارا ئىكەن. ئۇلار بىر جىلغىدا بىر چىشى بۆرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈپتۇ، تۇغۇلغان ئەۋلادلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى ئەي بولماپتۇ. ئاخىر ئۇلار يېقىن جايدىكى دەرۇگۇ ئاھالىلىرىدىن بىر چوكاننى ئوغرىلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈپتۇ. ئەۋلادلىرىنىڭ ئەركەكلىرىنى تايغاننىڭ سىنىنى ئاپتۇ، چىشىلىرى ئادەمنىڭ سىنىنى ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر توپ قىزىل ئاياللار قەبىلىسى قىزىل گوشو دەپ ئاتىلىپتۇ. قارا ئاياللار قەبىلىسى قارا گوشۇ دەپ ئاتىلىپتۇ. قارا ئاياللار قەبىلىسى قارا گوشۇ دەپ ئاتىلىپتۇ. تايغان سىنىنى ئالغان ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن دورۇگۇچە سۆزلىشىدىكەن، قەبىلىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئاياللار باشقۇرىدىكەن ۋە ئىشلىتىدىكەن.