ئويتوغراق
رېۋايەتلەر
1
كېرىيىدىكى ئويتوغراق بۇرۇن ئادەمزات يوق جاي ئىدى. كېيىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئادەملەر توپلىنىپ ئاتمىش ئائىلىك بىر يۇرتقا ئايلانغانىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئاتمىش ئويتوغراق دەيتتى. ئۇ چاغدا كېرىيىدە ئۈچ مىڭ ئائىلە بولغاچقا، ئۈچ مىڭ كېرىيە دەپ ئاتالغان.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى چوڭ توغراق ئەتراپىدا يەر تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ جان باقىدىغان بىر ئەر - خوتۇن بار ئىكەن. ئۇلار كېچىسى توغراقنىڭ كامىرىدا يېتىپ ، كۈندۈزى تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئارزۇلۇق، گۈزەل بىرلا يالغۇز قىزى بارئىكەن. بۇيۇرتقا بىر رەسسام كېلىپ قاپتۇ. ئۇ قىزنىڭ ھۆسنى لاتاپىتىدىن ھەيران بولۇپ، دەرھال قەلەم - بوياقلىرىنى ئېلىپ، قىزنىڭ رەسىمىنى سىزىشقا باشلاپتۇ. رەسىم ئەمدىلا سىزىلىپ بولۇشىغا، تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ، قويۇن چىقىپ رەسىمنى ئۇچۇرۇپ پادىشاھ شەھرىگە ئاپىرىپ تاشلاپتۇ. رەسىم پادىشاھ ھۇزۇرىدا ھازىر بوپتۇ. پادىشاھ بۇ پەرىزاتنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ غايىبانە ئاشىق بوپتۇ ۋە بۇ رەسىمدىكى پەرىزاتنى نەدە بولسا شۇ يەردىن تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىپتۇ. ئالتە يىل ئىزدەپ رەسىمدىكى بۇ پەرىزاتنى ھېلىقى چوڭ توغراق كامىرىدىكى ئۆيدىن تېپىپتۇ ۋە ئوردىغا كەلتۈرۈپ پادىشاھ ئەمرىگە ئاپتۇ. قىز ئوردىدا بەختلىك ياشاپ ئۆتۈپتۇ. بىر قانچە يىللاردىن كېيىن قىز ئاتا - ئانىسىنى سېغىنىپ، پادىشاھتىن رۇخسەت سوراپتۇ.
پادىشاھ مەلىكىنى بىللە ئېلىپ، قېيناتا، قېينانىسىنى يوقلاپ چوڭ توغراق كامىرىدىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بەزىلەر بۇ توغراقىنى «خان توغراق» دەپ ئاتاپتۇ، لېكىن توغراق كامىرىنى ئۆي قىلىۋالغان كىشىلەر بۇ يەرنى «ئويتوغراق» دەپ ئاتاپتۇ، بۇ ئىككى خىل ئىسىم بۇ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقىچە داۋام قىلىپ كەپتۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ «ئويتوغراق» دېگەن ئىسىم بۇ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ تارالغانىكەن.
رېۋايەت قىلىنىشىچە ، بۇ توغراقنىڭ ئىچىدىن چىققان ساھىبجامال پەرىزات تۆت يۈز قىرىق تۆت شەھەرنى سورىغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە پادىشاھ بولغانىكەن.
2
«ئويتوغراق»دېگەن سۆز بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى پەيدا بولغانىكەن. ئۇ چاغلاردا بۇ جاي پاناھسىز كەتكەن قۇملۇق ئىكەن، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر تۈپ توغراق بولۇپ، توغراقنىڭ ئەتراپى يۇلغۇنلۇق ئىكەن.
توغراققا يېقىن جايدا بىر بۇلاق بار ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئادەملەر خوتەن تەرەپتىن كېلىپ بۇ توغراق تۈۋىدە پاناھلىنىپتۇ. ئۇلار بىر - بىرىدىن توپلىنىپ، ئاخىر ئاتمىش نەچچە ئادەم بۇ جايغا ماكانلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئادەملەر بۇ چوڭ توغراقنى كەسكەنىكەن، توغراق كامىرىدىن يۈزىگە چۈمبەل تارتىۋالغان ساھىبجامال پەرىزات چىقىپتۇ. پەرىزات بۇ ئادەملەرگە «ئۆزۈڭگىمۇ قىڭدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ»دەپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. توغراقنى كەسكەن يەردىن قان ئېقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر رەڭگى ئۆچكەن ھالدا بۇجايدىن بەدەر قېچىپتۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ توغراقنى خان توغرىقى (خان توغراق) دەپ ئاتاپتۇ. كۈنلەر ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جاينى قۇم بېسىپ ھېلىقى توغراق قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ قاپتۇ. بىر قانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر «بۇ جايدا بىر توغراق بار ئىدى، قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان، خانمۇ غايىب بولغان، ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتتى، ئەمما بىزگە ھېچقانداق زىيان - زەخمەت يەتمىدى. توغراقنى كولاپ ئېچىپ كۆراپ باقساق» دەپ كولاشقا باشلاپتۇ، شۇنچە كولىسىمۇ توغراقنى ئاچالماپتۇ. ئاخىر ئۇلاربۇ بەكمۇ «ئويتوغراق» (چوڭقۇر كۆمۈلگەن توغراق) ئىكەن دېيىشىپ. كولاشنى توختىتىپتۇ.