UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتنۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى

نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى

رېۋايەتلەر شۇڭقار تېغىدا(قازاقىستان تەۋەسىدە) بىر ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى تار، ئىچىكى كەڭ ئىكەن. نۇزۇگۇم ئۆز نۇمۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن ياۋۇز سۇلاننىڭ گەجگىسىگە خەنجەر ئۇرۇپ، سىرتتا قېچىپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ئۆڭكۈردە پاناھلىنىپتىكەن. قورسىقى ئاچسا، ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى بال ھەرىلىرىنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ، ئوزۇقلىنىپ يۈرۈپتىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ، نۇزۇگۇمنىڭ شۇڭقار تېغىدىكى غاردا يۈرگەنلىكى چېرىكلەر ئۇقۇپ قىلىپ، تۇتۇپ كېلىشكە چىقىپتۇ. چېرىكلەر غارنى كۆرۈپ «بۇ قاچقۇننى ئەمدى توشقاندىنمۇ ئاسان تۇتىدىكەنمىز» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە بىر - بىرلەپ ئۆزلىرىنى ئېتىپتۇ. پاراسەتلىك نۇزۇگۇم ئالدىدا كىرگەن چېرىكنىڭ كۆكرىكىگە پەم بىلەن خەنجەر ئۇرۇپتۇ. چېرىك شۇ ھامان يېقىلىپ، قولىدىكى قىلىچى چۈشۈپ كېتىپتۇ. قالغانلىرى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشكە پېتىنالماپتۇ. نۇزۇگۇم ئۆلگەن چېرىكنىڭ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ چېرىكلەرگە قاراپ ئېتىلغانىكەن، ھەممىسى ئارقىسىغا قاراپ قېچىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۈستىلەپ نۇرغۇن چېرىك چىقىپ، ئۆڭكۈرنى مۇھاسىرەگە ئاپتۇ. چېرىكلەرنىڭ باشلىقى چېرىكلەرگە بۇيرۇق قىلىپ: _ ئىس قويۇپ، بۇرۇقتۇرما قىلىپ تۇتۇڭلار! - دەپتۇ. چېرىكلەر تەرەپ - تەرەپتىن ئوتۇن تېرىپ كېلىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىغا ئوت يېقىپتۇ. بىراق ئىس ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ ماڭماپتۇ. بۇنى كۆرگەن چېرىكلەرنىڭ باشلىقى يەنە: _ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى چېپىپ يوغىتىڭلار، - دەپ بۇيرۇپتۇ. چېرىكلەر قولىدا نېمە بولسا شۇنىڭ بىلەن ھە - ھۇ دېيىشىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى چېپىپ يوغىنىتىشقا كىرىشىپتۇ. نەچچە كۈن ئېتىشىپمۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى دېگەندەك يوغىنىتالماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چېرىكلەر ھەر بىرى قارىغايدىن مەشئەل يېقىپ، غارنىڭ ئىچىنى يۇرۇتۇپ، قاتار تىزىلىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. نۇزۇگۇم كىرگىنىنىڭ ئۇدۇللۇق كاللىسىنى ئاپتۇ. نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، نۇزۇگۇم ھالسىزلىنىپتۇ، ئاخىر دەرمانىدىن كېتىپ، يېقىلىپ قاپتۇ. ئامان قالغان چېرىكلەر بىھۇش ياتقان نۇزۇگۇمنى باغلاپ ئېلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆڭكۈر «نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى» دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى | UyghurWiki | UyghurWiki