ئېل ئىلتەر، كۆل ئېركىن ۋە قاراخان
رېۋايەتلەر
بۇندىن بىر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غايەت زور قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە كۆچۈپ كېتىشكا باشلاپتۇ. كۆچمىگەنلەر دەريا بويلىرىغا ئورۇنلىشىپ ئون توققۇز كىچىك خانلىق قۇرۇپتۇ. بۇ كىچىك خانلىقلار ئۆز مەنپەئەتلىرىنى سىرتقى دۈشمەنلەردىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دەريانىڭ غەربىدىكى ئون قەبىلە بىرلىشىپ بىر چوڭ خانلىق قۇرۇپ، ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى خان قىلىپ ئۇنىڭغا «ئېل ئىلتەر» (ئەل باشلىغۇچى) دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ بىرلەشمە خانلىقنى «ئون ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپتۇ. دەريانىڭ شەرقىدىكى توققۇز كىچىك خانلىقمۇ بىرلىشىپ، ئۆزلىرى سايلاپ چىققان خانغا «كۆل ئېركىن» (دېڭىزدەك ئېركىن) دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، «دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتاپتۇ. ئۇلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتلىرىنى ھەر قانداق كۈچلۈك دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن، ھېلىقى ئىككى بىرلەشمە خانلىق بىرلىشىپ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئۆزلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئادەمگە «قاراخان» (قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ، بۈيۈك خان) ئۇنۋانىنى بېرىپتۇ. بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ مەركىزى قەشقەر بولۇپ، ئۇنى «ئورداكەنت» دەپ ئاتاپتۇ.