قويلۇق ئاتام مازىرى
رېۋايەتلەر
قويلۇق ئاتام - پادىچى دېگەن مەندىكى سۆز ئىكەن، رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ كىشى يۇپۇرغا ناھىيە يۇپۇرغا يېزىسىدىكى خوجا ئابابەكرى دېگەن كىشىنىڭ قويچىسى بولۇپ، ئىسمى شاۋۇدۇن ئىكەن. بىر قېتىم خوجا ئابابەكرى مەككىگە بارسا، شاۋۇدۇنمۇ مەككىدە تۇرغۇدەك. خوجا ئابابەكرى مەككىدىن قايتىپ كىلىپ سۈرۈشتۈرسە، شاۋۇدۇن ھەجگە بارمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر شاۋۇدۇننى ئۇلۇغ كىشى دەپ قارىغان. ئۇ بۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. كېيىنچە بۇ يەر كىشىلەر تاۋاب قىلىدىغان ئۇلۇغ يەرگە ئايلىنىپ، قويلۇق ئاتام مازىرى دەپ ئاتالغان.