UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئات نېمىشقا ياتمايدۇ؟

ئات نېمىشقا ياتمايدۇ؟

رېۋايەتلەر بۇرۇنقى زاماندا، تۈلكە بىلەن بۆرە يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. بۆرە تۈلكىنىڭ بالىلىرىنى يەپ كېتىدىكەن. شۇڭا، تۈلكە بۆرىدىن ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە ئىزلەپتۇ. ئۇ بىر كۈنى بۆرىگە : گۆش يېگۈڭ كەلدىمۇ؟ - دەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ تۇرغان بۆرىگە راسا يېقىپتۇ ۋە ئالدىراپ: _ قېنى گۆش؟ - دەپ سوراپتۇ. تۈلكە: _ئەنە ئاۋا تاغنىڭ يېنىدا ياتقان ئاتنى كۆردۈڭمۇ؟ شۇ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئۆزۈڭنىڭ قۇيرۇقىنى چېتىپ قويۇپ يېگىن، -دەپتۇ. بۆرە خۇشاللىقىدا ئاتنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ -دە، ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى باغلاپتۇ. شۇ چاغدا ئات چۆچۈپ ئويغنىپ كېتىپتۇ. ئۇ بۆرىنى سۆرەپ ئۇچقاندەك قېچىپتۇ. بۆرە تاشلارغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئات ئۇخلىغاندا ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغان بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت