UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتيۇلغۇننىڭ غولى نېمە ئۈچۈن قىزىل؟

يۇلغۇننىڭ غولى نېمە ئۈچۈن قىزىل؟

رېۋايەتلەر يۇلغۇنلارنىڭ غولى ئەسلىدە كۆك ئىكەن. كۆرۈمسىز، تىكەنلىك بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى كۆرگەنلا يېرىدە يۇلۇپ تاشلايدىكەن. شۇڭا ئۇنى «يۇلغۇن» (يۇلۇپ تاشلىغىن) دەپ ئاتىغانىكەن. بىر قېتىمقى ئۇرۇشتا غەيرىي دىندىكىلەر ھەزرىتى ئىمامنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى ئاپتۇ. ئىمامنىڭ كاللىسىنى زىخقا سانجىپ ئاپىرىش ئۈچۈن جىمى دەرەخلەردىن زىخ ياساپ ئىمامنىڭ كاللىسىغا سانجىپتۇ، ھېچقايسىسى ئىمامنىڭ كاللىسىغا ئۆتكىلى ئۇنىماپتۇ. ئاخىر ئۇلار يۇلغۇننى كېسىپ كېلىپ زىخ ياساپ سانجىغانىكەن، ئىمامنىڭ كاللىسىغا ئۆتۈپتۇ. ئۇلار ئىمامنىڭ كاللىسىنى زىخ بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. يۇلغۇننىڭ غولى قىزىل بولۇشى ئىمامنىڭ قېنى يۇلغۇنغا تېمىپ قىزىل رەڭگە كىرگەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈنى ئاللاتائالا يۇلغۇندىن: _ جىمى دەرەخلەر ئىمامنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئۇنىڭ بېشىغا ئۆتمىدى، سەن نېمىشقا ئۆتتۈڭ؟ - دەپ قەستەن سورىغانىكەن، يۇلغۇن: _ ئىمام ئۆلگەندىن كېيىن جىمى دەرەخلەردىن زىخ ياساپ ئىمامنىڭ كاللىسى سانجىدى، ئۆتمىدى. قارىسام ئىمامنىڭ كاللىسىنى زىخ بولمىغاچقا، ئاتقا سۆرىتىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئاخىر مەندىن زىخ ياسىدى. مەن ئىمامنىڭ كاللىسىنى ئاتقا سۆرىتىپ خار قىلمىسۇن، ئۇنىڭدىن كۆرە ماڭا سانجىپ كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن دەپ ئويلاپ، ئىمامنىڭ كاللىسىغا ئۆتتۈم، - دەپتۇ. ئاللاتائالا بۇنى ئاڭلاپ: _ نامى يۇلغۇن بولسىمۇ، خار بولمىسۇن، چۆل - جەزىرىلەردە كۆپىيىپ ئۆسسۇن، تىكەنلىرى بولمىسۇن، ئادەملەرمۇ يۇلغۇننى ئەزىزلەپ، قۇرۇغاندا ئۇلاغلىرىغا ئارتىپ، يېقىلغۇ قىلسۇن، ئادەملەرنىڭ يېقىن ئۈلپىتى بولسۇن، - دەپ دۇئا قىلغانىكەن
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت