UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتەمبۇر، ئۇد ھەققىدە رېۋايەت

تەمبۇر، ئۇد ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر «تارىخى رەۋزە تۇسسافا» ۋە «تارىخى رەشىدى»دە ئېيتىلىشىچە، ياپەس بىننى نو ھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرك ناملىق بىر ئوغلى بار ئىكەن. بۇنىڭغا خۇدايىتائالا بىر ئوغۇل كارامەت قىپتۇ. ئىسمىنى خەرىز قويۇپتۇ. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، تۈلكە تۇتۇپ پوستىدا ئېگىن كىيمەكنى، تائامنى تۇز بىلەن يېيىشنى، تەمبۇر، باربىت، ئۇد ياساپ چالماقنى كەشىپ قىلىپ، ئالەم خەلىقىگە ئۆگىتىپتۇ. ئۇ زاماندا ئاتا - ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەندە مۇسىبەت ماتىمىدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئۆلۈكنى كۆيدۈرۈش رەسمى ئادىتى بار ئىكەن، خەرىز ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. يەركەند، خوتەن دىيارلىرىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئاۋات قىلغانىكەن؛ يەركەند، خوتەن ئەھلى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. ئۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۈز ئەللىك يىل ئۆتۈپتۇ. تەمبۇرگە قوي، ئۆچكىنىڭ ئۈچەي، پەيلىرىنى ئېشىپ زەي قىلىپ، پەي سالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت