UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتشەپەرەڭ ھەققىدە رېۋايەت

شەپەرەڭ ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ئەسلىدە شەپەرەڭمۇ كېپىنەككە ئۇخشاش كۈندۈزلىرى گۈلدىن گۈلگە قونۇپ، سەيلە قىلىپ ئوينايدىغان جانىۋار ئىكەن.ئۇ تولا ئويناپ ھالى قالماي بىر كۈنى كۈندۈزدە ئۇخلاپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئويغىنىپ قارىسا، پۈتۈن ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ قالغاچقا ئۇۋىسىغا قايتىشقا كۆزى يەتمەي كېچىدىن ياردەم سوراپتۇ. ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياسىما قىياپەتكە كىرىپ: _ ئەي ئۇلۇغ كېچە، سىز كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە كۈندۈز ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يۈرگەن. ئۇ كېچە بولسا ئۇنى يوق قىلىمەن دەپ، سىزنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلەر بىلەن تىللاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا :«ئەي كۈندۈز، سەن كېچىنى ئۇنداق تىللىما، ئۇدېگەن ھەممە نەرسىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئۇخلىتىدۇ، سەن بولساڭ ھەممىسنى ئىشلىتىپ، ئۇياقتىن بۇياققا قوغلاپ يۈرىسەن» دېسەم، ئۇ مېنى دۈشمەن كۆرۈپ تىللاپ كەتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى سىزگە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن مەشەدە سىزنى ساقلاپ تۇرغانىدىم. شۇڭا سىز كۈندۈزگە يېقىن يولىغۇچى بولماڭ، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كېچە دەرغەزەبكە كېلىپ، يەنە بىر ھەسسە قاراڭغۇلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆز - ئۆزىگە: ھەي كۈندۈز، سەن مېنى پايلاپ يۈرۈپسەندە، مەن كەلسەم ئۇ قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قاچىدۇ. مەن يوق يەرلەردە ئاشۇنداق پوچىلىق قىلامدۇ! دەپ شەپەرەڭنى دوست قىلىپ تاللىۋاپتۇ. ئاندىن كېچە شەپەرەڭگە: _ دوستۇم، سەن كۈندۈزنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرغىنا، ئۇ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ، نېمىلەرنى دەيدۇ، - دەپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا كېچىدە كۆرەلەيدىغان بىر جۈپ كۆز ئاتا قىپتۇ. شەپەرەڭ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ يېڭى كۆزنى كۆز - كۆز قىپتۇ. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تاڭ ئېتىپ كۈندۈز يېتىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن شەپەرەڭ كۈندۈزدىنمۇ ئىنئام ئېلىش ئۈچۈن، كېچىنى راسا تىللاپ، كېچىنىڭ كۈندۈز ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغانلىقىنى، ھەتتا كېچىنىڭ كۈندۈزنى يوقىتىش ئۈچۈن تاغ كەينىگە ئىزلەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كۈندۈز: ئەستاغپۇرۇللا، بۇ كېچە دېگەن نەرسە ھالىغا باقماي نېمانچە پوچىلىق قىلىدىغاندۇ، خەپ ئۇنى، خەپ ئۇنى، دەپتۇ ۋە شەپەرەڭگە ئادەم كۆرمەيدىغان بىر جاي تېپىپ بېرىپ، ئۇنى تاكتاكچىلىققا قويۇپ، كېچىنى ئىزدەپ كېتىپ قاپتۇ. بۇنداق چېقىشتۇرۇشلار تۈپەيلىدىن كېچە بىلەن كۈندۈز ئازارلىشىپ بۇلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش پەيدا بوپتۇ. بۇ توقۇنۇش شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە يۈز بېرىپ، كېچە تېخى ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولالمىغان چاغدا، كۈندۈز كېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇڭا سەھەر - كۈندۈز كېلىش، كېچە كېتىش مەزگىلى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرق تەرەپتە قىزىللىق پەيدا بولىدىكەن، بۇ قىزىل ھېلېقى جەڭدىكى قان ئىمىش. بۇنى كۆرگەن كېچە كۈندۈزنىڭ كەينىدىن ئىزلەپ كېلىپ تاغ باغرىدا يىتىشىۋېلىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر مەيدان جەڭ بولۇپتۇ. كەچقۇرۇندا غەرب تەرەپتە قىزىللىق بولۇشى تاغ باغرىدا بولغان جەڭدە تۆكۈلگەن قاننىڭ ئىزى ئىكەن. بۇنى كۆرگەن شەپەرەڭ ھەرئىككىسىگە بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن كېچىگىمۇ تەۋە بولمىغان، كۈندۈزگىمۇ تەۋە بولمىغان گۇگۇم پەيتىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ، كېچە بىلەن كۈندۈز ئارىسىدا چېقىمچىلىق قىلىپ ياشايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
شەپەرەڭ ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki