ئانا قوۋۇق
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زاماندا دەقيانۇس دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ چېگرىسى كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ دۆلىتىدە بايلىق ھەددى - ھېسابسىز كۆپ ئىكەن. ئادالەت ۋە مېھرىبانلىق ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۇرۇن ئالغان بولۇپ، پادىشاھتىن پۇقرالارغىچە ئىجىل - ئىناق ئۆتىدىكەن.
دەقيانۇس پادىشاھ ئۆزىنىڭ پايتەختىنىڭ ئولانباينىڭ يېنىدىكى تۆپىلىككە قۇرۇپ، ئەتراپنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپتۇ، شەھەرنى يەتتە قەۋەت سېپىل بىلەن دائىرىلەپ، ئۇنىڭ چۆرىسىنى ئېقىن بىلەن قورشاپ، مۇستەھكەم قورغان ھالىتىگە كەلتۈرۈپتۇ. دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلنى ياخشى باشقۇرۇپ مىڭ يىل سەلتەنەت سۈرۈپتۇ. دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى پادىشاھ دەقيانۇس ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلسا نەتىجە چىقىدىكەن. بولمىسا نەتىجە چىقمايدىكەن. ئانىنىڭ شاراپىتى بىلەن دەقيانۇس دۆلىتىدىكىلەر مىڭ يىلغىچە پاراۋان، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ھەرقانداق ياۋۇز رەقىبلەرمۇ بۇ ئەلگە ئالىيىپ قارالمايدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، دەقيانۇس ئانىسىنى ئېلىپ ئوردا جامائەتچىلىكى بىلەن ساياھەت قىلىش مەقسىتىدە، ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ ئورنىدىكى يايلاققا كەپتۇ. ئۇلار كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، بۇ يەر بەكمۇ گۈزەل يايلاق ئىكەن. يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، ئەتراپىدا بۈك - باراقسان ئورمان ياشناپ تۇرغان، خىلمۇ خىل قۇشلار سايرىشىپ، قوي، كالا، يىلقىلار يايلىشىپ يۈرگەن ئارامبەخىش جاي ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە چاچ - ساقاللىرى ئاقارغان، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، بەللىرى مۈكچەيگەن ھالدا ھاسسىغا تايىنىپ، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش موماينى ۋە نەۋرىسىنى يېتىلىگەن بىر بوۋاي ئاسماندىن چۈشكەندەكلا دەقيانۇسنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. دەقيانۇسنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. دەقيانۇس بوۋاي - مومايلارنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈپ بارگاھىغا باشلاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ نام - شەرىپى، ھال - ئوقىتىنى سوراپتۇ. بوۋاي سۆز باشلاپ شۇنداق دەپتۇ:
_ بىز ئاتا - بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ زىمىندا تىرىكچلىك قىلىپ كەلگەن. بىز پادىچىلىق قىلىمىز ھەم زىرائەت تېرىمىز. ئەمما، پۈتۈن ئۆمرىمىز دەككە - دۈككىدە ئۆتىدۇ. باشقا جايغا كۆچۈپ كېتەيلى دېسەك ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جايدىن زادى ئايرىلغۇمىز كەلمەيدۇ. سىلەر بۇ يەرگە كەلگەن كۈندىن باشلاپلا سىلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. سىلەر بىزنىڭ يەر - جايىمىز، مال - مۈلكىمىزگە غەيرىي نىيەتتە بولىمىدىڭلار، سىلەر ئاجايىپ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك ئىكەنسىلەر. شۇڭا، سىلەرنىڭ ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەپسۇسكى، سىلەر خاتىرجەم تۇرمۇشۇڭلار، ھېسابسىز مۈلكىڭلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىد. شۇڭا، دەرھال ئالدىڭلارغا كېلىپ، سىلەرنى بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلىشنى لايىق كۆردۈم.
دەقيانۇس پادىشاھ بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئانىسىغا قاراپتۇ. ئانا بوۋايدىن گەپنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېيتىشنى ئۆتۈنۈپ سوراپتۇ. بوۋاي دەپتۇ:
_ بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ ئېگىز قىزىلتاغدىكى غاردا يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئۇخلاپ ياتىدۇ. ئۇ قىرىق يىلدا بىر قېتىم ئويغىنىپ سىرتقا چىقىدۇ. ئۇ ئاغزىنى ئاچسا ئۈستۈنكى كالپۇكى كۆككە، ئاستىنقى كالپۇكى تەھتى سەھراغا تېگىدۇ. تىلى قىرىق مىڭ گەز ئۇزۇن، كۆزى شور دەريادەك يوغان، قويرۇقى يەتمىش مىڭ گەز، پېشانىسىدە بىر پارقىراق كۆزى بولۇپ، كۆزىنى ئاچسا يەر يۈزىدىكى جانلىقلار كۆزىنى ئاچالماي قالىدۇ. يالماۋۇز ھەر قېتىم سىرتقا چىقسا يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى يوقىتىپ ، جاھاننى قىرىق كېچە - كۈندۈزگىچە توپا - چاڭ قاپلاپ تۇرىدىغان، نەچچە ئون يىلغىچە ھاياتلىق قەدەم باسالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئويغىنىپ سىرتقا چىقىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. سىلەر دەرھال بۇ زېمىندىن كېتىڭلار، مالمانچىلىق ئاياغلىشىپ ، جاھان ئىزىغا چۈشكەندە يەنە كېلەرسىلەر.
دەقيانۇس بوۋايدىن:
_ سىلەر بۇ جايدا قانداق ھايات كەچۈرۈپ كېلىۋاتىسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ. بوۋاي:
_ بىزنىڭ ئاتا - بوۋىمىزدىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل سېھىرگەرلىك ھۈنىرىمىز بار. شۇنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق يالماۋۇزنىڭ بالايىئاپىتىدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتىمىز، - دەپتۇ.
_ ئۇقانداق ھۈنەر؟ بىزگە ئېيتىپ بېرىشنى خالامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھنىڭ ۋەزىرى. بوۋاي:
_ بۇ مەخپىي سىر ئىدى. ئەمما سىلەردەك ئېسىل ئادەملەرگە ئېيتىپ بەرمەي مەخپىي ساقلاپ نېمە قىلارمەن، - دەپتۇ -دە،ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە ئاق ۋە پارقىراق تېشى بارلىقىنى، ئۇنىڭغا قاراپ ئەپسۇن ئوقۇپ ئاغزىغا سېلىۋالسا، يالماۋۇز ھەرقانچە دەم تارتقن بىلەنمۇ ئۇلارنى سۈمۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
دەقيانۇسنىڭ ئانىسى بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر خورسىنغان ھالدا شۇنداق دەپتۇ:
_ بىچارە بوۋاي، موماي، ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ مىڭ ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە سەۋەبچى بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ خىجىل بولۇپ ئۆكۈنىۋاتىمەن. بۇ ياۋۇز ئىبلىس ئەسلى مېنىڭ ئاتا - بوۋامنىڭ شەھرىنىڭ شىمالىدىكى تاغدىكى غاردا ياشايتتى. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنى خۇددى سىلەرنى بوزەك قىلغاندەك بوزەك قىلغانىكەن. مەن ئەقلىمنى تېپىپ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى بۇ يالماۋۇزنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. پۈتۈن ئەل ساراسىمگە چۈشۈپ پاتپاراق بولۇپ كېتىشتى. مەن دەرھال ئانامنىڭ ئاق ئېتىغا مىنىپ، بىر قولۇمغا قىرىق غۇلاچ سالغا، بىر قولۇمغا توققۇز غۇلاچلىق نەيزىنى ئالدىم - دە، غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتۈم. ئۇ ئويغىنىشى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندىم. ئۇنىڭ بىلەن قىرىق يىل ئېلىشىپ ئۇنىڭ كۆكسىگە ئەمدى نەيزە سانجاي دېگەندە، يالماۋۇز ئۆكسۈپ يىغلاپ، شىمال تەرەپكە يۆتكىلىپ كېتىپ، ھالال مېھنەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالماي ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇغانىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئۇنى قويۇپ بەرگەنىدىم. بۇ ئىبلىسنىڭ مېنىڭ چاڭگلىمدىن قۇتۇلۇپ، يەنە كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئۆزۈم بېرىپ ئۇنىڭ ئەدىبىنى بەرمىسەم بولمىغۇدەك.
دەقيانۇس ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:
_ ئانا، مەن سىزنىڭ تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئوغلىڭىز، سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بېرىپ، ئۇ يالماۋۇزنى ئۇجۇقتۇرۇپ كېلەي، - دەپتۇ. كۆپ تالاشلاردىن كېيىن دەقيانۇس ئانىسىدىن ئىجازەت ئېلىپ، ئاق ئېتىنى مىنىپتۇ. قولىغا ھىلال ئاي شەكىللىك زۇلپىقارىنى ئېلىپ بوۋاي كۆرسەتكەن تاغ تەرەپكە يۈرۈپ كېتىپتۇ.
قىزىلتاغقا چىقىپ غارغا قارىغۇدەك بولسا، يالماۋۇز ئۇيقۇدىن ئەمدى ئويغنىپ كۆزىنى ئۇۋلاۋاتقۇدەك، دەقيانۇس بار ئاۋازى بىلەن توۋلاپتۇ. يالماۋۇز قولىقىغا بىر ئىشىنىپ - بىر ئىشەنمەي سىرتقا چىقىپ قارىسا، ھەيۋەتلىك بىر ئاتلىق يىگىتنى قولىغا قېلىچ تۇتقان ھالدا تۇرغۇدەك. يالماۋۇز بۇ يەردە ياشىغان مىڭ يىل جەريانىدا ھەرقانداق كۈچلۈك مەخلۇقمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا توغرا تۇرمىغانىكەن.
يالماۋۇز ئۆزىنى راۋۇرۇس ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ سىرتقا ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ئىككىسى ئېلىشىپتۇ. شۇ ئېلىشقانچە يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. يىگىت يالماۋۇزنىڭ ئالتە كاللىسىنى چېپىپ تاشلاپتۇ. يالماۋۇزنىڭ تىللىرى ساڭگىلاپ، بارغانسېرى ئۇزىراپ، ھالسىزلىنىپتۇ. دەقيانۇس پادىشاھنىڭمۇ پۈتۈن بەدەنلىرى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈپ، ھالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا دەقيانۇسنىڭ ئانىسى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئانا دەرھال يالماۋۇزغا يېقىنلاپ كەپتۇ.
يالماۋۇز باشلىرى ئاقارغان، بەللىرى مۈكچەيگەن، ئەمما ئاتتا مەزمۇت ئولتۇرۇپ، قولىدا قىلىچنى ئوينىتىپ كېلىۋاتقان بىر موماينى كۆرۈپ، غەيرىيلىك ھېس قىپتۇ، لېكىن ئۇن تونۇيالماپتۇ.
ئانا سالاپەتلىك قىياپەتتە يالماۋۇزغا قاراپ:
- ياۋاشلارنى بوزەك قىلىشقا ۋە ئوغلۇمدەك باھادىر بىلەن ئېلىشىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلدىڭ؟ سەن ۋەدىلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ دەرھال قانلىق قولۇڭنى تارت!- دەپتۇ. يالماۋۇز قانداقتۇر بىر تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ، سەل ئىككىلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي ھۆركىرەشكە باشلاپتۇ.
ئانا غەزەپ بىلەن كەلگىنىچە يالماۋۇزنىڭ شىللىسىغا سەكرەپ چىقىپ، كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ قىلىچىدىن ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. يالماۋۇز بىردىنلا سولىشىپتۇ، قىلغان گۇناھىغا توۋا قىپتۇ ھەم قايتا بۇنداق شۇملۇق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يېلىنىشقا باشلاپتۇ. ئانا ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە زادى قۇلاق سالماي، ئۇنى شۇ مىنۇتتىلا جەھەننەمگە يولغا ساپتۇ.
ئانا، مۇبادا يالماۋۇز يەنە تىرىلىپ قالسا، ئۇنىڭ دەرھال جاجىسىنى بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ئوغلىدىن ئىجازەت سوراپتۇ. دەقيانۇس دەمالىققا بىر قارارغا كېلەلمەي بىر مەزگىل ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ تۇرۇپ قاپتۇ، كېيىنچە پايتەختكە قايتىپ ئۇ يەردىمۇ تۇرۇپتۇ.
ئايلار، يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئانىنىڭ چاچلىرى ئاقىرىشقا، بەللىرى مۈكچىيىشكە، چىشلىرى چۈشۈپ، يۈزلىرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئۇ ھەم مېھرىبان ئانىسىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش، ھەم ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ داۋاملىق مۇقىم، باياشات تۇرۇشى ئۈچۈن تۈۋرۈك بولۇپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ بىر تەدبىر ئېيتىپتۇ. ئۇ پايتەختىتىن قىرىق مىڭ قەدەم شىمالىغا بېرىپ ئۇ يەردىن بىر تۈز يەرنى تاللاپ، بىر شەھەر بىنا قىلدۇرماقچى بوپتۇ. شۇ بويىچە قىرىق مىڭ قەدەم بېسىپ ئۆلچەپتۇ. بۇ دەل ئۈرۈمچىنىڭ ئورنى ئىكەن. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپتۇ. قىرىق مىڭ بىناكارلىق ئۇستىسى بەل باغلاپ شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى مەلۇم قىپتۇ.
دەقيانۇس پادىشاھ قۇرۇلۇشچىلارغا ئۆزى باش بوپتۇ، ئۇلار قىرىق يىل كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ تۆت قوۋۇقلۇق بىر كاتتا شەھەر بىنا قىپتۇ ۋە ئۇ شەھەرنى «ئۈرۈمچى » دەپ ئاتاپتۇ. شەھەر بەكمۇ ئېسىل بولغاچقا، پادىشاھ پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقىگە زىيارەت قىلىپ كېتىش ھەققىدە پەرمان جاكارلاپتۇ. پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى قىرىق شەھەردىكى نەچچە مىڭ ئادەم ئۈرۈمچى شەھرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۇشمۇتۇشتىن كېلىشكە باشلاپتۇ.
خەلق ئەلمىساقتىن بېرى مۇنداق كاتتا شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇلار پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى بىنا قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ ئۇلۇغ ئانىنى بىر كۆرۈپ تاۋاب قىلىپ قايتىش ئارزۇسىنى پادىشاھقا بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمگە ئانىسىنى قانداق كۆرسىتىپ بولۇش ھەققىدە بىناكارلىق ئۇستىلىرىدىن مەھلىھەت سورىغانىكەن، نەققاش بەگ، جەنۇبىي قوۋۇقنى ئالاھىدە ياساپ، شەھەرگە كىرگەن - چىققانلار كۆرۈپ بولغۇچە ئانىنىڭ شۇ قوۋۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ تۇرۇشى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئانا بۇ يېڭى شەھەرگە كېلىپ، جەنۇبىي قوۋۇققا چىقىپ، قوۋۇقنىڭ ئىككى ياقتىكى يان ياغىچىغا دەسسەپ جەنۇپقا قاراپ تۇرۇپتۇ. پۈتۈن خەلق ئانىنىڭ ئايىغىغا يېقىلىپ كۆز يېشى قىلىپ تاۋاپ قىلىپ ئۆتۈشۈپتۇ. كىشىلەر شۇ تەرىقىدە ئۈچ ئايدا ئاران ئۆتۈپ بۇپتۇ. ئانا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى دەپ، يەرگە چۈشۈپ ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلىماپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئانىغا چىن قەلبىدىن تاۋاب قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دەقيانۇسمۇ ئانىنى ئارام ئېلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. توپتوغرا ئۈچ ئاي توشۇپ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم تاۋاب قىلىپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن دەقيانۇس ئانىسىنى پەسكە ئالاي دەپ بېلىدىن كۆتۈرسە يەردىن زادىلا ئۈزەلمەپتۇ. سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، ئانا ئەۋلىيا قىياپىتىگە كىرىپ تاشقا ئايلىنىپ قالغانىكەن. دەقيانۇس داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئەتراپتىكىلەر دەقيانۇسنى مىڭ تەسلىكتە شەھەرگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇ دۆلەت سوراش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.