چۆلتۈمەن
رېۋايەتلەر
چۆلتۈمەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايۋاغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. چۆلتۈمەن دېگەن نام «چىل تۈمەن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان.
چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن بۇرۇن قەشقەرنى ساقلاۋاتقان ھەربىي باشلىق ئىمىر ئىسىملىك پالۋان ئىكەن. چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى قەشقەرنى بېسىۋالغاندا ئىمىر قىرىق مىڭ ئەسكىرىنى ئېلىپ چېكىنىپ توققۇزاققا چىقىپ سايۋاغ يېزىسىنىڭ دەرياغا يېقىن دەرەخزارلىق، ئەتراپى كەڭ كەتكەن، تۈز ۋە ئوتلاقلىرى بار جايغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىپتۇ. بۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئاتالمىسى بىلەن «چىل تۈمەن ئەسكەر»دەپ ئاتاپتۇ.
چىل - تۆت دېگەن مەنىدە. تۈمەن - ئون مىڭ دېگەننى بىلدۈرىدىكەن. «چىل تۈمەن» قىرىق مىڭ دېگەن سۆز. چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى بۇلارنى قوغلاپ چىققاندا بۇ جايدا شىددەتلىك جەڭ بولغانىكەن. قىرىق كېچە - كۈندۈز جەڭ بولۇپ، ئىمىر ئۆلۈپ شۇ جايغا دەپنە قىلىنىپتۇ. بۇ مازارنى قىرىق مىڭ ئەسكەرنىڭ سەردارى «چىل تۈمەن مازار غوجام»دەپ ئاتاپتۇ. قىرىق مىڭ ئەسكەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشۈپتۇ. ئۆلگەنلەرنى نە ئۇدۇل كەلسە شۇ جايغا كۆمۈپتۇ. ھازىر كولىغان جايدىن جەسەت سۆڭەكلىرى چىقىدۇ. بۇ ۋەقە ھەققىدە يېزىپ قالدۇرۇرۇلغان تەزكىرە بار ئىكەن، لېكىن ھازىرغىچە تېپىلمىدى. موڭغۇللار ئەسىرلەرنى بۇ جايدا ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بىنەم ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلدۇرغانىكەن. شۇلار چاپقان ئۆستەڭ ھازىرمۇ «قالماق ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ كىشىنىڭ ۋە ۋەقەنىڭ نامى يۈزىسىدىن «چىل تۈمەن» دەپ يەرنامى تەرىقىسىدىمۇ ئاتىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «چىل تۈمەن»، «چۆلتۈمەن» دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. ئازادلىقتىن كېيىن «گۈلچىمەن »دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.