UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتچىرا

چىرا

رېۋايەتلەر قەدىمكى زاماندا تەكلىماكان قىرغىقىدا ناھايىتى گۈزەل باغۇ بوستانلىق بىر يۇرت بولغانىكەن. بۇ يۇرتتىكى كىشىلەر بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ، كۈنىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە بەختلىك ئۆتكۈزىدىكەن. يايلاقلاردا مال - چارۋا مىغىلدايدىكەن. باغلاردا مېۋە - چىۋە تۆكمە ئىكەن، ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇلار توختىماي شىرىلدايدىكەن. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھۆل - يېغىن مىقدارى ئازىيىپتۇ. يۇرتنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپتۇ. دەھشەتلىك بوران بېسىپ دەل -دەرەخ ، ئۆي - ئىمارەتلەرنى ئۆرۈپتۇ. قۇم كىشىلەرنىڭ يەيدىغان ئاشلىقى، ئولتۇرىدىغان ئۆيلىرى، ئىچىدىكى بۇلاق سۇلىرىنى، ساپ ھاۋالىق باغلىرىنى، يايلاقتىكى مال -چارۋىلىرىنى، پۇل - دۇنيالىرىنى . . . رەھىمسىلىك بىلەن كۆمۈشكە باشلاپتۇ. كىشىلەر ھەريان قېچىپتۇ. بەزى كىشىلەر قېچىپ يۈرۈپ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق. . . تىن قىرىلىپتۇ. بۇ يۇرتتىكى چوقىلار جەمەتىدىن بولغان ئون نەچچە كىشى يېتەرلىك ئوزۇق - تۈلۈكىنى غەملەپ، ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە بىر تال موما ياغاچنى بېكىتىپ، مومىنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپتۇ. بوران چىقىپ قۇم يېغىۋېرىپتۇ. قۇم مومىنى كۆمۈۋەتسە، يۇقىرىغا تارتىپ چىقىرىپ قويۇپ چۆرگىلەۋېرىپتۇ. ئاخىر قىرىق بىرىنچى كۈنى چىقىۋاتقان دەھشەتلىك بوران توختاپتۇ. قۇياش ئىللىق كۆلۈپتۇ. پەقەت چوقىلار جەمەتىدىن يەتتە كىشىلا ساق قاپتۇ. ئۇلار بۇلاق سۈينىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ دامكا ئۇرۇقىغا ئوخشاش كۆچۈپتۇ. مۇغا (يەرنى تېشىپ ئۆمىلىگۈچى ھايۋان)غا ئوخشاش يەرنى تېشىپ سۇ چىقىرىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان يۇرتنىڭ نامى «دامىكۇ،»، خەلىقنىڭ لەقىمى «مۇغا» دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن ئۇلار بارغانسېرى كۆپىيىپ ئاۋۇپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كىشىلەر داۋاملىق كۆپىيىپ، ئۆز ئەتراپىغا كېڭىيىپ، چۆل - جەزىرىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ باغۇ - بوستانلىق، باياشاتلىق يۇرتلارغا ئايلاندۇرۇپتۇ. ئۇلار كېيىن بەرپا قىلغان بۇ يۇرتلار «چىرا» ۋە «گۇلاخما»دەپ ئاتىلىپتۇ. «گۇلاخما!» دېگەن نام مۇنداق پەيدا بوپتۇ: بۇ يۇرتتا بىر تۇل ئايال بولۇپ، ئۇ تەدرىجىي بېيىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بايلىقى ۋە سېخىيلىقى يىراق - يېقىنغا تارىلىپ داڭقى چىقىپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ غەربتە ئىلچى، شەرقتە كېرىيىگە بولغان جايلاردىكى يۇرت كاتتلىرىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ، ئۇ بۇ كاتتا مېھمانلارنى ھەرخىل نازۇ نېمەتلەر ۋە بۇ يۇرتتىن چىقىدىغان ئېسىل مېۋە - چېۋىلەر بىلەن يەتتە كېچە - كۈندۈز مېھمان قىپتۇ. مېھمانلار ئۇزايدىغان كۈنى بىر پاتمان بۇغداي ئۇنى (ئېيتىلىشچە بىر پاتمان ئاتمىش چارەك كېلىدىكەن)، ئاتمىش قوينىڭ گۆشى ، ئوتتۇز چارەك پىياز، بىر چارەك زىرە، بىر چارەك قارامۇچ ئارىلاشتۇرۇلۇپ قىيما قىلىنغان بىر چوڭ كۆمەچ كۆمۈپ شۇنى ئۇزىتىش تامىقى قىلماقچى بوپتۇ ۋە چاكارلىرىغا بۇ مو يەرگە گۈلخان سېلىشنى بۇيرۇپتۇ. گۈلخاننىڭ چوغلىرى لاخشى بولۇپ تەييار بولغاندا كۆمەچ كۆمۈلۈپتۇ. مېھمانلار بۇ خىل تاماق ئېتىش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ، كۆمەچ پىشىپ تەييار بوپتۇ. ئايال ھويلىسىدا جاراستان تەييارلاپ ۋە ئاشپەزلىرىگە كۆمەچنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆمەچ قىرىق ھارۋىغا ئۈلگۈجىلەپ بېسىلىپ دەرۋازا ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. كۆمەچ دەرۋازىدىن پاتماپتۇ. خەۋەرچى كېلىپ، كۆمەچ دەرۋازىدىن پاتمىدى، كۆمەچنى پارچىلاپ ئەكىرىمىزمۇ ياكى دەرۋازىنى ئۆرۈپ ئەكىرىمىزمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئايال ئىككىلەنمەيلا: _ كۆمەچنى پارچىلىماي، دەرۋازىنى ئۆرۈۋېتىپ ئەكىرىڭلار، - دەپتۇ. دەرۋازا ئۆرۈلۈپ، كۆمەچ ئېلىپ كىرىلىپتۇ ۋە مېھمانلارنىڭ ئالدىدا پارچىلىنىپ، لىگەن - لىگەنلەرگە سېلىنىپ، داستىخانغا قويۇلۇپتۇ. مېھمانلار بۇ تاماقنى ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ. كۆمەچ يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلار ئاستا - ئاستا تارقىشىپتۇ. ئۇلار قايتىشقاندىن كېيىن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان تۈگۈل ئاڭلاپمۇ باقمىغان بۇ مەززىلىك تاماقنىڭ تەمى ئۇلار نىڭ تىلىدىن كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنى كۆمەچ خۇمارى تۇتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار باغانلا يېرىدە بۇ ئايالنى ئەسلىشىپتۇ. كىشىلەر بىر مو يەرگە گۈلخان سېلىپ كۆمەچ كۆمگەن بۇ ئايالنى «گۈلخان ئاپا»دەيدىغان بوپتۇ. كۆمەچ توغرىسىدىكى بۇ پاراڭ ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۇرتنىڭ نامى بىر پاتمان ئۇندا قىيما كۆمىچى ئەتكەن ئايالنىڭ نامى بىلەن بىرىكىپ «گۈلخان ئاپا» دەپ ئاتىلىپتۇ. زامان - زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «گۈلخان ئاپا»دېگەن ئىسىم «گۇلاخما» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بوپتۇ. بۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئەڭ ئېسىل تاماق قىيما كۆمىچىنىڭ قىسقارتىلمىسى «كۆمەچ»لەقەم بولۇپ قوشۇلىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن زامانلارغىچە دامىكۇ، گۇلاخما ۋە چىرادىكى كىشىلەر خاتىرجەم، باياشات ياشىغانىكەن. ئۇلارنىڭ يەرلىرى مۇنبەت، سۈيى مول، ھوسۇلى كۆپ، يۇرت ئىچى مەمۇرچىلىق ئىكەن. لېكىن،كۈنلەردىن بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەقلىسىزلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقىدىن بۇ يۇرتقا يەنە بالا - قازا يېتىپ كەپتۇ. بىر خىزىر سۈپەت بوۋاي كېرىيە ئارقىلىق دامىكۇ يېزىسغا كەپتۇ. بوۋاي بىر قاپاق سۇ ئېلىپ كەلگەنىكەن. بوۋاي بازار ئىچىنى بىر ئايلانغاندىن كېيىن بازارنىڭ راسا قىزىغان يېرىگە كېلىپ: _ مەن سۇ ساتىمەن، قايسىڭلار سۇ ئالىسىلەر، - دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ سۇ ئاپتۇ، بىراق بازارنىڭ ئايىغىدىكى كىشىلەر: _ بىز سۇ ئالمايمىز، - دەپ سېتىۋالماپتۇ. بوۋاي بىر ھازا سۇ ساتقاندىن كېيىن قاپاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يەرلىرىڭ قۇرغاقچىلىقتىن خالىي بولغاي، ئايىغىڭ چۆللەشكەي، باش تەرىپىڭ گۈللەنگەي، - دەپ دۇئا قىلىپ گۇلاخماغا قاراپ يول ئاپتۇ. گۇلاخماغا كەلگەندىن كېيىن بىر - ئىككى كۈن چۆگىلەپتۇ - دە، ئەتىسى بازارنىڭ ئاۋات يېرىگە بېرىپ: _ مەن سۇ ساتىمەن، قايسىڭلار سۇ ئالىسىلەر، - دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر كېلىپ سۇ ئېلىپ قانغىچە ئىچىپتۇ ۋە ئىچىپ بولۇپ بوۋاينى زاڭلىق قىلىپ «سۈيۈڭ تۇزلۇق ئىكەن» دېيىشىپتۇ. ئەسلىدە بوۋاينىڭ سۈيى ناھايىتى تاتلىق ئىكەن. بوۋاي بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن «يەرلىرىڭ شورلىشىپ كەتكەي» دەپ دۇئا قىلىپلا چىراغا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ ۋاقىتلاردا چىرانىڭ يۇرت - يۇرتلارغا داڭقى كەتكەنىكەن. ئۇنىڭدىكى ئاۋات رەستىلەردە بازار كۈنلۈكى رەڭدار گەزماللار، چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك، ئۈجمە، جىگدە، سۆگەت، ھاڭگا تېرەك ياغىچىدا چىرايلىق نەقىشلەر ئويىلىپ نەپىس ياسالغان ئاياق، قوشۇق، جام، چۆچەك، چۆمۈچ، كاسا، تەڭنە، دۆشە، راۋاب، داپ، سوناي . . .لار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، يۇرتنىڭ نامىنى يىراق - يېقىنغا پۇر كەتتۈرۈۋەتكەنىكەن. تاغ قاپتىلى ۋە تاغ ئېتىكىدىكى بوستانلىقلاردىكى شاھمات ئۇرۇقىدەك كەڭ يېيىلغان ئېكىنزارلىقلار كۆزلەرنى قاماشۇرۇدىكەن. جەننەتتەك گۈزەل باغلاردىن خۇشبۇي پۇراق كېلىپ، كىشىلەرنىڭ جېنىنى راھەتلەندۈرۈپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدىكەن. بۇ يۇرت يېپەك يولىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولغاچقا كېلىپ - كېتەر سودىگەرلەر، يۇرت كېزەر مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. خەلىقلىرى بەكمۇ مېھماندوست، خۇش پېئىل ئىكەن. ھېلىقى بوۋاي چىراغا كەلگەندىن كېيىن بازارنىڭ ئاۋات يېرىگە كېلىپ: _ سۇ ساتىمەن، قايسىڭلار سۇ ئالىسىلەر، - دەپ ۋارقىراپتۇ. بىراق، كىشىلەر سۇ ئالماستىن: «نەدىن كەلگەن دىۋانىسەن؟ بۇ يەردە سۇ قىس بولسىمۇ سۇ ساتمايدۇ، »دەپ قاپاقتىكى سۇنى تارتىۋېلىپ ئىچىپ تۈگىتىپتۇ. بوۋاي خاپا بولۇپ «سۈيۈڭ قىس بولغاي» دەپ دۇئا قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ھاۋا ئىسسىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۇرتقا قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ساپتۇ. يەتتىنچى، سەككىزىنچى ئايلاردا كەلكۈن كېلىپ كىشىلەرنىڭ ھۆل بولمايدىغان ھېچ نېمىسى قالمايدىغان، باشقا ۋاقىتلاردا ئېرىق - ئۆستەڭ قۇرۇقدىلىنىپ، كىشىلەر سۇ كېلىشنى تىلەيدىغان، خەتمە قۇرئان قىلىدىغان ئادىتى پەيدا بوپتۇ. شۇ يىتىشمىگەچكە ئىلەكنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار قۇرۇپ، تۈرلىرى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ تۈگەشكە ، يۇرت چۆل جەزىرىگە ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. يۇرت مۇنەججىملىرى قۇرغاقچىلىقنى يېڭىپ، توق، خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆزئارا كېڭىشىپ پۈتۈن يۇرت خەلىقىگە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئادەمگە ئۇزۇق، ھايۋانغا يەم - خەشەك، كېسەلگە شىپاھ، ياز كۈنلىرى ئادەمگە راھەت، قىشتا ھارارەت بېغىشلايدىغان ئۆرۈك كۆچىتى تىكىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. يۇرت خەلقى بۇ تەكلىپكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاقسۇ،كۇچا، قەشقەر، ئاتۇش، بەلخ، بۇخارا، ھىرات، سەمەرقەنت . . . قاتارلىق جايلاردىن ئىيۇننىڭ بېشىدىن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە پىشىدىغان خوندەك، جانانى، خۇۋەينى، ئەينالى، ئاقياغلىق، قاراياغلىق، مىرۋىل، سەيۋى . . . قاتارلىق ئۆرۈك سورتلىرىنىڭ ئۇچكىسىنى تېپىپ ئەكىلىپ تېرىپتۇ، كۆچەتلەرنى تىكىپتۇ. يۇرت خەلقى يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جاپالىق ئىشلەپ، تەبىئەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرتنى بۇرۇنقىدەك ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ.بۇ يۇرتنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كىشىلەر مېھمان بولۇپ يىراق - يېقىندىن كەلگىلى تۇرۇپتۇ. خۇش پېئىل ساھىبخانلار ئەزىز مېھمانلارنى مەززىلى تائاملار بىلەن مېھمان قىلغاننىڭ سىرتىدا تاتلىق يىمىش ئۆرۈك بىلەن مېھمان قىپتۇ. مېھمانلار قەيەرگىلا بارسا، ساھىبخان ئالدى بىلەن ئۈرۈكنى داستىخانغا تۆكمە قىلىۋېتىدىكەن. مېھمانلار ئۆرۈكنى شۆپكىلاپ يەيدىكەن. شۆپۈكىنى مىنىپ كەلگەن ئۇلاغلىرىغا بېرىدىكەن. ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى يەپ مېڭە ئاجىزلىق، ساراتان (راك) . . . قاتارلىق كېسەللىرىنى داۋالايدىكەن، سايىسىدا يېتىپ راھەتلىنىدىكەن، شاكىلىنى ئۇچاققا سېلىپ، قۇم چۆگۈملىرىدە چاي قاينىتىپ ئىچىدىكەن. . . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مېھمانلار ساھىبخانلار ئۆرۈكنى داستىخانغا ئەكەلمىسىمۇ، ئۆزلىرى ئۆرۈك تۈۋىگە بېرىپ، خالىغان ئۆرۈكنى ئىرغىتىپ يەيدىغان بوپتۇ. ئۇلار ساھىبخان ئۆز يېنىدا بولمىغاندىكىن ئۆرۈكنى كۆزى تويغۇچە يەۋېرىپتۇ. ئۇسساپ قالسا، ئۆرۈك تۈۋىدىكى سوغۇق سۇنى ئىچىپتۇ. ئاخىر ئاشقازىنى ئاجىز كېلىپ يەل تۇرۇپ قالسا، ئۆرۈكنىڭ مېغىزىنى يەپ ساقىيىپتۇ . . . قايسىبىر يىلى قوشنا ئەلدىن مېھمان كەپتۇ. ئۇلار ئۆرۈك پىشىپ ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، ئۆرۈك دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى ئوتقاشتەك تاۋلىنىپ پىشقان ئۆرۈكنى ئىرغىتىپتۇ، چۈشمەپتۇ. چالما - كېسەك ئېتىپتۇ، بىر تال ئۆرۈك چۈشۈپ باشلىقلىرى خان تاجىدەك تۇرىۋېرىپتۇ. ئۇلاردىن بىرى ئۆرۈككە قاراپ «ئادەمنىڭ قولى يەتمىگەن نەرسە ئاچچىق بولىدۇ» دەپتۇ. ئۇنىڭ ھەمراھى «شۇنداق، بۇ ئۆرۈك ئاچچىق ئوخشايدۇ، تاتلىق بولغان بولسا، ئىرغىتساق چۈشەتتى» دەپتۇ. يەنە بىر مېھمان: «ئاچچىق نەرسىنى ئاچچىققا ئامراق ئادەم ئۆستۈرىدۇ» دەپ چاقچاق قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىرا خەلىقىگە «چىرالىق ئاچچىق ئۆرۈك» دېگەن لەقەم چاچلىشىپتۇ. چىرادا ئاچچىق ئۆرۈك بار ئىكەن دېگەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بىر نەچچە ساياھەتچى ساراتان كېسىلىگە داۋا ئىزدەپ چىراغا ئاچچىق ئۆرۈك سوراپ كەپتۇ. يېزا - قىشلاقلارنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئايلىنىپتۇ.ساھىبخان ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۆرۈك بىلەن تويغۇچە مېھمان قىپتۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆرۈكنىڭ ئاچچىقىلىقىنى ھېس قىلالماپتۇ. ئۆزلىرى ئوغرىلىقچە ئاچچىق ئۆرۈك ئىزدەپ تاپالماي جىلە بوپتۇ. ئاخىر ساھىبخاندىن ئۆزلىرىگە ئاچچىق ئۆرۈك تېپىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ساھىبخانلار بۇ يۇرتتا ئاچچىق ئۆرۈكنىڭ دورا ئۈچۈنمۇ تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ساھىبخانلار ھەسەتخورلۇقنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىپتۇ - دە، ئەقىل - پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ، مېھماندوست چىرا خەلقىگە بولغان سۆيۈنۈشى ھەسىسلەپ ئېشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت