UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتبۇغداي دېنى نېمىشقا سوقىچاق؟

بۇغداي دېنى نېمىشقا سوقىچاق؟

رېۋايەتلەر ئۆزىنى ئالىم چاغلاپ يۈرگەن ھازازۇل خۇدالىق تالىشىپ شەيتانغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، دوزاختا يالغۇز ئازانلىنىشتىن قورقۇپ، بەندىلەرنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. بۇ ھازازۇل شەيتان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەندىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقى بولغان بىر تال يۇمىلاق بۇغداي دېنىنى ئېلىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: _ سىز خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، شۇڭلاشقا سىزنى خۇدا پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈردى، سىزنىڭ ئەۋلادىڭىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ، بىراق، خۇداسىزنى ھەم يېمەس، ھەم ئىچمەس قىلىپ ياراتقىنى ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ يېمەكلىكىنى كۆرۈپ تۇرسىڭىزمۇ تەمىنى بىلمەيسىز. مېنىڭچە ئەۋلادلىرىڭىز يېگەن ئوزۇقنىڭ تەمىنى بىلگۈڭىز بولسىڭىز خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا ۋە رەھمىتىگە تېخىمۇ قايىل بولغان بولاتتىڭىز. شۇڭا، بەندىلەرنىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا رەھمەت ئوقۇپ قويارمىكىن دەپ، بىر تال بۇغداي دېنى ئەكەلدىم، -دەپتۇ ۋە بىر تال يۇمىلاق نەرسىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بېرىپتۇ. بۇنىڭغا ھەۋەسلەنگەن ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇغداينى ئاغزىدا ساپتۇ - دە، يۇتماقچى بوپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ تۇرغان خۇدا شۇئان جەبرائىل ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇق قىلىپ: _ ھەي جەبرائىل، سەن دەرھال ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ كانىيىنى سىق، كانىيىدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئۆتۈپ كەتمىسۇن ھەمدە ئۇ شەيتانغا ئالدانغانلىقى ئۈچۈن توۋا قىلسۇن، -دەپتۇ. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەرھال خۇدانىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ كانىيىنى بىر سىققانىكەن، ھېلىقى يۇمىلاق بۇغداي ئېزىلىپ سوقىچاق بولۇپ قاپتۇ ۋە بىر تەرىپىگە جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ باش بارماق تىرنىقىنىڭ ئىزى چۈشۈپ قاپتۇ. شۇندىن بۇيان بۇغداي دېنى سوقىچاق بولۇپ قالغانىكەن
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
بۇغداي دېنى نېمىشقا سوقىچاق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki