UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكىتاۋبەگ ۋە ئالتۇن يارۇق

كىتاۋبەگ ۋە ئالتۇن يارۇق

رېۋايەتلەر قەدىمكى زاماندا، ئىنجۇ دېگەن بىر يۇرت بولۇپ، ئۇ يەرگە كىتاۋ دېگەن بىر ئادەم بەگ ئىكەن. ئۇ مەلۇم بىر يىلى قىزىنىڭ توي ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن كالا، قوي، قۇشلارنى ئۆلتۈرۈپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ. توي تۈگەپ ئون كۈن ئۆتەر - ئۆتمەستىن كىتاۋبەگ پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تويۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. گەرچە كىتاۋبەگ ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەممە يېرى مۇزلاپ پەقەت يۈرىكىلا ئىسسىق تۇرغۇدەك. بەگنىڭ مۇلازىملىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى تۆت كۈن ساقلاپ، ئاخىر بولالماي ئاچىقىپ كۆمۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، كىتاۋبەگ تويۇقسىز تىرىلىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن چاكارلار قورقۇپ قېچىشقا تەمشىلىپتۇ. كىتاۋبەگ ئۇلارنى چاقىرىپ توختىتىپ مۇنداق دەپتۇ: «مەن تويدا ئۆلتۈرگەن جانلىقلار ئۇ دۇنياغا بېرىپ، تەڭرىگە ئەرز قىلدى. تەڭرنىڭ ئەمرىگە بىنائەن تۆت دىۋە كېلىپ مېنى تۇتۇپ تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. تەڭرى مېنى سوئال - سوراققا تارتتى. سوراقنىڭ ئاخىرىدا پەقەت ئالتۇن يارۇقنى كۆچۈرۈپ تارقاتساملا گۇناھىمنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇلازىملار كىتاۋبەگنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. كىتاۋبەگ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بەگلىكتىنمۇ، مال - مۈلۈكتىنمۇ كېچىپ «ئالتۇن يارۇق» نى كۆچۈرۈشكە نىيەت باغلاپتۇ. كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق كىتابنى تاغ ئارىسىدىكى بىر بۇتخانىدىن تېپىپ كېلىپ، كېچە - كۈندۈز ئولتۇرۇپ كۆچۈرۈپ «گۇناھىنى يۇيۇش» پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كىتاۋبەگ ۋە ئالتۇن يارۇق | UyghurWiki | UyghurWiki