قارلۇق
رېۋايەتلەر
ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنىدىكەن. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يىتىپتۇ. ئۇ يەردە بىر ئېگىز تاغ بارئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ - مۇزلار، چوققىسىدا ئاپئاق قارلار بارئىكەن. شۇڭا بۇ مۇزتاغ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئوغۇزخاننىڭ ئېتى مۇزتاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخاقان ئۇزۇنغىچە ئازاب چېكىپتۇ. لەشكەرلەر ئىچىدە بەستىلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار بولۇپ، ئۇ ھېچنېمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئىكەن. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كېرىپتۇ. توققۇز كۈندىن كېيىن، ئوغۇزخانغا ئايغىرنى ھازىر قىپتۇ. مۇزتاغ ئىنتايىن سوغۇق بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت - يېنىنى قار - مۇز قاپلىغانىكەن. ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلۈپ:«ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسىم بولسۇن ساڭا قارلۇق»دەپتۇ.