ئوغۇزخان
رېۋايەتلەر
(1) بىزنىڭ نە پادىشاھنىڭكىدەك پەرمانىمىز، نە لوقماننىڭكىدەك دەرمانىمىز يوق. سازدىن - سۆزدىن ئاڭلىغانلارغا، ئاق - قارىنى ئايرىغانلارغا داستانلارنىڭ بېشى بولغان بىر داستانىمىز - ئوغۇز داستانى بار. بۇ داستان بىر يايلاق .... بۇ داستان بىر بۇلاق ... تارىخلار بۇ يايلاقتىن كېچەر، ئەپسانىلەر بۇ بۇلاقتىن سۇ ئېچەر، سىزمۇ ئىچىڭ بىر يۇتۇم بۇ ئابىھاياتتىن، مەرھەمەت....
بۇ بۇرۇنقى زاماندا، ئوغۇزخان دېگەن بىر ئۇلۇغ خاقان ئۆتكەنىكەن. تاغۇ تاشقا ھۆكمى، بۆرى - قۇشقا سۆزى ئۆتكەنىكەن....
ئۇ دۇنياغا كەلگەندە دۇنيا يېڭىۋاشتىن بىر ياشقا كىرىپتۇ. گۈزەللىكىگە گەپ كېتەمدىغان. ئۇنى ئانىدىن تۇغۇلغان دېيىشكە تىل بارماس ئىمىش ... ئاناردانىسى، نۇردانىسى، تەڭرىتاغنىڭ بىردانىسى، قاشلىرى بار ئىمىش قەلەم قارىسى، كۆزلىرى بار ئىمىش ئاھۇ يازمىسى، ئېغىزلىرى ئويماق كەبى، داستان بولغۇدەك قالغان يېرى، پېشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆپلۈك نۇرى، كۆسىدە بار ئىمىش ئۈچ تال مويى: بىرى ئارسلان، بىرى يولۋاس، بىرى بۆرە تۈكى، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشاشماس ئىمىش مىجەز - خۇيى. كۈلسە گۈللەر ئېچىلار ئىمىش، يىغلىسا ئۈنچىلەر چېچىلار ئىمىش. ئاجايىپ بىر ئىنسان ئىمىشكى، كىمنىڭمۇ كۆرگۈسى كەلمىسۇن ئۇنى .....
ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر شوراپلا ئىككىنچى ئەممىگەنمىش. قۇرۇق نان يەپ، قۇرۇق ئاش ئىچەر ئىمىش. گەپ قىلسا ئاغزىدىن بال ئېقىپ، تىلىدىن قايماق تامار ئىمىش.... كۆزىنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە چوڭ بولۇپ، قىرىقىغا توشماي ماڭغانمىش. ئايىغى يەتكەن يەرلەردە لالە - سۇمبۇللار ئۈنەرمىش، خۇش پۇراقلار چاچار ئىمىش.
نە ياشقا باقماپتۇ، نە باشقا، نە ئويۇنغا قېتىلماپتۇ، نە تاماشىغا ... بىر كۈن ئات چېپىشتۇرسا، بىر كۈن ئوق ئېتىپتۇ. ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋالالايدىغان ئادەم يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ پېيىگە چۈشمەي قالسۇنمۇ!
گاھ ئېقىن بولۇپ ئېقىپ، گاھ دەريا تېشىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىرىق پالۋانغا باش بوپتۇ. ئەمدى ئۇ ئۆيگە، يۇرتقا سېغسۇنمۇ! قىرىق پالۋاننى كەينىگە سېلىپ، يايلاقنىڭ قارلىقى، يات ئەلنىڭ قانلىقى دېمەپتۇ. تاغدىن تاغقا، يۇرتتىن يۇرتقا سۇدەك ئېقىپ يۈرۈپتۇ.
ئۇياقلاردا بىر ئورمانلىق بار ئىكەن. ئىچىدە قىزىل تۇمشۇق كەكلىكلەر، سۈرمە كۆزلۈك كېيىكلەر ئوينىشىپ يۈرىدىكەن. شارقىراپ ئاققان سۇلارنىڭ، شىلدىرلىغان ياپراقلارنىڭ، سايراشقان قۇشلارنىڭ سادالىرى قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. بۇ ئورماندا يەتتە باشلىق بىر دىۋە بولۇپ، ئۇ يەرگە كىرگەن نەرسە ساق چىقمايدىكەن. بۇ دىۋە سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئاغزى ئېچىلغان ھامان قۇربانلىرى كەلتۈرۈلمىسە، بىر يۇتۇم سۇغا «سۈف» دەپ، قانچىلىگەن غۇنچە بويلۇقلارنى چاينىماي يۇتۇۋېتىدىكەن. ئادەم دېگەن يەردىن چىقمايدۇ - دە! بۇ ۋەجىدىن قانچىلىگەن ئوچاقلارنىڭ كۈلى توزۇپ، قانچىلىگەن زېمىنلار قۇرۇپ چۆل بوپتۇ. يۇرت - يايلاق چىدىسۇنمۇ بۇنىڭغا!
زامانلاردىن بۇيان نى - نى پالۋانلار توپلىشىپ بېرىشىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېرىسى تۆمۈردىن، باغرى پولاتتىن قاتتىق ئىمىش. ئوق ئېتىپتۇ، تەگمەپتۇ؛ قىلىچ چېپىپتۇ، كەسمەپتۇل نەيزە سانجىپتۇ،تەشمەپتۇ؛ تاغۇ تاشنى بېشىغا ياغدۇرۇپتۇ، بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ.
ئانىلار تاش يۈرۈك بولغان بىر كۈنى ئوغۇز ئورمانغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇنىڭ نىيىتىنى كۆزدىن پەم قىلغانلار:
_ ئەي ئوغۇل، پۈتۈن دۇنيانى كەزسە، باتۇرلۇقتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىدىغىنى يوق، لېكىن بۇ دىۋە ئوينىشىدىغان مەخلۇق ئەمەس. جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ سەن! _ دەپ يولدىن قايتۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ياش يىگىت:
_ مەن بۇنىڭغا ئەھد قىلدىم. ئۆلسەم يەر خۇش بولار، قالسام ئەل ... - دەپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، جىلغىلاردىن سەلدەك، تۆپىلەردىن بوراندەك ئۆتۈپ بارماقچى بولغان يەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ بىر كۈنى بىر كېيىكنى تۇتۇپ سۆگەت تېلى بىلەن بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپتۇ ... تاڭ سەھەردە بېرىپ قارىسا، كېيىكنىڭ ئورنىدا بوران ئۇچۇۋېتىپتۇ. بۇ كۈنمۇ بىر جانىۋارنى قولغا چۈشۈرۈپ، كۈمۈش كەمىرى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قويۇپتۇ ... ئەتىسى يەنە بېرىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئورنىدىمۇ شاماللار چىقىۋېتىپتۇ! شۇنداق قىلىپ دىۋىنى بۇ يەرگە ئۆگىتىۋاپتۇ. ئۇ كېچە بېشىنى ئالقىنىغا ئېلىپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ماراپ يېتىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. نە قورقسۇن، نە قورۇنسۇن، يۈرىكى ئېغىپمۇ قويماپتۇ. ئورماندا بىر دەھشەتلىك سادا كۆتۈرۈلۈپ، تاللار باشلىرىنى ئېگىپ، ياپراقلىرى يەرنى قاپلاپتۇ... ئامان - زامان دېمەپتۇ، شۇ ئەسنادا قارا دىۋە قارا بوراندەك ئېتىلىپ بىر تال مويىمۇ تەۋرىمەپتۇ. ئۇ ياراتقان ئىگىسىگە سېغىنىپ شاپ پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ، دىۋىنىڭ بېشىغا بىر ئېتىپتىكەن، ئەۋىلى خۇدا، دىۋە جەزەننەمگە راۋان بوپتۇ. ئوغۇز قاراپ تۇرسۇنمۇ، كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ...
بۇ خەۋەر تارقالغاندا يايلاقنىڭ، يۇرتنىڭ كامالى كۈلۈپتۇ. شۇنداق بىر ھېيت - مەرىكە قىلىشىپتۇكى، پەلەكمۇ خۇش بوپتۇ. شۇ كۈندىن كېيىن ئىنسانلار پالۋانلار بېشى ئوغۇزنى خانلاردىن ئۈستۈن خان بىلىپ باشلىرىغا تاج قىپتۇ....
كۈنلەردىن بىر كۈنى، ئوغۇز بىر تاغنىڭ چوققىسىدا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا بىردىن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، كۆز كۆزنى كۆرگىلى بولماي قاپتۇ. بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆپكۆك بىر نۇر پەيدا بوپتۇ.. ئۇ ئۇدۇل قارىسا نە ئاي ئەمەس، نە يۇلتۇز ئەمەس، ئاي بىلەن تەڭلەشتۈرسە كۈن بولۇپ تۇغقان بىر قىز ئىمىش. كۈلسە نۇرمۇ كۈلەر ئىمىش، يىغلىسا نۇرمۇ يىغلار ئىمىش.... ئوغۇز بىر قاراپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىپتۇ، يەنە بىر قاراپ ئېسىگە كەپتۇ...
كېيىن ئۇلار قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىپتۇ... ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئوغۇزنىڭ بۇ نۇر جامالدىن ئۈچ ئوغلى بوپتۇ. بىرى قۇياش، بىرى ئاي، بىرى يۇلتۇز ئىكەن...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز شىكارغا چىقىپتۇ.. مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ، چىمەنلىكلەرنى كېزىپتۇ، لالە - سۇمبۇل تېرىپتۇ، ساي - جىلغىلار ئېشىپتۇ، ئالدىدا كۆپكۆك بىر كۆل پەيدا بوپتۇ ... كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە بىر قىزنى كۆرۈپتۇ. گۈزەل دېسە دېگۈچىلىكى بار ئىمىش. كۈلسە كۆلمۇ كۈلەر ئىمىش، يىغلىسا كۆلمۇ يىغلار ئىمىش .... خوجا ئوغۇزنىڭ يۈرىكىگە شۇنداق بىر ئوت چۈشۈپتۇكى، كۆيۈپ كۈل بولۇشقا ئاز قاپتۇ. «قانداق قىلاي، ئۇ پېشانەمگە يېزىلغان بولسا، بۇمۇ يۈرىكىمنىڭ بىر ئاغرىقى!» دەپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال ئارزۇسىغا يېتىپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇ ئاھۇ كۆزلۈكتىنمۇ ئۈچ پەرزەنت كۆرۈپتۇ. بىرى كۆك، بىرى تاغ، بىرى دېڭىز بوپتۇ.
تەڭرى ئوغۇزنى ھەممە مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ. لېكىن، ئۇىڭ ھاسىل بولمىغان بىر مۇرادى قاپتۇ ... كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئەلگە چوڭ داستىخان سېلىپ توي بېرىپتۇ. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە بەگلەرنى تەكلىپ قىلىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىگەندىن كېيىن:
_ ئەي باتۇرلىرىم، پالۋانلىرىم، _ دەپتۇ ئوغۇز، - تەڭرى خالاپتىكەن، سىلەرگە خان بولدۇم، خاقان بولدۇم، تەختكە چىققان كۈنۈمدىن بېرى زىممەمگە چۈشكەننى قىلدىم. ئۆيۈڭلارنى ئۆيۈم، ئوچىقىڭلارنى ئوچۇقۇم بىلىپ يىغىلغانلار بىلەن يىغلىدىم، كۈلگەنلەر بىلەن كۈلدۈم. بۇ تۇپرىقىمىزنى شۇنداق بىر تىرىكچىلىك مەئىشىتىگە ئېرىشتۈردۈمكى، ئەمدى نە دىۋىلەر كېلەلمەس، نە جىن - شەيتانلار تېگەلمەس بولدى ... لېكىن، يايلىقىمىز بىر غېرىچ، يۇرتىمىز بىر غۇلاچ. بۇ يەرلەرگە سىغماس بولدۇق ... بىلىكىمگە بىلەك، يۈرىكىمگە يۈرەك بولساڭلار شۇ دۇنيانى ئالقىنىمغا ئېلىپ، يەتمىش ئىككى مىللەتنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاشنى ئويلايمەن. تىلىڭلارنىڭ تېگىدىكىنى ئېيتىڭلار ئەمدى!
بۇنداق خانغا كىم قۇربان بولماس ... ئوغۇز بەگلىرى بىر ئېغىزدىن:
_ ئەي خانلار خانى، - دەپتۇ، _ كۆڭلىڭىزگە شۇ ئوي كەلگەن بولسا ھەممىمىز ئاغزىڭىزغا قارايمىز. نامىڭىز نامىمىز، مۇرادىڭىز مۇرادىمىز؛ ئۆل دېگەن يېرىڭدە ئۆلىمىز، قال دېگەن يېرىڭدە قالىمىز....
_ بۇيرۇقۇمغا باش ئەگكەنلەرنى بېشىمغا ئالىمەن، بېرىپ يەنە ئۆز دۆلىتىنى سورىسۇن، لېكىن باش ئەگمىگەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي، ئەجىلىگە ھازىر بولسۇن! ..
ئۇ چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ ئوڭ قانىتىدا «ئالتۇن خان»، سول قانىتىا «كۈمۈش خان» دېگەن خانلار بار ئىكەن. ئالتۇن خان پەرماننى ئالغاندا، سۆيۈنۈپ بېشىغا قويۇپتۇ:
_ تاجۇ تەختىمگە تەگمىگەندىن كېيىن، بار - يوقۇم ئۇنىڭ بولسۇن! _ دەپ ئوغۇزنىڭ تۇغى ئاستىغا كىرىپتۇ. لېكىن، كۈمۈش خان: «مەن ھېچكىمنىڭ تۇغى، بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىرمەيمەن، كەلگۈچى بولسا كۆرىدىغىنى بار!» دەپ مەيدانغا چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇز دەرغەزەپكە كەپتۇ: «ئەمرىمگە قارشى چىققان سەنمۇ!» دەپ ئۇنىڭغا قارشى ئاتلىنىپتۇ. لەشكەر ئۈستىگە لەشكەر يىغىپ، نەيزىلەر ئورمان بوپتۇ. قارا تاغدىن كەلگەن قارا سەلدەك ئېقىپ قۇش ئۇچماس، كارۋان كەزمەس بىر يەرگە كەپتۇ. ئوغۇزخان كېلىپ ئولتۇرا - ئولتۇرمايلا چېدىرنىڭ ئىچىگە بىر يورۇقلۇقنىڭ شولىسى چۈشۈپتۇ. بۇ شولا ئىچىدىن كۆك يالىلىق بىر بۆرە چىقىپ:
- نېمە تىلىكىڭ بولسا مەندىن تىلە، _ دەپ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ.... «ئىدىل» دېگەن دەيانىڭ بويىغا يېتىپتۇ. ھالبۇكى، كۈمۈش خانمۇ تاغۇ تاشنى توپلاپ ئۇ دەريانىڭ بېشىغا كەپتىكەن. شۇنداق بىر يىغ بوپتۇكى، يازسا - يازسا تۈگىمەس بىر داستان بوپتۇ ... دەريا قان بولۇپ ئېقىپ، ئاتلارنىمۇ سۇغارغىلى بولماپتۇ. قېنى ئۇ يوغان گەپ قىلغان كۈمۈش خان! تاتلىق جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. تاجۇ تەختى ئوغۇزلارنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ.
بۇ قانلىق يېغىدىن كېيىنمۇ توپلىلاڭ بېسىلماپتۇ....
«شائىر سۆزى بولۇر، كۆپ ئۇزارتساق سۆز بولۇر»، ئوغۇزخان يەنە بىر نەچچە ئۆتكىلى بولماس سۇلاردىن ئۆتۈپ، ئاشقىلى بولماس تاغلارنى ئېشىپ، يېڭىلمەس ياۋلارنى يېڭىپ، ئېچىلماس قەلئەلەرنى ئېچىپ، يەتتە ئىقلىم، تۆت ئەتراپنى بىر تۇغ ئاستىغا توپلاپتۇ. ئۆز تۇغى ئاستىغا ئالغان يەرلەرنى بىلىكى ھەم يۈرىكىگە .ئىشەنگەن خان - خانىملارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلاردىن بىرىگە: «ئال، ساقلا، ساڭا ئاتا قىلدىم بۇ يېشىل يۇرتنى!» دەپتۇ. شۇ كغندىن باشلاپ ئۇ ئۇرۇقنىڭ نامى «ساقلىغۇچ» بوپتۇ ... يەنە بىرىگە: «تۇر، بۇ يەردە، يوغىنىغىنىڭچە يوغىنا بۇ يۇرتتا!» دەپتۇ. يەنە نېمىلەر بولغانلىقىنى كىم بىلسۇن، خانلار خانى قىلىچنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن قولغا چۈشكەن، تاپىنى يەتكەن يەرلەردە يىگىرمە نەچچە بەگلىك قۇرۇپ، ئۆز يۇرت - يايلىقىغا قايتىپتۇ. دەرۋەقە، ئۇنىڭ چاچلىرى شۇ يوللاردا ئاقىرىپتۇ.
شۇ زامانلاردا «قۇتلۇق» دېگەن ياشانغان ئاقساقاللىق بىر خوجا ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى بولۇپ، دۇنيادا بىلمەيدىغىنى يوق، ھەر نەرسىگە ئاقىل ئەر ئىكەن. ئوغۇزخان ئۇنى بېشىدا كۆتۈرۈپ، ھەر سۆزىنى بىر كارامەت ھېسابلايدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئاقساقاللىق خوجا چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن بىر كۈمۈش ئوق كۆرۈپتۇ. ئالتۇن يانىڭ كىرىچى كۈندۈز تەرەپكە سوزۇلسا، كۈمۈش ئوق كېچە تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. ئۇ تاڭ سەھەردە ئوغۇزخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشىگە خەيرلىك تەبىر بەرگەندىن كېيىن ئوغۇزخان بېشارەت قىپتۇ. خانلار خانىمۇ ئۇنىڭ تەلىمى بويىچە ئوغۇللىرىنى چاقىرتىپ:
- ئەي ئوغۇللىرىم، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى غەنىيمەت. چوڭ ئوغۇللىرىم ئەتىلا كۈنچىقىشقا قاراپ مېڭىڭلار، كىچىك ئوغۇللىرىم كۈنپېتىشقا قاراپ مېڭىڭلار. قىسمىتىڭلاردا نېمە بولسا شۇ چىقار تەلىيىڭلارغا! _ دەپ ئۇلارغا بەخت تىلەپتۇ...
قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار كۈنچىقىش تەرەپكە؛ كۆك، تاغ، دېڭىزلار كۈنپېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئوي - دالا، ساي - سالا دېمەپتۇ، ئالتە ئاي بىر كۈن مېڭىپتۇ. كۈنچىقىشقا ماڭغان چوڭ قېرىنداشلار بىر ئالتۇن يا تېپىپتۇ، كۈنپېتىشقا ماڭغان كىچىك قېرىنداشلارمۇ بىر كۈمۈش ئوق تېپىپتۇ!
«مانا بۇ دۇنيادىكى نېسىۋىمىز!» دېيىشىپ، ئەكىلىپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئوغۇز خۇرسەن بوپتۇ ۋە ئالتۇن يانى ئۈچكە بۆلۈپ چوڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ:
_ ئەي چوڭ ئوغۇللىرىم، _ دەپتۇ ئوغۇز، - يا سىلەرنىڭ بولسۇن، يادۇر ئوقنى ئاتقان، سىلەرمۇ يادەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن «كۆك ئوق» بولسۇن نامىڭلار، _ دەپتۇ. ئاندىن كۈمۈش ئوقنىمۇ ئۈچكە بۆلۈپ كىچىك ئوغۇللىرىغا بېرىپ:
_ ئەي كىچىك ئوغۇللىرىم، _ دەپتۇ ئۇ، _ ئوق سىلەرنىڭ بولسۇن، ئوقدۇر كۆكلەرگە ئېتىلغان. سىلەرمۇ ئوقتەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن «ئۈچ ئوق» بولسۇن نامىڭلار، _ دەپتۇ.
بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئوغۇخان بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ خاندىن چوپانغىچە ھەممەيلەننى يىغىپتۇ ۋە ئوڭ يېنىغا قىرىق غۇلاچ ئېگىزلىكتە بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر ئاق قوي باغلاپتۇ. .... سول يېنىغىمۇ شۇنداق بىر خادا تىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇ قوندۇرۇپ، تۈۋىگە بىر قارا قوي باغلاپتۇ. ئوڭ يېنىدا كۆك ئوقلارنى، سول يېنىدا ئۈچ ئوقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قىرىق - كېچە - كۈندۈز توي - مەرىكە قىلغاندىن كېيىن خانلار خانى سۆز ئېچىپ:
_ ئەي ئوغۇللىرىم، قاناتلىرىم، قوللىرىم! مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپنى كۆردۈم، دۈشمەنلىرىمنى يىغلىتىپ دوستلىرىمنى كۈلدۈردۈم. ئەمدى ئۆمرۈم ئاخىرلاشتى. ساناقلىق كۈنلىرىم قالدى .. پانىي دۇنيا كىمگە قالسۇن، يۇرت - يايلاقلىقىمنى سىلەرگە ئامانەت قىلىمەن. سۇلار قۇرۇسا قۇرۇسۇنكى، نەسلىمىز قۇرۇمىسۇن، بۇ دۇنيادا نامىمىز ئۆچمىسۇن. ... _ دەپتۇ.
سۆزى ئاياغلىشىش بىلەن تەڭلا ئوغۇز ئارىدىن غايىب بوپتۇ.
بۇ ئۇلۇغلار ئۇلۇغ سىر بولدىمۇ، نۇر بولدىمۇ، ئۇ يېرى نامەلۇم، ئەمما ئوغۇزخاننىڭ ۋەسىيىتى ئەمەلگە ئېشىپتۇ. دۇنيادا نى - نى دەريا - دېڭىزلار قۇرۇپتۇ، تۈرك نەسلى قۇرۇماپتۇ، زامانلار كېسىلىپتۇ، كېتىپتۇ، پېلەك تارتىپ خەمەكلەپتۇ. كۆك ئوقلار كۆپىيىپ، ئۈچ ئوقلار ئۇلغىيىپ دېگەندەك، بۇ يايلاقتىن ئۇ يايلاققا كۆچۈپتۇ.
«مەن بەختىيار تۈرك» دېگەنلەرنىڭ بېشىغا ئەرشتىن يەنە ئۈچ ئالما چۈشۈپتۇ....
(2) تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخچى ۋە تىلى ئۆتكۈر رېۋايەتچىلىرى شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇكى: «نوھ ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلغاندا، شەرق ئەللىرى بىلەن تۈركىستان تەرەپلەرنى چوڭ ئوغلى ياپەسكە بۆلۈپ بەردى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا ياپەس «ئولجايخان» دېگەن لەقەم بىلەن ئاتالغان. ئۇ كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇز كەچۈرەتتى. يايلاق ۋە قىشلاقلىرى تۈركىستاندا بولۇپ، ياز ئايلىرىنى ئىسپانج شەھىرىگە يېقىن ئۇرتاغ ۋە كۇرتاغ (بالقاش كۆلىنىڭ شىمالىدىكى بىر يەرنىڭ ئىسمى) دېگەن جايدا، قىش ئايلىرىنىڭ بولسا، شۇ ئەتراپقا يېقىن (قارا قۇرۇم دەپ مەشھۇر بولغان) قارا قۇمدىكى (قارا قۇم قازاقىستاننىڭ ئارقا دەپ ئاتالغان رايونىدا، بۇرسۇق چۆلىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان جايىدىكى بىر يەر.) بۇرسۇق دېگەن جايدا ئۆتكۈزەتتى. بۇ يەردە ئىككى شەھەر بار ئىدى: بىرىنى تالاس (قازاقىستاندىكى بۈگۈنكى جامبۇل شەھىرى.)، يەنە بىرىنى قارى سايرام (كونا سايرام، ھازىر قازاقىستاندىكى سايرام شەھىرى.) دەيتتى. بۇ كېيىنكى شەھەرنىڭ ناھايىتى زور قىرىق دەرۋازىسى بولۇپ (بۈگۈن ئۇ يەردە مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ياشايدۇ. قونچىنىڭ مەملىكىتىگە يېقىن بولۇپ، قايدۇغا تەۋە ئىدى)، ئولجايخاننىڭ پايتەختى مۇشۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ زىبياۋقۇيخان ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. «زىب» نىڭ مەنىسى تەخت ۋە مەنسەپ، «ياۋقۇي» نىڭ مەنىسى خەلقنىڭ يولباشچىسى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئۇلۇغ ۋە شۆھرەتلىك بىر پادىشاھ ئىدى. ئۇنىڭ قاراخان، ئوغۇزخان، كۇرخان ۋە قوزخانلاردىن ئىبارەت ئابرۇيلۇق ۋە شۆھرەتلىك تۆت ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى قاراخان تەخت ۋارىسى بولغانلىقتىن، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغانىدى. ئۇنىڭ تولىمۇ تەلەيلىك ۋە پادىشاھلىققا لايىق بىر ئوغلى دۇنياغا كەلدى، ئۈچ كۈن ۋە ئۈچ كېچە ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئەممىدى، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئانىسى قايغۇ ۋە ئەندىشە قىلاتتى، بىر كېچىسى چۈشىدە ئوغلى: «ئەگەر سۈتۈمنى ئەمسۇن دېسەڭ، تەڭرىنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار ۋە ئېتىراپ قىل؛ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭنى پەرز بىل» دەۋاتقۇدەك. خاتۇن بۇ ئەھۋالنى چۈشىدە ئۇدا كېچە كۈندۈز كۆرى. قەبىلىسى غەيرىي دىندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئانىسى بۇ چۈشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، ئېرىدىن يوشۇرۇن ھالدا تەڭرىگە ئىلتىماس ئېيتتى. قولىنى كۆككە كۆتۈرۈپ: «ئەي تەڭرىم، مەن بىچارىنىڭ سۈتىنى بۇ بالىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق تاتلىق قىل!» دەپ دۇئا قىلدى، ئوغۇز شۇ ئاندىلا ئانىسىنىڭ كۆكسىگە يېپىشىپ ئېمىشكە باشلىدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن دادىسى ئۇنىڭ ھوشيار، پاكىز ۋە گۈەل چوڭ بولغانلىقىدىن ھەيران بولدى ۋە: «بىزنىڭ قەبىلىمىز ۋە ئۇرۇقىمىزدىن بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر بالا دۇنياغا كەلمىگەنىدى» دېدى. بالا بىر يىلدىن كېيىن (ئېيسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش) تىلى ئېچىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى ۋە: «مەن بىر ئوتاقتا (كەپىدە) تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن، ئېتىمنى ئوغۇز قويۇش لازىم» دېدى. ئوغۇز بالىلىقىدا ۋە چوڭ ۈولغان ۋاقتىدىمۇ ھەمىشە تەڭرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا شۈكرىلەر ئېيتاتتى، مەيلى ئۇيقۇدا، مەيلى ئويغاق بولسۇن، ياراتقان تەڭرىنى چىن دىلىدىن ئەسلەيتتى. ئۇ تەڭرىنىڭ نۇرلۇق مەرھىمىتىگە ئېرىشتى. ھەر تۈرلۈك بىلىم ۋە ھۈنەردە، ئوق ئېتىش - يا تارتىشتا، قىلىچ چېپىش ۋە بىلىم ساھەسىدە .... دۇنياغا داڭقىنى چىقاردى، دادىسى ئۇنى تاغىسى قوزخاننىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەندۈردى. ئوغۇز خوتۇنىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى تەڭرىگە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى. قىز قوبۇل قىلمىدى؛ ئوغۇزمۇ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشتىن باش تارتتى. دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ خاننىڭ قىزىنى ئوغلىغا سوراتتى، ئوغۇز ئۇنىڭغىمۇ يۇقىرىدەك تەلەپ قويدى. قىز ئۇنىمىدى. ئۇ ئوغۇزغا: «ئەگەر مېنى بۇ ئىشقا زورلايدىغان بولساڭ، بۇ گەپنى دادڭغا ئېيتىمەن، ئۇ سېنى ئۆلتۈرىدۇ» دېدى. شۇڭا، ئوغۇز ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. قاراخان ئوغۇزنىڭ ھەر ئىككى قىزدىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇكىسى ئۇرخاننىڭ قىزنى سوراتتى. بىر كۈنى بۇ قىزنى ئۆز كېنىزەكلىرى بىلەن سۇ بويىدا سەيلە قىلىپ يۈرەتتى. كېنىزەكلىرى بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇۋاتاتتى، تويۇقسىز ئوغۇز ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قالدى - دە، كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىنى ئېيتتى: «ئەگەر دېگەنلىرىمگە ماقۇل بولۇپ، تىلىكىمنى قوبۇل قىلساڭ خوتۇنلۇققا ئالىمەن، ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، ئالدىدىكى خوتۇنلاردەك ساڭىمۇ قارىمايمەن.» قىز ئوغۇزغا: «مەن سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن بىر پارچىمەن. قانداق بۇيرۇق قىلساڭ، باش ئېگىپ ئىتائەت قىلىمەن. ھالقاڭ قەيەردە بولسا، قۇلىقىم شۇ يەردە؛ جىغاڭ قەيەردە بولسا، بېشىم شۇ يەردە بولسۇن» دېدى. ئوغۇز بۇ قىزنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشتى، ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، قىزمۇ ئوخشاشلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئوغۇز دوستلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن ئوۋغا چىقىپ كەتتى، غەيرىي دىندىكى دادىسى قاراخان بۇ ئارىدا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ئوغۇزنىڭ خوتۇنلىرى بولغان ھەر ئۈچ كېلىنگە شاراب تۇتتى. زىياپەت ۋاقتىدا كىچىك كېلىنگە زەن سېلىپ قاراپ: «بۇنىڭغا قارىغاندا ماۋۇ ئىككى كېلىنىم پاكىز، چىرايلىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئوغۇز بۇنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدى. دەردىنى تۆكۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پۇرسەت كۈتۈۋاتقان ئىككى كېلىن ۋاقىتنى غەنيمەت بىلىپ، ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك بىلەن: «ئوغۇز بىزنى قانداقتۇ بىر تەڭرىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلدى. بىز مۇنداق تەڭرىنى تونۇمايمىز، _ دېدۇق. شۇڭا، ئۇ خاپا بولۇپ بىزدىن يىراقلاشتى. ماۋۇ كېلىن ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا شەپقەت ۋە مۇھەببەت باغلىدى. ھازىر ئۇلار ئەر - خوتۇن ئىككىسى يېڭى دىنغا ئىشىنىدۇ. ئاتا - بوۋىسىنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى» دېيىشتى. قاراخان بۇ ئىشنى ئۈچىنچى كېلىندىن سورىغانىدى، ئۇ بۇ ئىشنى ئىنكار قىلدى. قاراخان بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ، ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى ۋە تۇغقانلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: «ئوغلۇم، ئوغۇز بالىلىق ۋاقتىدا بەختلىك، تەلەيلىك، پادىشاھلىققا ياراملىق بالا ئىدى. ھازىر ئاڭلىشىمچە، ئۆز دىنىدىن قايتىپ، باشقا بىر تەڭرىنى تاللاپتۇ. بۇ بالىنىڭ بىزگە ۋە تەڭرىگە ئاھانەت قىلىپ، ھەتتا پىسەنتمۇ قىلمىغانلىقىغا قانداقمۇ چىدىغىلى بولسۇن؟» دېدى. كېڭەش قىلىپ، ئوغۇزنى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلىشتى. ئۇنى يەڭگۈدەك ئەسكەر ۋە كۈچ توپلىدى، ئوغۇزغا نىسبەتەن مۇھەببەت ۋە شەپقەت ھېسسىي بىلەن تولغان كىچىك كېلىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قوشنىلىرىدىن بىر خوتۇننىڭ ئېرىنى ئوغۇزغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئوغۇزمۇ جەڭگە تەييارلاندى.
ئوغۇزنىڭ دادىسىغا، تاغىلىرىغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ۋە ئۆز دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكى
ئوغۇز ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ ئۆيگە يېقىنلاشقاندا، دادىسى ۋە تاغىلىرىنىڭ ئۆز يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە ئۆز نۆكەرلىرى بىلەن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە دادىسى قاراخان، تاغىلىرىدىن قۇزخان ۋە كۇرخانلار ئۆلتۈرۈلدى. ئوغۇز ئۆز يېرىنى قوغداپ، تاغىلىرىنىڭ ئۇرۇق - جەمەتى بىلەن يەتمىش بەش يىل داۋاملىق ئۇرۇشتى. ئاخىر ئۇلارنى يېڭىپ، يۇرتى ۋە خەلقلىرىنى، تاكى قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىگە قەدەر بولغان جايلارنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالدى. قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندى. ئۇلار: «بىز سەن بىلەن بىر نەسىل، بىر قېرىنداش، بىر يىلتىزدىن تۆرەلگەن شاخ ۋە نوتىلار ۋە ئۇلارنىڭ مېۋىلىرى بىز. نېمە ئۈچۈن سەن بىزنى يوقىتىشقا مۇنچىۋالا كىرىشىپ كېتىسەن؟» دېدى. ئوغۇز دېدىكى: «ئەگەر سىلەر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلساڭلار، تەڭرىنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنسەڭلار، سىلەرنى ئامان قالدۇرىمەن ۋە ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن تۈركىستاننى بېرىمەن.» ئۇلار بۇنىڭغا كۆنمىدى، ئوغۇز ئۇلارنى تاكى قاراقۇرۇمغا قەدەر ھەيدەپ سۈردى. ئۇلار ئامالسىز، يوقسۇللۇق ئىچىدە تۇغلا دەرياسى ئەتراپىدىكى چۆل ۋە جەزىرىلەرگە كۆچۈپ بېرىپ ياشاشقا باشلىدى. شۇ يەرنى ئۆزلىرىگە يايلاق ۋە قىشلاق قىلدى. بۇ يەردە ئۇلار ھەر ۋاقىت كەمبەغەلچىلىك، ئاجىزلىق ۋە ئاچارچىلىق قايغۇسىدىن خالىي بولالمايتتى. ئوغۇز ئۇلارغا «مۇۋال» دەپ نام بەردى، يەنى بۇ سۆز «ھەمىشە غەم - قايغۇ، كۆڭۈلسىزلىك ۋە زاۋاللىق ئىچىدە ئۆتۈڭلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئوغۇز ئۇلارغا: «ئىت تېرىسىنى كىيىپ، ئوۋ گۆشىنىلا يەڭلار. مۇندىن كېيىن تۈركىستانغا كەلگۈچى بولماڭلار» دېدى (شۇ سەۋەبتىن، تۈركمەنلەرنىڭ قارىشىچە موڭغۇللار كۇرخان، قۇزخان ۋە ئۇرخانلارنىڭ نەسلىدىن تۆرەلگەن ۋە شەرق تەرەپتە ياشىغان دېيىلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ تەقدىرى، ئۇلارنىڭ تەڭرىنىڭ بىرلىكىنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقى ۋە ئوغۇزنىڭ ئۇلارنى ئۆز يېنىغا ئالغان - ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس). ئوغۇز بۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن يۈرۈشنى توختىتىپ، ئالتۇندىن بىر ئۆي قۇرۇشنى بۇيرۇدى ۋە ئۆز دوستلىرى ھەم تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر مەرىكە ئۇيۇشتۇردى. ئۆزىگە يادرەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇلغان قوۋمىغا «ئۇيغۇر» دەپ نام بەردى، بۇ تۈركىي تىلىدا «ئىزىدىن ماڭغان، ئۇيغۇنلاشقان، دېمەكتۇر. ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرى دۈشمەنلەرنىڭ ئېلىنغان ئولجا - غەنىيمەتلەرنى توشۇشقا يالغۇز ھايۋان كۈچى يېتىشمىگەنلىكتىن، «قاڭلى» (ھارۋا) لار ياسىدى. مۇندىن ئىلگىرى چاق يوق ئىدى. (ھارۋىنى) ئەڭ دەسلەپ مۇشۇلار ياسىدى. لازىمەتلىكلەرنى ۋە ئېغىر يۈكلەرنى ھارۋا بىلەن توشۇيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇز ئۇلارغا «قانقىللار» (ھارۋىلىقلار) دەپ نام بەردى. تالاس، سايرام تەرەپلەردىكى ئەسكەرلەر ئوغۇزغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتى. ئوغۇز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ يەڭدى. تالاس ۋە سايرامدىن تارتىپ ماۋېرا ئۇننەھر، بۇخارا ۋە خارەزمگە قەدەر جايلارنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالدى. ئۆزىنىڭ جاھاننى بويسۇندۇرۇش ئىشىغا خاتىرجەم كىرىشىش ئۈچۈن، تۆت ئەتراپتىكى قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماسلىق ھەققىدىكى كېلىشىملەرنى يېڭىلدى.
ئوغۇزنىڭ جاھاننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، تۈرلۈك دۆلەتلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتكىنى
ئوغۇز ئۆزى بىلەن يېقىنلىرى ئوتتۇرسىدىكى جېدەل - ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ ھىندىستانغا ئەلچىلەر ئەۋەتتى ۋە باج - خىراج تەلەپ قىلدى. ھىندىستان خالقى ۋى ئۇلۇغلىرى قوپال ۋە يىرىك جاۋاب قايتۇردى. ئەلچىلەر قايتتى. ھىند ۋە سىند خەلقلىرى قارشىلىق كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئوغۇز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. ئاۋۋال بۇ مەملىكەتنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئىشغال قىلىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن ئۇلۇداق ۋىلايىتىگە بېرىپ، بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىردى. بۇ يەر چوڭ دەريا بىلەن زور ۋە مۇستەھكەم قەلئەلەر ئارىسىدىكى بىر تاغلىق جاي ئىدى. كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتۈش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئوغۇز تۇلۇمدىن سال ياساشقا بۇيرۇدى. بۇنىڭ بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ، ئىچلىرى جايلارنىمۇ ئالدى. ھىندىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىدە يەنە بىر چوڭ مەملىكەت بار ئىدى. پادىشاھى سىمى (تىنەسى) ئوغۇل ياغماخان ئىدى. ئوغۇزنىڭ ھىند مەملىكىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىستېلا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باج - خىراج تۆلەشكە ماقۇل بولغانىدى. ئوغۇز ئۇنىڭ مەملىكىتىدىن قايتىش بىلەنلا، ئۇ يەنە ئىسيان قىلدى. ئوغۇز كەينىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى ۋە مەملىكىتىنى ئالدى. ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ، قەدىمى تەگكەن ھەممىلا يەرنى ئىگىلىدى، شۇنداق قىلىپ ، پۈتۈن چىننى - مادىن دىيارىنى ۋە نەكىياسنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ يەرلەردىن ناھايىتى نۇرغۇن مال ۋە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ، ئۆز ۋەتىنى تۈركىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرتاغ ۋە ئالا تاغقا چۈشتى. يەنە ئالمالىققا يېقىن بولغان جايدا تارقۇنلۇ تاغ ناملىق ناھايىتى ئېگىز - ئاسمان - پەلەك ئىككى تاغ بار ئىدى. «تۇرقان» ۋە «تۇرقۇن» دېگەن مۇشۇ تاغلاردا ئۆسىدىغان ئىككى خىل ئوتنىڭ نامى بولۇپ، بۇ تاغلار مۇشۇ ئوتلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. ئوغۇز بۇ يەرگە كېلىپ چۈشكەندىن كېيىن، ئون تۆت كۈن تۇردى. ئەمما بۇ يەرنىڭ پادىشاھى ئىنالخان دېگەن كىشى بولۇپ، ئوغۇز بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاشقا باشلىدى. ئىككى قوشۇن بىر - بىرىگە قارشى جەڭ قىلىشتى. ئۇرۇش سەككىز كۈن داۋام قىلدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر قىرىلدى. نىھايەت سەككىزىنچى كۈنى تۆگىلەر ۋە قېچىلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا قاتار تىزدى. چېدىرلار ۋە يۈكلەردىن ئىستىھكام ياساپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. شۇنداق قىلىپ غەلىبە قىلغان ئوغۇز ئىنالخاننى ئۆلتۈرۈپ، مەملىكىتىنى ئالدى. بۇ يەردىن مېڭىپ ئۆز يۇرتى ئۇرتاغ ۋە كۇرتاغقا قايتىپ كەلدى. مەقسىتى بۇ يەردە ئاتلىرىنى سەمرىتىش ئىدى. چۈنكى، شىمالدىكى مەملىكەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈن، يولدا بەگلىرى بىلەن كېڭەش قىلىشقان ۋە ھىند ئەتراپلىرىدكى جايلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا بەزى توختاملارنى تۈزۈشكەنىدى. شۇنداق قىلىپ، ئالدى بىلەن بولۇشلىرى ئۈچۈن گور، گۇرجىستان تەرەپلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، باج - خىراج بېرىشنى تەلەپ قىلدى. قوبۇل قىلىشسا، ناھايىتى ياخشى، قوبۇل قىلمىسا، ئۇرۇش قىلاتتى. قوشۇنلار دەسلەپ گۇرجىستان تەرەپلىرىگە يۈردى ۋە ئەلچىلەر ئەۋەتتى. گور ھۆكۈمدارى ئەلچىلەرنى تولىمۇ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئىتائەت ۋە ئەل بولۇش كەمىرىنى باغلىدى. ئۆزى ھەر يىلى ئوغۇز ھۇزۇرىغا بېرىپ باج - خىراج بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە «يۇرتىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدا دۈشمەن كۆپ، بۇنى يوقىتىشنىڭ ئامالى نېمە؟» دەپ سورىغانىدى، ئوغۇز ئالدى بىلەن تاللانغان يۈز ئاتلىق يىگىتنى گور ھۆكۈمدارى بىلەن بىللە خەۋەرچى قىلىپ شۇ جايغا ئەۋەتتى: «ئەگەر ئەل بولۇپ ئىتائەت قىلسا ياخشى؛ بولمىسا، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار» دېدى. ئوغۇزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، پۈتۈن گور ۋىلايىتى، گۇرجىستاننى تاكى غەزنە، زابىل ۋە كابىلغىچە بولغان جايلارنى ئالدى. ئۇلارغا ھەر يىلى خەزىنىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن، باج - خىراج تەيىن قىلدى. بۇلار غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىپ، ئوغۇزغا قوشۇلدى. بۇندىن كېيىن ھەممىسى بىرلىكتە شىمالىي مەملىكەتلەرگە كۆچۈپ، گورد ۋە باشقۇرت تەرەپلىرىگە يۈزلەندى، دەسلەپ ئۇلۇباگۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىزلىكتىكى بىر قەلئەگە يېتىپ بېرىشتى. بۇ يەرنىڭ ھاكىمىنى «قارا - شىت ياغى» (قاراشىت «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە.)دەيتتى، ئوغۇز ئۇنىڭ قوشۇنىنى يەڭگەندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى جايلارنى بويسۇندۇردى. بۇ ۋاقىتلاردا، ئوغۇز ھەممە كىشىگە مېھىر - شەپقەت ۋە مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، چوڭ ياشلىق قېرىلارمۇ ئۇنى «ئوغۇز ئاكا» دېيىشەتتى. گور ۋە باشقۇرت ئۈستىگە يۈرۈش قىلغاندا، توقسان مىڭ ئۆيلۈك ئاھالە ئوغۇزنىڭ ئەتراپىغا توپلانغانلىقتىن، بۇلار «ئون توققۇز ئوغۇز» دېيىلگەنىدى. ئوغۇز يولدا كېتىۋېتىپ: «كىمكى ئارقىدا قالسا، ياسا (قانۇن) بويىچە جازالانسۇن» دەپ [ەرمان چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تۈركۈم خېلى ياشانغان قېرى كىشىلەر بار ئىدى، بەدەنلىرى ئاجىز بولغاچقا، ئوغۇزنىڭ بۇنداق بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندىيالمايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز ۋە زەئىپلىكىنى ئوغۇزغا مەلۇم قىلىۋىدى، ئوغۇز: «ئۇنداق بولسا، ھەممىڭلار بۇ يەردە قېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بۇ يەر ئالمالىققا يېقىن «ئاق - قايا» دېگەن جاي ئىدى («ئاق - قايا» _ پارسچىدا ئاقتاغ كېچىكى دېمەكتەر). بۇ قېىلار ئارىسىدا ھوشيار، ئەقىللىق، كۆپنى كۆرگەن ۋە دۇنيانىڭ ئاچچىق - تاتلىق كۈنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن يۇشى خوجا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى (يۇشى خوجا - تۈركىي تىلىدا ياشانغان كىشى دېگەن مەنىدە، مۇڭغۇل تىلىدا بولسا، قالىسەنغۇ بىلگىتاي دېيىلىدۇ. قەدىمكى تۈركچىدە ياشانغانلار «خوجا» دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇنىڭ قارا - سۇلۇك ناملىق بىر ئوغلى بار ئىدى. دادىسى ئوغلىغا: «سىلەر بىلمەيدىغان بىر يولغا كېتىپ بارىسىلەر. ئارىڭىزلاردا بىلىملىك، ياشانغان كىشىلەر يوق. ئەگەر قىيىن ئەھۋالدا قالساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟ ياخشىسى، مېنى يېنىڭلارغا ئېلىۋېلىڭلار! بىر كۈنى ئىشىڭلارغا ياراپ قالارمەن» دېۋىدى، ئوغلى: «ھەي دادا! .وغۇزنىڭ بۇيرۇقىنى قانداق قىلىپ بۇزالايمەن» دېدى، ئاخىر ئۇنى بىر ساندۇققا ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۆگىلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى. گورد ۋە باشقۇرت ئېلىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ناھايىتى زوراۋان ۋە ھېيلىگەر بىر قوۋم ئىدى. تەكەببۇر ۋە غۇرۇرلۇقلىقى تۈپەيلىدىن ھېچقانداق بىر پادىشاھقا باش ئەگمىگەنىدى. ئوغۇز قارا شىت ناملىق پادىشاھنى قولغا چۈشۈردى. گورد ۋە باشقۇرتلار ئەل بولۇپ، باج - خىراج بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشتى، ئۇ يەردىن يولغا چىققاندىن كېيىن، ئالدىلىرىغا يەنە بىر باياۋان ئۇچرىدى. بۇ يەردە سۇ قىس بولغاچقا، بىر تامچە سۇنى بىر تامچە قىممەت باھا گۈل يېغىغىمۇ تېگىشمەيتتى. قارا - سۇلۇك ئادەملەرنىڭ سۇسىز قالغانلىقىنى دادىسىغا بىلدۈرۈۋىدى، يۇشى خوجا: «بىر نەچچە كالىنىڭ بېشىنى بىر يەرگە باغلاپ، ئۇلارنى ئۇسساپ ھارغۇچە يۈگۈرتۈڭلار - دە، كېيىن قويۇۋېتىڭلار؛ كالىلار تۇياقلىرىنى بىر يەرگە ئۇرۇپ تېپىچەكلەشكە باشلىسا، مانا شۇ يەردە سۇ بارلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. شۇ يەرنى كولاڭلار» دېدى. قارا - سۇلۇك دادىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىۋېدى، بىر يەردىن سۇ چىقتى. ئات - ئۇلاغ ۋە ئادەملەر سۇغا قاندى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئوغۇز قارا - سۇلۇككە نۇرغۇن ئىنئام بېرىپ، ئۇنى پۈتۈن ئۇلۇسنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىن قىلدى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئاتىل «ئىدىل» دەرياسى بويىدا ئوق قىران كۆك بۇلۇت (ئوق قىران كۆل ياتۇپ) ناملىق بىر يەرگە كېلىشتى. بۇ يەرنىڭ خەلقى ئوغۇزنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، مانا ئەمدى مەغلۇپ بولدۇق، دەپ ھېسابسىز چارۋا ماللىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. ئەسكەرلەر دەريانىڭ بويىغا كېلىپ سۇغا قارىغانىدى، سۈزۈك سۇنىڭ تېگىدە ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملار، لىگەن، ئىۋرىق، قازان قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى چىقىرىش ئۈچۈن سۇغا چۈشۈشتى. ئەمما، سۇ ئىچىدە كۆرۈنگەن نەرسىلەردىن ھېچنېمە تاپالماي ھەيران بولۇشتى. قارا - سۇلۇك بۇ ئەھۋالنى دادىسىغا ئېيتقانىدى، دادىسى ئۇنىڭغا: «ئەجابا سۇنىڭ بويىدا ئېگىز بىر دۆڭلۈك يوقمۇ؟» دەپ سورىدى. قارا - سۇلۇك: «بار، پەقەت سۇ بويىدا يوغان بىر تۈپ دەرەخ بار» دەپ جاۋاب بەردى. دادىسى: «ئۇنداق بولسا، سۇدا كۆرۈنگەن نەرسىلەر شۇ دەرەخنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇشى مۇمكىن» دېدى. قارا - سۇلۇك بېرىپ، دەرەخنى دىققەت بىلەن تەكشۈردى ۋە ئۇ يەرگە يوشۇرۇپ قويغان ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملارنى تېپىۋېلىپ ھەممىسىنى ئوغۇزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز قارا - سۇلۇككە چوڭ ئىلتىپات قىلىپ، نۇرغۇن مۇكاپات بەردى. ئوغۇز بۇ چاغدا مۇنداق ئويلىدى: «بىز جاھاننى ئېلىش ئويى بىلەن جاھاننىڭ ھەر تەرىپىگە كېتىۋاتىمىز، ئەسلى ۋەتىنىمىز ھەم يۇرتىمىز تالاس ھەم سايراملار بولسا ئارقىدا قالدى. مۇبادا دۈشمەنلەر بىزنىڭ يوقلۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۇ يەرلىرىمىزنى بېسىۋالسا، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور بىر بەختسىزلىك بولىدۇ. دۈشمەنلىرىمىز ئۈچۈن راسا شۆھرەت پۇرسىتى بولۇپ قالىدۇ. ئازغىنا پايدىنى دەپ، دەسمايىنى يەپ قويمايلى يەنە» دېدى. ئوغۇز ئۆز يۇرتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆز قەبىلىلىرىنى تالاس ۋە ئالمالىق قاتارلىق جايلارغا قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەسلى يۇرتلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى.
ئوغۇزنىڭ قىلباراق بىلەن ئۇرۇش قىلىشى
قىلباراق (سىبىرىيىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بىر قوۋم، ئىت باراق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.) دۇنيانىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە جايلاشقان بىر مەملىكەت ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئەركەكلىرىنىڭ تېنى قارا، چىرايى سەت، كۆرۈنۈشى ئىتقا ئوخشايتتى. خوتۇنلىرى بولسا چىرايلىق، پاكىز كېلەتتى. ئوغۇز ئۇلارنىڭ يېرىگە ئاز قالغاندا، توققۇز ئاتلىقنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئەلچىلەر: «نۇرغۇن شەھەر، مەملىكەتلەر بىزگە ئەل بولۇپ، ئىتائەت قىلدى. باج - خىراج بېرىشكە ماقۇل بولساڭلار، ناھايىتى ئوبدان، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇرۇشقا تەييارلنىڭلار، چوقۇم كېلىمىز» دەپ خەۋەر قىلدى. ئۇلار ئەلچىلەرگە: «سىلەرنىڭ توققۇز كىشىڭلار ئەگەر بىزنىڭ ئىككى كىشىمىز بىلەن ئورۇشۇپ يېڭەلىسە، باج - خىراج بېرىشكە ماقۇل بولىمىز؛ ئەگەر يېڭىلىپ قالسا، بۇ يەردىن قايتىشىڭلار كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئەلچىلەر بۇندا ئۇرۇشۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى ۋە: «ئەگەر ئۇرۇشۇشنى خالىساڭلار، بىزدىن ئىككى، سىلەردىنمۇ ئىككى كىشى بىرگە بىر بولۇپ چۈشسۇن» دېدى. قىلباراقلىقلارنىڭ ئادىتى مۇنداق ئىدى: «ئۇرۇش ۋاقتىدا ئىككى كۆلچەك تەييارلاپ، بىرىنى قار، بىرىنى ئاق يىلىم بىلەن تولدۇراتتى. جەڭدىن بۇرۇن ئاق يىلىم كۆلچىكىگە يالىڭاچ كىرەتتى، يىلىم ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدىكى تۈكلەرگە يېپىشاتتى، كۆلچەكتىن چىقىپ ئاق قۇمغا يۇمىلىناتتى، ئۇندىن كېيىن قارا يىلىم كۆلچىكىگە كىرىشەتتى ۋە قارا قۇم ئۈستىگە دومىلىناتتى. بۇلارنىڭ بەدەنلىرى قۇرۇغاندىن كېيىن، تېنىگە ھېچقانداق قورال كار قىلمايتتى. قىلباراقلىقلاردىن جەڭگە كىرگەن ئىككى كىشى مانا شۇنداق قىلىۋېلىپ، ئوغۇزنىڭ ئىككى ئەلچىسى بىلەن ئۇرۇشۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە قورال كار قىلماي، ئىككى ئەلچى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆلدى. يەتتە كىشى ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى ئوغۇزغا بايان قىلدى. ئوغۇز بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، قىلباراقلىقلارغا قارشى ئۇرۇش باشلىدى. دۈشمەنلەر غەلىبە قىلىپ، ئوغۇز ئەسكەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشى چىقىم بولدى، قالغانلىرى تارقىلىپ كەتتى. ئوغۇز بۇ ئۇرۇشتا پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، چوڭ بىر دەريا ئولتۇرۇپ، بىر قىسمى ئۈزۈپ دەريادىن ئۆتۈشتى. قىلباراقلىقلار ئىتلارغا بىر قىسمى ئۈزۈپ دەريادىن ئۆتۈشتى. قىلباراقلىقلار ئىتلارغا ئوخشاش يالىڭاچ ۋە پىيادە بولغانلىقتىن، ئۇلار بۇ دەريادىن كېچىپ ئۆتەلمەيتتى. ئوغۇز «ئىككى دەريا ئارىسى» غا چۈشتى ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تارقىلىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى توپلاش ئۈچۈن مانا شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئوغۇزنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ھېلىقى چېكىنىش ۋاقتىدا قىلباراقلىقلار ئارىسىدا قېلىپ، خوتۇنلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئەرلىرى پاسكىنا، سەت، بەشىرىسى ئىتقا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن، خوتۇنلىرى ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيتتى. شۇڭا خوتۇنلار ھېلىقى ئوغۇز يىگىتنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى، ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا ئولاشتى، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى خالاشتى. لېكىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ چوڭى ئىت - باراقنىڭ خوتۇنى ھۇزۇرىغا ھەدىيە سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىشتى. خوتۇن بۇ يىگىتنى كۆرۈپ، سۆزلىشىپ، مۇناسىۋەتلەشكەندىن كېيىن بەكمۇ يېقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇمۇ ئۆز ئېرى بىلەن بىر ئورۇندا بولالمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئىچى ئۇشاتتى. ئىت - باراقنىڭ خوتۇنى بۇ جىنسىي ئارزۇسى ۋە خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن، ئوغۇز تەرىپىگە مايىل بولدى ۋە ئوغۇزغا يوشۇرۇنچە ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەگەر دۈشمىنىڭىزنى يېڭىپ، مەملىكىتىنى ئالماقچى بولسىڭىز، تىكەنگە ئوخشاش تۆمۈر مىخ ياسىتىڭ، ئەسكەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بۇ تۆمۈر تىكەنلەرنى ئاتلىرىغا غانجۇغىلاپ ئالسۇن - دە، ۇرۇش مەيدانىغا كىرگەندە، بۇلارنى دۈشمەن ئۈستىگە چاپسۇن، ئەمما ئۆز ئاتلىرىڭلارنىڭ ئاياغلىرىغا بۇ تۆمۈر تىكەنلەر زەخىم يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، مۇناسىپ تاقا ياسىتىپ، ئاتلارنى تاقىلاڭلار. ئۇندىن كېيىن دۈشمەنلەرنىڭ كۆزى، بۇرۇنلىرى ۋە بەدەنلىرىنىڭ يىلىمسىز يەرلىرىگە ئوق ياغدۇرۇڭلار!» دەپ خەۋەر قىلدى. بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغان ئوغۇز بەكمۇ خۇشال بولۇپ، بۇ «ئىككى دەريا ئارىسى» نى ئۆزىگە قارارگاھ قىلدى، كېمىلەر ياساتتى ۋە كېلىشكەن يىگىتلەرنى ئىت - باراقنىڭ خوتۇنلىرى قېشىغا ئارقا - ئارقىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. خوتۇنلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن بۇ ئەلچىلەر ئوغۇزغا كېرەكلىك سايمان ۋە ماتېرىياللارنى ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ بەردى. بەزى ئاياللار بۇ ئەركەكلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن بىللە قايتىپ كېلىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەملىكەت ئېلىندى. ئوغۇز بۇ يەردە ئون يەتتە يىل تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشاپ ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سالدى. قوراللىرىنى يېڭىلىدى. بۇ مۇددەتتە بوۋاقلار - بالىلار بالاغەتكە يېتىپ يىگىتلىك دەۋرىگە كىردى. ئوغۇزنىڭ بىر خوتۇندىن بولغان تۆت ئوغلىمۇ چوڭ بولدى. بۇ ئارىلىقتا ئوغۇزنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، ئېرى ئۇرۇشتا ئۆلگەنىدى. ئۇرۇش مەيدانىدا خوتۇننىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ، قىستىلىپ قالغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى ئىچى كاۋاك بىر دەرەخنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇغۇۋالدى. بالىنى ئوغۇزنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئەھۋالىنى بايان قىلىۋىدى، ئوغۇز ئۇنى «قىپچاق» دەپ ئاتىدى (قىپچاق - قابۇق ()كاۋاك) سۆزىدىن چىققان بولۇپ، تۈركىي تىلىدا ئىچى چىرىپ، پورلاشقان دەرەخ شۇنداق دېيىلىدۇ. باشقا تۈركىي قوۋملارنىڭ پىكرىچە، پۈتۈن قىپچاق قەبىلىلىرى بۇنىڭ نەسلىدىن بولغانىكەن». ئوغۇز قىلباراقنى ئالغاندىن كېيىن، ھەممە كىشى ياس ۋە تەرتىپ بىلەن ئىدارە قىلىندى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ مەملىكەتنىڭ چېگرىسىغا خېلى يېقىن بولغان «قاراڭغۇلۇق مەملىكىتى» گە يۈرۈش قىلدى.
ئوغۇزنىڭ قاراڭغۇلۇق مەملىكىتىگە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇ جايلارنىڭ ئەھۋالى
ئوغۇز قارا - خۇلۇن چېگرىسىغا، يەنى قاراڭغۇلۇق مەملىكىتىگە يېتىپ بارغاندا، قاراڭغۇلۇق سەۋەبىدىن دېگەن يېرىگە يېتىپ بېرىش مۇمكىن بولمىدى. ئوغۇز يېقىنلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھېچبىر نەتىجە چىقمىدى. قارا - سۇلۇك مۈشكۈل ئىشلارنى ھەل قىلىپ، يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قىيىن ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. دادىسى يۇشى خوجا: «تايچىقى بار تۆت بايتال بىلەن، تەخىيى بار توققۇز مادا تېپىڭلار - دە، ئۇلارنىڭ تاي - تەخەيلىرىنى ئانىلىرىدىن ئايرىپ قاراڭغۇلۇق مەملىكىتىگە كىرىدىغان يەرگە باغلاپ قويۇڭلار. ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنى ئادەملەر مىنىپ قاراڭغۇۇقنىڭ ئىچىگە كىرسۇن، خالىغان يەرلىرىگە بارسۇن، كېيىن قايتىدىغان ۋاقتىدا بايتاللار بىلەن مادىلار بالىلىرىنىڭ ھىدىنى پۇراپ يولدىن ئاداشماي، ئۈستىدىكى ئادەملەرنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ» دېدى. قارا - سۇلۇك ئاتىنىڭ بۇ چارىسىنى ئوغۇزغا دېۋىدى، ئۇ ماقۇل كۆردى. ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، قاراڭغۇلۇققا كىرىپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز يول مېڭىشتى. بىر ۋاقىتتا ئوڭدىن، سولدىن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بارغانلاردىن كۆپچىلىكى ھېچقانداق نەرسە ئالالمىغان، بەزىلىرى ئاز، بەزىلىرى كۆپ نەرسىلەر ئېلىۋالغانىدى. بايتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققاندا قارىسا، ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گۆھەر ۋە قىممەتلىك تاشلار ئىكەن، ئاز ئالغانلار ۋە ئالمىغانلارنىڭ ھەممىسى پۇشايمان قىلىشتى، ئۇ يەردىن قىلباراق بىلەن ئاتىل (ئىدىل) ئارىسىدا تۈتۈنسىز (ئادەمزات يوق) بىر چۆل مەملىكەتكە قاراپ سەپەر قىلدى. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھۆكۈمدارى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ مەملىكەتنىمۇ ئېلىپ، تەرتىپكە سېلىش، باج - خىراجلىرىنى بەلگىلەش، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ئىشلىرى بىلەن بۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى، كېيىن بۇ يەردىن خەزەر (كاسپى) دەربەنتى تەرىپىگە كۆچتى، بۇ دەربەنت چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، يۇشى خوجا ئوغلى قارا - سۇلۇككە «قوشۇنىمىز بىر قېتىم يېڭىلىپ قالدى، بۇ خەۋەر دوست - دۈشمەنلىرىمىزگىمۇ ئاڭلاندى. شۇڭا يۈزدەك ئاتلىق ئەسكەرنى يۇرتىمىزغا قايتۇرايلى، ئۇلار بىزنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىمىز، ئالغان يەرلىرىمىز، قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرىمىزنى يۇرتىمىزغا يەتكۈزسۇن، ئۇرۇق - جەمەت ۋە ئەسكەرلىرىمىز سۆيۈنۈپ خۇشال بولسۇن، دۈشمەنلىرىمىز خورلانسۇن، چۈشكۈنلىشىپ يۈزى تۆكۈلسۇن، قولىمىزغا چۈشكەن پۈتۈن ئوزۇق - تۈلۈك، خەزىنە - بايلىقلارنى يۇرتىمىزغا ئېلىپ كەتسۇن - دە، داڭقىمىز، شۆھرىتىمىز پەلەككە يەتسۇن» دېدى. قارا - سۇلۇك بۇ تەكلىپنى ئوغۇزغا يەتكۈزدى. ئوغۇز بۇنى ماقۇل كۆرۈپ، قارا - سۇلۇككە ئىنئام ۋە مۇكاپاتلار بەردى، ئۆز تونىنى ئۇنىڭغا كىيگۈزدى. بارماقلىق جۇسۇن بىلىگ قوماندانلىققدا يۈز نەپەر قاڭلى ئاتلىقلىرىنى بۇ مۇھىم ئىشقا بەلگىلەپ، بارلىق خەزىنە ۋە تەمىناتنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ، ھارۋىلار بىلەن يولغا سالدى. ئوغۇز بۇلارغا چېدىر - بارگاھ، خەزىنىلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۆزى قايتقۇچە بۇلارنى ئوبدان ساقلاشنى بۇيرۇدى. ئوغۇز ۋاقتىدا ئالتۇن ئۇچلۇق ئوق ۋە يا (ھازىرقى زاماننىڭ يارلىقى ۋە پارولى ئورنىدا) بار ئىدى. ئوغۇز ئۆزىنىڭ ئىككى ئالتۇن ئۇچلۇق ئوق ۋە ياسىنى ئۆز بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا بەردى. قاڭلىلار بارغانلىكى جايلاردا بەلگىلەرنى كۆرسەتكەن ھامان، يەرلىك خەلق بۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرىنى يېمىك - ئىچمەك، يەم - خەشەك چۈشكۈن بىلەن تەمىنلىدى، تېگىشلىك خىزمەت قىلىپ ھۆرمەتلىدى. بۇلارنى ماڭغۇزۇپ يەتتە كۈن بولغاندا، ئوغۇز بۇ يەردىن دەربەنتكە قاراپ ماڭدى. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى ئوغرى ۋە يول توسار قاراقچىلار ئىدى. يولۇچىلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ، پاراكەندە قىلاتتى، ھەتتا ئوغۇز قارا - سۇلۇكنى چاقىرىپ: «بىزنى بۇ يەرگە سەن ئېلىپ كەلدىڭ. بۇ يەر خېلىلا تار ۋە تىل داۋان ئىكەن، تىك تاغ ئىكەن. ئۇلارغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىمىز؟» دەپ سورىغانىدى، قارا - سۇلۇك ئۇنىڭ ئامالىنى دادىسىدىن سورىدى. يۇشى خوجا: «بۇ جاينى پۈتۈنلەي تالان - تاراج قىلىپ، ۋەيران قىلىۋېتەيلى. بۇ يەرنىڭ بىر تەرىپى دېڭىز، بىر تەرىپى تىك تاغ بولغاچقا ھەرىكىتىمىزنى شەھەرگە قارىتايلى، بۇ يەرنىڭ خەلقى ئاجىزلىشىپ، ئاخىر بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى. قارا - سۇلۇك بۇ مەسلىھەتنى ئوغۇزغا يەتكۈزدى، ئوغۇز ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋىلايىتىنى ھەرتەرەپتىن قورشاپ، تالان - تاراج قىلدى. ئەتىيازغىچە دەربەنتنى مۇساھىرە قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دەربەنت خەلقى پارىسىز قېلىپ، پاراكەندىچىلىك ئىچىدە يىغىلىپ كېڭەش قىلدى: «ئوغۇزنىڭ يېقىن ئەتراپىتىكى شەھەرلەرنى ئېلىشى تۇرغان گەپ، ىېلى كۈچلۈك بولغان قىلباراقنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىغانىدۇق» دېيىشتى. سەككىز ئاي داۋام قىلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن ھەممىسى سۈلىھ ئۈچۈن ئوغۇز ھۇزۇرىغا كېلىشتى. قىر ئاتلىرىدىن توققۇزنى تارتۇق قىلىپ ئەل بولۇشتى. ئوغۇز كەلگەنلەرنى كۆرگەندىن كېيىن: «بىز بۇ يەرگە كەلگىلى شۇنچە بولدى، نېمە ئۈچۈن بۇرۇنراق ئالدىمىزغا كەلمەي، بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈردۈڭلار!» دەپ سورىغانىدى، ئۇلار: «ئارىمىزدا ئەقىللىق ئادەملەرمۇ بولغىنىدەك، ئەقىلسىز ساراڭلارمۇ يوق ئەمەس، ھازىرغىچە بۇ ئەقىلسىزلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ھۇزۇرلىرىڭىزغا كېلەلمىدۇق. خاتا قىلغانلىرىمىزنى بىلدۇق، ھازىر ئەقىللىق كىشىلەر يول كۆرسىتىپ نەسىھەت قىلدى، ئىشمۇ ئايدىڭلاشتى. بويسۇنۇشتىن باشقا چارە يوقلۇقىنى بىلدۇق ۋە قۇلىڭىز بولغىلى كەلدۇق» دەپ جاۋاب بېرىشتى. «گۇناھىڭلارنى تونۇغانىكەنسىلەر، مەنمۇ گۇناھىڭلارنى كەچۈردۈم. ئەمما سىلەر تەرەپ ئىككى تايچىقىمنى ئېلىپ قېچىشتى. بۇلاردىن بىرى ئىراق - قۇلا بولۇپ، ئاغزاققا مايىل ئات ئىدى. يەنە بىرىنىڭ ئېتى سۈت - ئاق بولۇپ، شىرغىغا ئوخشايدىغان تۇم ئاق ئات ئىدى. بۇ ئات بۆرە مېڭىشلىق ھەم چىرايلىق ئىدى. گۇناھىڭلاردىن ئۆتتۈم، ئەمما مەن دېگەن بۇ ئىككى ئاتنى قايتۇرۇپ بەرمىسەڭلار، ھېچبىرىڭلارنى ساق قويمايمەن» دېدى ئوغۇز بۇيرۇق بېرىپ.
بۇلار ئېلىپ قاچقان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنى تاپتى. لېكىن، ھېلىقى ئىككى ئاتنى ھېچ قەيەردىن تاپالمىدى. ئوغۇز بۇ ئىككى ئاتنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلار مۆھلەت سورىدى. ئوغۇز بۇ يەردە يەنە بىر ئاي تۇرۇپ قالدى. بۇ يۇرتنىڭ ھەممە يېرىگە ئاتلارنى ئىزدەپ ئادەم ئەۋەتىشتى. ئاخىر ئاتلار تېپىلىپ، ئوغۇزنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئۇ تولىمۇ خۇشال بولدى. كەلگەنلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كۆڭۈللىرىنى ئالدى، خەلقنى قوغداش ۋە باج - خىراج يىغىش ئۈچۈن بىر مەمۇرىي ئەمەلدار تەيىنلەپ ، پەرەڭ (ياۋروپا، تار مەنىدە فرانسىيە.) ۋە رۇم (رىم ئىمپېراتورلۇقى.) دىيارىغا يۈرۈش ئىلىندى.
ئوغۇزنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن رۇم ۋە پەرەڭ تەرەپلەرگە ئەۋەتكەنلىكى
تەكۋۇر ئەل بولۇپ، ئوغۇزغا پەرەڭ ۋە رۇم ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئوغۇز ئۈچ ئوغلىنى، يەنى كۈن، يۇلتۇز ۋە دېڭىزنى توققۇز مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن رۇم تەرەپكە ئەۋەتتى، قالغان ئۈچ ئوغلى - ئاي، كۆك ۋە تاغنى باشقاا توققۇز مىڭ كىشى بىلەن پەرەڭ دىيارىغا ئەۋەتتى. ئۇلارغا دېڭىز بويىدا بىر يەرنى قاراگاھ قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئەلچىلەرنى بەلگىلەپ، ئۇلارنى كېمە بىلەن پەرەڭلەرگە ئەۋەتىشنى ئەمر قىلدى. تەكۋۇر بۇلارغا ئىتتىپاقداش بولۇپ، ئىتائەت كەمىرىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، ئوغۇزنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، دېڭىز بويىدىن ئەپلىك بىر يەرنى قارارگاھ قىلىشقا كۆرسىتىپ بەردى؛ ئۇلارغا زۆرۈر بولغان تەمىناتلارنى تەييارلىدى؛ ئەلچىلىرىنىمۇ پەرەڭ تەرەپكە ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئۇ يەرگە بارغاندا، ئوغۇزنىڭ تونلىرىنى يۇرت چوڭلىرىغا كىيگۈزدى. تەكۋۇرخان ئۆز ئەلچىسىنى بۇرۇنراق ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىپ، ئوغۇزنىڭ سۆزلىرىگە ماقۇل بولۇپ، ئىتائەت قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇلارمۇ قارشى چىقماي، شۇنداق قىلدى ۋە بويسۇندى. بۇلارغا ئۆز لايىقىدا سوۋغا - سالاملارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئوغۇز ئوغۇللىرىنى كۆرۈپ تەقدىم قىلماقچى بولغانىدى، ئوغۇزنىڭ ئوغۇللىرى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئۇلارغا: «سىلەر ئوغۇزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىڭلار، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئالىرىپ بېرىڭلار! باج - خىراج تەيىنلەپ، قارار چىقىرىش ئوغۇزنىڭ ئىختىيارىدا. بىز ئاغا - ئىنىلار قوشۇن بىلەن بىرلىكتە ئوغۇز بۇيرۇق قىلغۇچە مۇشۇ يەردە كۈتىمىز. سەن بېرىپ دادىمىز ئوغۇز بىلەن كۆرۈشكىن، باج - خىراج قارارلاشسۇن، قايتسۇن دەپ بۇيرۇق بەرسە، دەرھال قايتىمىز» دېيىشتى. ئۇلار ئوغۇز ئوغۇللىرىنىڭ بۇ ھەقتە چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېلىپ كەلگەن مال - بايلىق ۋە خەزىنىلەرنى ئېلىپ ئوغۇزغا سالام بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتى. پەرەڭدىن كەلگەن ئەلچىلەر ئوغۇزنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا، ئەھۋالنى بايان قىلدى، ئوغۇز بۇلارغا: «سىلەر كۆرگەن بۇ ئازغىنە ئەسكەرلەر ئالدىنقى قىسىم ئەسكەرلىرىم بولىدۇ، ھازىر قوشۇنۇمنىڭ ئەسلى قىسمىنى بېرىپ كۆرۈڭلار! ئەگەر بىزگە قارشى چىقماقچى بولساڭلار، ئۇرۇشىمىز. قارشى تۇرۇشقا كۈچۈڭلار يەتمىسە، بويسۇنۇشتىن باشقا يول يوق، مال ۋە خەزىنە ئۈچۈن باج - خىراج بېكىتىپ، ھەر يىلى ئىشەنچىلىك كىشىلەر ۋە ئەلچىلەر ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىڭلار! شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭلاركى، قوشۇنۇم سىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ: «ھەي، ئوغۇز ئاكا! قوشۇنىڭىزنى قايتىشقا بۇيرۇق قىلىڭ! باج - خىراج تۆلەيلى، بىر ئەمەلدار بەلگىلەڭ!» دېۋىدى، ئوغۇز: «ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن باج - خىراج بېرىشنى ئۈستۈڭلارغا ئالساڭلار، تەكۋۇرخان يېنىدا قويغان ئەمەلدارلىرىمىز سىلەرگىمۇ قارايدۇ. ھەر يىلى باج - خىراجنى شۇنىڭغا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ، ئۇ ماڭا ئەۋەتىدۇ. سىلەردىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم بىر كىشى قېشىمغا كەلسۇن، مەن ئۇنىڭغا تون كىيدۈرۈپ قايتۇرىمەن» دېدى. بۇ سۆزلەر تۈگىگەندىن كېيىن، باج - خىراج سانىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنى بۇ ئادىتى بويىچە يولغا سالدى. بۇ ئەلچىلەر ئوغۇز قوشۇنىنى ناھايىتى كۆپ ئىلەن دەپ بىلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى پەرەڭ پادىشاھىغا مەلۇم قىلدى، پادىشاھ خېلى ئەندىشىگە چۈشۈپ، ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن، باج تۆلەشنى قوبۇل قىلىپ، ئىتائەت ۋە قۇللۇق كەمىرىنى جان - دىلىدىن بېلىگە باغلىدى. ئوغۇز سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ پادىشاھلىق قىلغان دەۋرىدىمۇ ۋە ئۇندىن كېيىن ئوغۇللىرى، ئەۋلادلىرى ھۆكۈم سۈرگەن زاماندىمۇ باج - خىراج ئەۋەتتى. ئوغۇزلارغا قارشى چىققۇچىلار بىلەنمۇ ئۇرۇشتى.
ئوغۇز بۇ يەردىكى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، رۇم - پەېەڭ ئىشلىرىغا بىر يول كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئانتيۇكىيىدە يەنە ئۈچ يىل تۇردى. بۇ دىيارلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئۇ يەردىن مىسىرغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئوغۇزنىڭ مىسىرغا قىلغان سەپىرى
ئوغۇز دەمەشىقنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، مىسىرنى ئېلىش نىيىتىنى بىلەن يولغا چىقتى، ئۈچ كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن بىر يەردە ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدى، پۈتۈن قوشۇندىكى ھەر مىڭ ئەسكەرنى كېچىسى مەخپىي يوسۇندا ئىككى - ئۈچ قېتىمدىن كەينىگە قايتۇرۇپ، سەھەرگىچە ئەسلى قىسىمغا قوشۇلۇشنى بۇيرۇق قىلدى. بۇنداق قىلغاندا ئەسكەرلەرنىڭ سانى ناھايىتى نۇرغۇن كۆرۈنەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مىسىرنى قانداق ئېلىش ۋە قانداق ئەل قىلىش توغرىسىدا كېڭەش قىلدى. ئۈچ ئوغلىنى توققۇز مىڭ ئادەم بىلەن ئالدىنقى قىسىم قىلىپ ماڭدۇردى. يەنە بىر ئوغلىنى توققۇز مىڭ كىشى بىلەن كېچىسى ئارقىسىدىن يولغا سالدى. ئۆزى چوڭ قوشۇن بىلەن ئارقىسىدىن يولغا چىقتى. شۇ كۈنى ئۈچ ئەلچىسىنى چاپقۇر ئات بىلەن مىسىرغا ماڭدۇرۇپ، ئوغۇز قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ سۆزلەر مىسىرلىقلارغا زور تەسىر قىلدى. ئوغۇزنىڭ ئوغۇللىرى مىسىرغا يېقىن كەلگەندە، مىسىرنىڭ پۈتۈن يۇرت چوڭلىرى ئىستىقبالغا چىقىپ، سوۋغات ۋە ھەدىيىلەر تەقدىم قىلدى. ئەل بولدى. خەزىنە ۋە باج - خىراجلىرىنىڭ سانى بېكىتىلدى. ئوغۇزنىڭ ئوغۇللىرى مىسىردا بىر يىل تۇرۇشتى، ئۇزا يەردىن كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ھەر يىلى باج يىغىمىز دەپ كېلەلمەيمىز. ئۈچ يىلنىڭ بېجىنى ئالدىن بىر يولى تۆلەشكە ھازىرلىق كۆرۈڭلار دەپ، بۇ يىل مىسىردىن ئۈچ يىللىق باج - خىراج بىراقلا يىغىۋېلىندى. قوشۇنغا ناھايىتى نۇرغۇن مال بېرىلدى. ئوغۇز دەمەشق ۋىلايىتىدە يەنە بىر يىل تۇردى. بۇ جەرياندا دەمەشىقنىڭ باج - خىراجلىرىنى توختاتتى. ئوغۇز ئادەم ئەلەيھىسسالام مازىرىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، مەككە ۋە مەدىنىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر ئاز توپا ئەپكېلىشكە بۇيرۇق بەردى. كىشىلەر بېرىپ توپا ئەكەلدى. ئوغۇز بۇ توپىدىن بەدىنىگە ئازغىنە سۈركەپ، تەڭرىگە شۈكرى - سانا ئېيتتى. ئوغۇللىرى ۋە بەگلىرىگە: «ئادەم توپىدىن يارىتىلغان، ئاخىرىدا يەنە توپىغا ئايلاندى. بىز ھەممىمىز توپىغا ئايلىنىمىز. ئىنسان ھەرقانچە كۈچلۈك بولغاندىمۇ بۇنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە ياخشىلىق قىلىشى، يامانلىق قىلماسلىقى لازىم!» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن باھار كېلىشى بىلەن بەئەلبەك (بىر ناھىيە ئىسمى.) تاغلىرىغا ۋە سالقىن يەرلەرگە بېرىپ يايلىدى. پۈتۈن يازنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
ئوغۇزنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىنى پارس ۋە كىرمان تەرەپلەرگە ئەۋەتكىنى
ئوغۇز ئوغۇللىرىدىن تۆتىگە پارس ۋە كىرمان تەرەپلىرىگە بېرىپ جايلارنى ئىتېلا قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەنىدى. ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، بۇ دىيارلارغا يۈرۈش قىلىپ، ئالدى بىلەن كىرمانغا بېرىپ ئۇرۇش قىلدى. ئىسپىھاننى قانداق ئالغان بولسا كىرماننىمۇ شۇنداق ئالدى. كۆپ ئېلىشىشقا توغرا كەلدى. ئۇ يەردىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بوشىغاندىن كېيىن، پارس ۋىلايىتىگە كەلدى. دەسلەپ شىراز (ئىراندىكى بىر شەھەر) نى ئالدى. (بىر يىلغىچە بۇ يەرلەرنى ئېلىش بىلەن شۇغۇللاندى). ھەممە يەرلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، دادىسىغا مەلۇمات يوللاپ، بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتلىرىنى ۋە ئاھالىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى سورىدى. ئوغۇز: «بۇ مەملىكەتلەر ئېلىنغانىكەن، خەلقى ئىتائەتلىك بولىدۇ. ئۇلارنى بۇلاپ - تالىماڭلار، باج - خىراجلىرىنى ئېلىپ قايتىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. ئوغۇزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۇلار باج - خىراجلارنى بېكىتىپ، ئۈچ يىللىق باجنى ئېلىپ، ئىسپىھاندىكى دادىسى ئوغۇزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشتى. كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە پارسنىڭ قالغان يەرلىرىگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ بويسۇندۇردى. باج - خىراجلارنى بېكىتتى، ھەممە جايلارغا مەمۇرىيلار تەيىنلىدى. ئوغۇز ئىسپىھاندا تۇردى ھەم مۇشۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئۈچ يىل ئىچىدە ئوغۇز ھىرات، سەراخىس ۋە بايگىز (ئىراننىڭ بىر ۋىلايىتى) ۋىلايەتلىرىدىمۇ تۇردى.
ئوغۇزنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتقىنى ۋە ئاخىرقى يىللىرى
ئوغۇز ئوغۇللىرىنى تېزدىن قايتىپ كېلىپ ئۆز دۆلىتىگە، يەنى ۋەتىنى - كۇرتاغ ۋە ئۇرتاغقا بېرىشقا، گور ۋە گۇرجىستان يولى بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ ئارىدا يولدا ئېگىز بىر تاغقا كەلگەندە، مۇنداق بىر ۋەقە بولدى: بۇ تاغقا قېلىن قارا ياغقانىكەن. قېلىن قار تۈپەيلى ئىككى - ئۈچ ئائىلە ئوغۇز قوشۇنىدىن ئارقىدا قېپقالدى. ئەمما، ھەر قانداق بىر جېنى بارلىكى ئاەمنىڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ھەققىدە بۇيرۇق بار ئىدى. ئوغۇز بۇنى ئاڭلاپ خاپا بولدى ۋە: «مۇنچىلىك ياغقان قاردىن قورقۇپ ئادەم ئۆز ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟ بۇ قانداق ئىش؟» دېدى - دە، مۇشۇ بىر قانچە ئائىلىگە «قارلۇق» يەنى «قارلىق» دەپ نام بەردى. (بۈگۈنكى ئۆزلىرىنى قارلۇق دەپ ئاتايدىغان خەلقنىڭ ھەممىسى شۇلارنىڭ نەسلىدىن). بۇ تاغقا ئاشقاندىن كېيىن، ئامۇ دەريا بويىغا كېلىپ دەريادىن ئۆتتى. سەمەرقەندتە توغرىسىغا ئاقىدىغان چوڭ بىر دەريا ئۈستىدىكى ئىلىك ۋىلايىتىدىن ئۆتۈپ، بۇخارا چېگىرىسىدىكى يالغۇز ياغاچقا چۈشتى. بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئامان - ئېسەن پۈتۈن قوشۇنى بىلەن ئۆتۈپ يۇرتىغا قايتتى. ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ تۈرلۈك مەملىكەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىر يەنە ئۆز يۇرتىغا كەلگۈچىلىك تەخمىنەن ئەللىك يىل ۋاقىت ئۆتكەنىدى. ئوغۇز ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىش شەرىپىگە توي مەرىكە تۈزۈپ، توقسان مىڭ قوچقار ۋا توققۇز يۈز بايتال سويۇشقا بۇيرۇق بەردى ۋە ناھايىتى چوڭ توي ئۆتكۈزۈلدى. توي ۋاقتىدا ئالتە ئوغلى بىر كۈنى ئوۋغا چىقتى. يولدا تاسادىپەن بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ تال ئالتۇن ئوق تېپىۋېلىشتى، ھەممەيلەن بىرلىكتە خاھىشلىرى بويىچە ئۆزئارا بۆلۈشۈش ئۈچۈن دادىسىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئوغۇز يانى ئۈچكە بۆلۈپ ئۈچ چوڭ ئوغلىغا، ئۈچ ئوقنى ئۈچ كىچىك ئوغلىغا بەردى ۋە مۇنداق قارار قىلدى: «يا بېرىلگەن ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قەبىلە «بۇز ئوق» دېيىلسۇن، چۈنكى بۇلارغا يانى بۆلۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ئەلۋەتتە پارچىلاش كېرەك. «بۇز ئوق» سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ پارچىلىماق، بۇزماقتىن ئىبارەت. ئوق بېرىلگەن باشقا ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قەبىلە «ئۈچ ئوق» دەپ ئاتالسۇن؛ «ئۈچ ئوق» سۆزى ئۈچ دانە ئوق دېمەكتۇر.
«مۇندىن كېيىن ئوغۇللار كەلسە، بىرلىكتە كەلسۇن. <ھەممىسى بىر ئەۋلاد> بولغاچقا، قوشۇندىمۇ ئۆز ئورنى ۋە دەرىجىسىنى بىلسۇن؛ يا ئالغانلارنى ئورنى يۇقىرى بولسۇن، قوشۇندا ئوڭ قولنى تەشكىل قىلسۇن؛ ئوق ئالغانلارنىڭ ئورنى تۆۋەنرەك بولسۇن، سول قولنى تەشكىل قىلسۇن؛ يا پادىشاھقا ئوخشاش ھۆكۈمدار؛ ئوق بولسا ئۇنىڭغا تەۋە بىر ئەلچىدەك بولسۇن» دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئايرىپ تەيىن قىلدى. توي مەرىكىسىگە توپلانغان كىشىلەر ئالدىدا «ئەگەر ئوغلۇم كۈن خان ھايات بولسا، ۋاپاتىمدىن كېيىن ئورنۇم ۋە يۇرتۇم شۇنىڭ بولسۇن» دەپ سۆزىنى تاماملىدى.
قارا - سۇلۇك ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقتىن، ئۇنى ناھايىتى ماختىدى. ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ئىشلارنى ئوبدان ھەل قىلىش چارىلىرىنى قەيەردىن ئۆگەنگەنىدىڭ؟» دەپ سورىغانىدى، قارا - سۇلۇك ئەھۋالنى يوشۇرماي، بولغان ۋەقەلەرنى، ئوغۇزنىڭ قېرىلارنى بىللە ئېلىپ كەتمەي قويۇشنى بۇيرۇغانلىقىنى، دادىسى يۇشى خوجىنى قانداق قىلىپ بىللە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. دادىسىنىڭ ئۆگەتكەن تەبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇزغا بايان قىلدى. ئانىسىدىن ئۆگەنگەنلىرىنىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئوغۇز «داداڭنى ئېلىپ كەلگىن» دەپ بۇيرۇدى. قارا - سۇلۇك دادىسىنى ئېلىپ كەلدى. يۇشى خوجا ئوغۇزنى _ ئوغۇزمۇ يۇشى خوجىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى زور ئىلتىپات كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆمرىنى بەخت - سائادەتتە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، سەمەرقەندنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. قارا - سۇلۇك «ئۇلۇغ بەگ» (ئەمر بۇزرۈك) بولۇپ تەيىنلەندى، شاھانە تون، كەمەر، كىيىم - كېچەك ۋە نۇرغۇنلىغان مال - بايلىقلار بېرىلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى توي ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئوغۇزمۇ بۇ يەردىن تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتتى.
ئوغۇزنى كىشىلەر مىڭ يىل ياشىغان دېيىشىدۇ. ئۇ شۇندىن كېيىن قوشۇنى بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. رېۋايەتلەرگە قارىغاندا ، قىلباراق بىر قېتىم يېغىلىق ئىسيان كۆتۈرۈپ، باج - خىراج ئەۋەتمىگەنىدى. ئوغۇز قىپچاقلارنى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئېدىل ۋە يامانسۇ بويلىرىغىچە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنى ۋە ئۇ يەرنى ئۆزلىرىگە يۇرت - ماكان قىلىشلىرىنى بۇيرۇپ، غەللە - پاراقنى ئۇلارنىڭ تەمىناتى ۋە مائاشى قىلىپ بەلگىلىدى؛ قىپچاقلار بۇ جايلارنى ئۆزلىرى خالىغانچە باشقۇرۇپ، بۇنىڭدىن مائاشلىرىنى ئېلىشاتتى. قىپچاقلار قىلباراق، دەربەند ۋە شۇ تەرەپلەردىكى مەملىكەتلەرنىڭ باجلىرىنى يىغىپ، چوڭ خەزىنىگە ئەۋەتتى. شۇڭا قىپچاقلار مۇشۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، بۇ جايلارنى يۇرت - ماكان قىلدى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز ۋاپات بولدى.
ئوغۇزنىڭ ئوغلى كۈن خاننىڭ خاقانلىق قىلىشى
ئوغۇزدىن كېيىن، چوڭ ئوغلى كۈن خاقان بولدى. كۈن خان يەتمىش يېشىدا تەختكە ئولتۇرۇپ، يەتمىش يىل خاقانلىق قىلدى. دادىسى ئوغۇزنىڭ خېلى بۇرۇن بىر شەھەر بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى كەنت دەپ نام بەرگەنلىكى ۋاپاتىدىن كېيىن مەلۇم بولدى. بۇ شەھەرنى ئىرقىل خوجا ناملىق تولىمۇ ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك بىر ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەنىدى («ئىرقىل» نىڭ مەنىسى بولسا، مۆتىچەر ۋە ئۇلۇغ دېمەكتۇر). بۇ ئىرقىل خوجا تەجرىبىلىك، ياشانغان ئادەم بولۇپ، ئوغۇز بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، ئوغۇز ئەۋلادىغا ئىنتايىن شەپقەتلىك ئىدى. ئۇ بىر كۈنى كۈن خانغا: «ئوغۇزخان ئۇلۇغ بىر خاقان بولۇپ، يەر يۈزىنى ئىدارىسى ئاستىغا ئېلىپ، نۇرغۇن ىەزىنە ۋە ھېسابسىز چارۋا مال توپلىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قالدى. سىلەر ئالتە ئوغۇل، تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەربىرىڭلارنىڭ تۆت نەپەردىن جەمئىي يىگىرمە تۆت نەپەر ئەۋلادىڭلار بار. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ دەرىجىسى، كەسپى، نامى ۋە لەقىمى بولۇشى كېرەك؛ بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۆز يېرىنى بىلسۇن. بۇنداق قىلىش دۆلەتنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇرۇقۇڭلارنىڭ ياخشى نام قازىنىشى ئۈچۈن كېرەكتۇر» دېدى. بۇ سۆزلەر كۈن خانغا ماقۇل كېلىپ، ئىرقىل خوجىغا سۆزلىگەنلىرىنى ئورۇنداشقا بۇيرۇق بەردى. ئىرقىل خوجا ئوغۇز ھايات ۋاقتىدا يېرىمى بۇز ئوق، يېرىمى ئۈچ ئوق دەپ ئاتالغان ئوغۇللاردىن يىگىرمە تۆت ئەۋلادنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن لەقەم بەردى؛ يەنە ھەر بىرىگە بۇلاردىن كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مال چارۋىغا بېسىش ئۈچۈن بىردىن تامغا بېكىتتى. ھەر بىر ئوغۇلغا قايسى ھايۋاننىڭ «توتېم» «قۇتقۇ» بولىدىغانلىقىنى تەيىنلىدى. قەدىمكى تۈركىي تىلىدا بۇ بەلگە «ئۇنگۇن» دېيىلەتتى. ئۇنگۇن «ئوزۇق بولسۇن» سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، قۇتلۇق بولسۇن مەنىسىدە كېلەتتى. ئۇنگۇن قۇت ۋە دۆلەت دېمەكتۇر.
ئىرقىل خوجا قەبىلىلەر ئارا تالاش - تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتنىڭ گۆشىنى يۇقىرىدىكى ھەسسىدە كۆرسىتىلگەندەك ئورۇنلاشتۇردى. توي - مەرىكە چاقىرىلغان ۋاقتىدا ئىككى ئات سويدۇرۇلاتتى. ئات گۆشى ئون ئىككى پارچىغا بۆلۈنگەنلىكتىن، بىر ئاتنىڭ گۆشى بۇز ئوقلارغا، يەنە بىر ئاتنىڭ گۆشى ئۈچ ئوقلارغا تارتىلاتتى. بويۇنغا يېقىن بىر ئارقا سۆڭىكى، دۈمبىگە يېقىن بولغان ئارقا ئومۇرتقىسى بىر ئوڭ قول خاقاننىڭ ئۆزىگە ۋە يۇرت چوڭلىرىغا تارتىلاتتى، باشقا پارچىلىرى بولسا، ھەر قەبىلىگە ۋە ئوغۇزنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس ئۈلۈش قىلىپ ئايرىپ بېرىلەتتى. باشقىسىنىڭ ئۈلۈشىنى يېيىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ئىدى. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەر قەبىلە ئىسمىنىڭ ئاخىرى يېزىلدى. ئۇ زامانلاردە بېقىندى مەملىكەت ھۆكۈمدارىدىن بىرەرى باج - خىراج تۆلەشتىن باش تارتسا، بەگلەردىن بىرەرى ئەسكەرلەر بىلەن ئەۋەتىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەلەپ جايىغا كەلتۈرۈلەتتى. باشقا ھەممە مەملىكەتلەردىمۇ ئوغۇز ئوغۇللىرىنىڭ ئىشلىرى دېگەندەك ۋايىغا يەتركەندىن كېيىن، مۇنداق بۇيرۇق بېرىلدى: ئوڭ قول بولغان بۇز ئوقلار سايرام چېگرىلىرى ۋە باشقۇرت تاغلىرىدىن تاكى قارا باھ «قارا ياغاچ» قىچە بولغان جايلارنى يايلاق قىلسۇن؛ سول قول بولغان ئۈچ ئوقلار كۇرتاغ، يەريۇد، تۇغلۇق «قۇشلۇق» ۋە بۇز يۇقادىن تاكى ئالمالىقنىڭ ئاقتېغىغىچە بولغان يەرلەرنى يايلاق قىلسۇن؛ قىشلاقلىرى ئۈچۈن ئوڭ قول بۇز ئوقلارغا بورسۇق، ئاقتاغ، ناماش «نام ئالمىش»، باسار قۇملار بېكىتىپ بېرىلدى؛ سول قول ئۈچ ئوقلارغا دەرە، ئاساناش (سال گەپدۇم) قۇم سەڭرى، قاي تۇرىمى، يار سەڭرى ئايرىپ بېرىلدى.
كۈن خان يەتمىش يېشىدا تەختكە چىقىپ، خېلى ۋاقىت خاقانلىق قىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولدى، ئەجدادىنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئوغلى زىب ياۋقۇيخان خاقانلىق تەختكە ئولتۇردى. ھەممە ئەللەر ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ئەتراپتىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەممىسى ئاتا - بوۋىلىرى دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا ئىتائەت قىلدى. زىب ياۋقۇي خان بىر مەزگىل خاقانلىق قىلغاندىن كېيىن، كۈنچىقىشتىكى بىر ۋىلايەتتە ياشايدىغان يەمەكان دەپ ئاتىلىدىغان خەلق بۇلارغا قارشى چىقتى. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئىككى ئادىمى باشقىلارنىڭ ئون ئادىمىگە تەڭ كېلەتتى. ياۋقۇيخان يەمەكلەر ئېلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەر يىغىپ يۈرۈش قىلدى. ئۇلارنى پۈتۈنلەي يېڭىپ ئاندىن قايتىپ كەلدى. بەختكە قارشى، ئېتى پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىن، يوتىسىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرس ياۋقۇي ئورنىغا خاقان بولۇپ، ئالس ئوقلى ئولسۇن نائىپ بولدى. ئوتتۇز يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغلى قۇرۇراساق ياۋقۇي خاقان بولۇپ، توقسان يىل سەلتەنەت سۈردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنال ياۋقۇيخان ئۇنىڭ ئورنىغا خاقان بولدى. رېۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل دەۋر سۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلادمۇر ياۋقۇيخان تەختكە ئولتۇردى. ئۇلادمۇر ياۋقۇيخاننىڭ يەتمىش بەش يىللىق خاقانلىقىدىن كېيىن، قاراخان تەختكە چىقتى ۋە يىگىرمە ئىككى يىل خاقانلىق قىلدى.
خاقانلىقنىڭ ئۇلادمۇر ياۋقۇيخان ئۇرۇقىدىن قاراخان ئەۋلادىنىڭ قولىغا ئۆتكىنى ۋە بۇغراخاننىڭ مەملىكەتكە خاقان بولغىنى
ياۋقۇي ئەۋلادى تۈگەپ، ئۇلارنىڭ نەسلى ئۈزۈلۈش بىلەن قاراخان ئوغلى بۇغراخاننى خاقانلىققا ئولتۇرغۇزۇشتى. توقسان يىلدىن كېيىن ئۇ ئۈچ ئوغۇللۇق بولدى. بۇلارنىڭ چوڭى ئېل تېگىن، ئوتتۇرانچىسى قۇرى تېگىن، كىچىكى بەك تېگىن بولۇپ، «تېگىن» نىڭ مەنىسى يۈزى گۈزەل دېگەن بولاتتى. «بۇغراخان ئېشى» دەپ ئاتالغان تاماق ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلىپ قويۇلغانىدى. رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، مۇنداق بىر ۋەقە بولغانىكەن: بىر كۈنى ئەسكەرلەر ئاچ قېلىپ «قانداق ئاش ئېتىمىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئازغىنا خېمىر ئېلىپ، ئالقىنىدا باسقاندىن كېيىن، قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپتۇ. مانا شۇ تارىختىن ھازىرغا قەدەر بۇ تاماق ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالماقتا. بۇغراخان دەۋرىدە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ياخشى جارى قىلىندى؛ ھەر كىشى ئۆز ھەققىگە ئىگە ئىدى. خەلق توق ۋە باياشات ياشايتتى. ئۈچ ئوغلىنىڭ ئانىسى بايىر خاتۇن ناملىق تولىمۇ ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ئىش بىلەرمەن بىر ئايال بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىدىمۇ ئۇ كۆپرەك ھۆكۈم قىلاتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەجەل كېلىپ، بۇ خاتۇن ۋاپات بولدى. بۇغراخان ئۈچ يىل ماتەم تۇتتى. ئۇ ئوتاۋدىن سىرتقا چىقمىدى ۋە چېچىنى كەستۈرمىدى. بۇغراخان قېرىپ زەئىپلەشتى، كۈچلۈك بەدىنى بارغانسېرى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. نىھايەت ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن بەگلەر: «ئورنۇڭغا ئۈچ ئوغلۇڭدىن قايسىسىنى خاقانلىققا تەيىنلەيسەن؟» دەپ سورىدى. بۇغراخان: «كېڭەش قىلىڭلار! بەگلەر قايسىسىنى خالىساڭلار، شۇنى تەيىن قىلىڭلار!» دېدى. لېكىن، ئۇلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا سۆزلەشتى، بىر - بىرىنىڭ رىزالىقىنى ئېلىشتى، بەگلەر بۇ ئەھۋالنى بۇغراخانغا مەلۇم قىلىۋىدى، بۇغراخان: «سىلەر قايسىسىنى ئويلىدىڭلار؟» دەپ سورىدى. بۇلار: «ھەر ئۈچىلىسى يارايدۇ، تاج ۋە لايىق قارارنى سىز بېرىڭ!» دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇغراخان: «ھەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرىسى ياخشى» دېدى. بەگلەر بۇ سۆزدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى قۇرى تېگىننى تاللىغانلىقىنى بىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن يىغىلىپ توي قىلىشىپ، قۇرى تېگىننى تەختكە ئولتۇرغۇزدى. قۇرى خان قارى تالاستا تەختكە ئولتۇرۇپ، يەتمىش بەش يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تۇغقانلىرىدىن ئۇيۇناق كۈلەڭ دېگەن جايدا تەختكە ئولتۇردى. يەتتە يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇندىن كېيىن ئوغلى ئارسلانخانمۇ كۈلەڭدە تەختكە ئولتۇردى. ئۇنىڭ قىرىق ھاجىبى بىلەن سۇۋار مەملىكىتىدىن سېتىۋالغان سۇۋار ناملىق بىر غۇلامى (بېقىۋالغان ئوغلى) بار ئىدى. ئۇ ھۈنەر - كەسىپ بىلىدىغان، قەھرىمان، چاققان بولۇپ، جانغا ئەسقاتىدىغان يىگىت ئىدى. خاقان ئۇنى ئۆز يېنىدا خىزمەتكە سالدى. ئۇ شۇنچىلىك ئىشەنچكە ئىگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇۋارنى سۇباش (باش قوماندان)، نائىبلىك ۋە ھاجىبلىق خىزمەتلىرىگە تەيىنلىدى. قارا ئارسلانخان دۆلەتتە يەتمىش يىل بەخت - سائادەت ۋە ئۇلۇغلۇقى، ئالىيجانابلىقى بىلەن خاقانلىق قىلدى. ئۆز ئوغلى كىچىك بولغاچقا، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئوسمانخان كۈلەڭدە تەختكە چىقتى. ئون بەش يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئەسلى خان خاقان بولدى، ئۇ ياشانغان تەجرىبىلىك ئادەم بولغانلىقىنى ئۈچۈن، ۋاقىتنى بەك چىڭ تۇتاتتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئوغلى شابان خان تەختكە چىقتى. بۇ كىشى يىگىرمە ئىككى يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى بۇران (تۇران) خان بولۇپ، ئون سەككىز يىل سەلتەنەت سۈردى. بۇران خاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوغلى ئەلىخان تەختكە چىقىپ، ماندا (مايدا) ۋە يېڭى كەنتتە يىگىرمە يىل خاقانلىق قىلدى. ئەلىخاندىن كېيىن سۇلتان تۇغرۇل يىگىرمە يىل خاقانلىق قىلىپ ۋاپات بولدى. ئورنىغا ئاكىسى دوقاق يەتتە يىل خاقان بولدى. بۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن توققۇز ياۋقۇينى خاقان قىلىشتى. ياۋقۇي ئۇيغۇرچە بىر ئىسىم بولۇپ، ئۇ ئىككى يىل خاقانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، سامان ياۋقۇينى، يەنى ئېسىلزادىنى ماۋېرا ئۇننەھىردە خاقان قىلىشتى. سامانىلار تارىخىدا ئۇ سامان ھۇدا دېيىلىپ، پۈتۈن سامانىلارنىڭ ئاتىسى دەپ تونۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاغىم ياۋقۇي بىر يىل خاقانلىق قىلدى. كۆكەم ياۋقۇي خاقان بولدى. كۆكەم ياۋقۇي يىگىرمە يىل خاقانلىق قىلدى ۋە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى سەرەڭ ئاكىسىنىڭ جەسىتىنى بىر تاۋۇتقا سېلىپ، كېسەل بولۇپ قالدى دەپ بىر يىل ساقلىدى. بىر يىلدىن كېيىن بەگلەر يىغىلىپ كېلىپ سەرەڭگە: «بىر يىلدىن بېرى سەن ھۆكۈم چىقىرىۋاتىسەن، قېرىندىشىڭ ھايات بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەت! ئەگەر ۋاپات بولغان بولسا، نېمىشقا يوشۇرىسەن؟ ئۆزۈڭ تەختكە چىقساڭ بولمىدىمۇ!» دېيىشىۋېدى. سەرەڭ ئۆزىنىڭ خاقان بولۇشىغا بەگلەرنىڭ رىزالىقىنى كۆرۈپ يىغلىغان ھالدا: «قېرىندىشىم ۋاپات بولغىنىغا بىر يىل بولدى. مەملىكىتىمىز دۈشمىنى كۆپ بولغانلىقىنى ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمىغانىدىم» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىنى چىقىرىپ يەرلىكىگە قويدى - دە، ئۆزى خاقان بولدى. ئون يىل خاقانلىق قىلدى. ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى سۇبېكتېگىن سۇلتانلىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېين ئوغلى مەھمۇد سۇبېكتېگىن سۇلتانلىق قىلدى. ھىندىستاننىڭ بەزى شەھەرلىرىنى ئالدى. بۇنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرى بۇرۇن كەڭ سۆزلەنگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى مەسئۇد سۇلتان بولدى. تۇغرۇل سۇلتانىنىڭ يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرى، قېنىق سەلجۇقنىڭ ئەۋلادى ۋە ئۇرۇقى چاغرىبەك ۋە داۋۇتلار مەرۋە بەلاخ ۋە ھىرات ۋىلايەتلىرىنى ئىستېلا قىلغانىدى. سۇلتان مەسئۇد بۇ يىل قىشلاش ئۈچۈن جۇرجان ۋە مازاندىرانغا كېتىشى بىلەنلا، چاغرىبەك ۋە داۋۇتلار بېرىپ، مەھمۇدىلەرنىڭ پايتەختى خەزىنىنى ئېلىش ھەققىدە كېڭەش قىلىشتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەسئۇد ئوتتۇز مىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن كېلىپ، مەرۋە شەھىرىنى قورشىدى. قېنىق سەلجۇقنىڭ ئوغۇللىرى تاشقىرىغا ياردەم سوراشقا ئەلچىلەر ماڭدۇردى. كېپەن كىيىپ كەلگەن بۇ ئەلچىلەر: «ساڭا خىزمەت قىلىش نىيىتىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلدۇق» دەپ ئېلىپ كەلگەن باج - خىراجلىرىنى مەسئۇدقا تاپشۇردى. ئەسلىدە، بۇ ئەلچى ۋە خەۋەرچىلەرگە: «مەسئۇد ئورداگاھنىڭ قەيەردە ۋە قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى» نى ياخشى كۆزىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق بېرىلگەنىدى. ئۇلار ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئېلىپ كەلگەن مەلۇماتلىرىنى بىلدۈرۈشتى. چاغرىبەك بىلەن داۋۇت بىرلىكتە شەھەردىن چىقىشتى ۋە بىر قانچە تەرەپتىن دۈشمەن ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىشتى. ئەسكەرلەر مەسئۇدنى تۇتۇپ، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى.
سەلجۇق قەبىلىسىدىن، خاقانلار چېدىرلىرىنىڭ كەرگىئوغۇزخانسىنى ياسايدىغان كەراكۇچى خوجىنىڭ ئوغلى توقسۇرمىش نەسلىدىن ئىدى. جۈملىدىن، مۇھەممەد خازارمىشاھنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادى نۇشتەكىن گۇرجامۇ ئوغۇز نەسلىدىن بولغان بەگدىلى نەسلىدىن ھېسابلىناتتى. نۇشتەكىن سەلجۇق سۇلتابلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئوغۇز نەسلىدىن چىققان خاقانلار قايسى، ئەيھۇر، ئاۋشار، بەگدىلەردىن ئىبارەت بەش قەبىلىدىن بولۇپ، باشقا قەبىلىلەردىن خاقان چىقمىغانىدى. سالگۇرلۇقلارنىڭ ھېكايىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: شاھ مەلىكىنىڭ قەبىلىسىدىن قېنىق قازىگۇرتنىڭ نۆكەرلىرىدىن سالۋرۇدىقىلى ناملىق بىر بەگ بار ئىدى. شاھ مەلىك يېڭىلگەن پەيتتە، پۈتۈن ئوغۇز بەگلىرى مەرۋەگە يىغىلدى. سالۋۇر ئۆز قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن خۇراسان چېگلىرىغا كۆچۈپ كەلدى ۋە كوھىستان، تابەس ۋە ئىسپىھان تەرەپلىرىنى خېلى ئۇزۇن يىل بۇلاپ تالىدى. ئاخىر سەلجۇقلار بۇ مەملىكەتنى ئىستېلا قىلغان ۋاقىتتا، سالۋۇر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇزۇنغىچە ئۇلارغا ياردەم بەردى. ئاخىرىدا ئۇنىڭ بالىلىرى پارس تەرەپلىرىگە كېتىپ، بىر مۇنچە ئەللەرنى ئېلىشتى. تارىختا سالگۇرى دەپ ئاتالغان پارس ئاتا بەگلىرى مانا شۇلارنىڭ نەسلىدىن ئىدى.
..... باشقا بىر ئوغۇز بېگى مىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن جەيھون دەرياسىنىڭ (ئامۇ دەرياسى) ئۇ قېتىغا يەرلەشكەنىدى. قىشلاق ۋە يايلاق ئۈچۈن بالقان تاغلىرىغا، شۇنىڭدەك خارازەم چېگرىلىرىغا باراتتى. ئۇنىڭ بالىلىرى قۇتلۇق بەگ، قازان بەگ ۋە قارامان بەگلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھازىرمۇ ياشاۋاتىدۇ. رۇم تۈركمەنلىرى، قارامان، ئەشرەف ۋە باشقا تۈركمەنلەردىن سەلجۇقى سۇلتانى تۇغرۇل رۇمغا ماڭغان ۋاقتىدا يىگىرمە مىڭ تۈركمەن بىللە باردى. تۇغرۇل قايتقان ۋاقتىدىلا ئۇلار شۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ بېگى ۋە باشلىقى قېنىق نەسلىدىن ئارسلان سۇلتان ئىدى. ئوغۇزلار بۆلۈنۈپ تارقالغان ۋاقتىدا، شاھ مەلىكىنىڭ يازىر قەبىلىسىدىن بىر بېگى ۋە ئەلىخان ئوغۇللىرى قاياشقۇل ھەم ۋەلىخان يازىر تەرەپكە كېتىشتى، ھىسار تېغىنى ماكان قىلىپ تاللاشتى ۋە شۇ يەرگە يەرلىشىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى ھېلىمۇ شۇ جايلاردا ياشايدۇ.