قىلىچ بۇغرا مازىرى
رېۋايەتلەر
ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردا ، ھازىرقى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئوپال يېزا ئاق دالادىكى قىزىل مەسچىت دېگەن يەردە، شاھى ئېھرام ئاتلىق ئاسىم ۋە ئالىم پاناھ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەقىل نۇرى، سۆزلىرىدە ئەقىل - پاراسەت نامايەن ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، ئۇلۇغ بۇغراخان ئۇغۇللىرىنىڭ كەنجىسى قىلىچ بۇغراخان شاھى ئېھرامغا سالام بېرىش ئۈچۈن قىزىل مەسچىت دېگەن يەردىكى ئوردىغا كەپتۇ. شاھى ئېھرام مۇناسىپ ئىززەت - ئىكرام، ھەشەمەتلىك زىياپەت بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ئەتىسى بىر كۈن شىكار ۋە ساياھەت بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۆگۈنى سەيلە ئۈچۈن يۆلجىگدىگە بېرىشىپتۇ.
ئوپالنىڭ بازىرى شۇ زاماندا يۆلجىگدىدە بولىدىكەن. بازار شۇنداق قىزىيدىكەنكى، تۈمەن مىڭ ئادەم يىغىلىدىكەن، توخۇ سۈتىدىن باشقا نەرسە تېپىلىدىكەن. ھەرخىل ئويۇن - تاماشالار قاينايدىكەن. ئۇلار بازارنىڭ ئەڭ قىزىغان يېرىگە كەلگەندە، قىلىچ بۇغراخان مىنگەن ئات ئۈركۈپ كېتىپ ئاتتىن يېقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. شاھى ئېھرام ئىنتايىن پەرىشان بوپتۇ. بۇ شۇم خەۋەر دەرھال قەشقەردىكى چوڭ ئوردىغا يىتىپتۇ. بۇغراخان باشلىق ئوردا ھازىردارلىرى يېتىپ كەپتۇ. بۇغراخانمۇ تەقدىرگە تەن بېرىپ قىلىچ بۇغراخاننى يېقىلغان يېرىگە دەپنە قىپتۇ. نەزىر - چىرىغىنى كەڭ قىلىپ، قەبرىسىنى مۇستەھكەم قاتۇرۇپتۇ. شاھ ئېھرام بۇ ۋەقە تۈپەيلى خىجالەتتىن پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇ بازارنى «ئايىغى ياراشمىدى» دەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىرقى ئوپالنى بازار قىلىپ بېكىتىپتۇ. سودىگەر، تىجارەتچى، ھۆپىگەرلەر ئۇستىلار پەرماندارلىق بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى بازار مازارغا ئايلىنىپ «قىلىچ بۇغرام مازىرى»دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.