ئىشتاچى
رېۋايەتلەر
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىر قېتىم غازاتتىن قايتىشىدا، ئاتۇشنىڭ « ئىشتاچى»دېگەن تاغ باغرىدىكى يېزىغا ناھايىتى كەچ كېلىپ قونماقچى بوپتۇ. بۇ يەر ئۆز ئىشغالىيىتىدىكى جاي بولغاچقا ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، قاراۋۇل قويماي، بىر نەچچە ئىتنى ئەسكەرلەر ياتقان چېدىرنىڭ ئەتراپىغا باغلاپ قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ. بۇ كېچە ئىتنىڭ قاراۋۇللىقىدا تېپتىنچ ئۆتۈپتۇ. ئەتىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇ جاينىڭ نامى «ئىت ئوۋچى»(ئىت قاراۋۇللۇق قىلغان جاي) دېگەن بان بىلەن ئاتىلىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىسىم ئۆزگىرىپ، «ئىشتاچى »دەپ ئاتالغانىكەن.