پاختەكنىڭ بوينىدا نېمە ئۈچۈن قارا سىزىق بار؟
رېۋايەتلەر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر تەقۋادار ئايال ئۆتكەنىكەن. بۇ ئايالنىڭ بىر ئۆگەي قىزىدىن بۆلەك ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇلار يىپ ئىگىرىپ سېتىپ، غېرىبچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزىدىكەن.
بىركۈنى ئايالغا ئەلگەك لازىم بولۇپ قېلىپ قىزىنى قوشنىسىنىڭكىدىن ئەلگەك ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. قىز كىرىپ كېتىپ چىقماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئايال قاراپ باقاي نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرسە، قىزى ھويلىدا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، يۈزىگە ياغلىق ئارتىپ ئولتۇرغۇدەك، بۇنى كۆرۈپ ئايال ھەيران بولۇپ:
_ بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەسلىدە قىز ئەلگەككە چىقىپ قوشنىسىنىڭ ئوغلىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ توي قىلىۋالغانىكەن. ئايال ناھايىتى غەزەبلىنىپ قىزىنى ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ ھەم قىزىغا :
_ مەن سېنى كىچىك ۋاقتىڭدىن باشلاپ بېقىپ چوڭ قىلسام، سەن مەندىن سورىماي ئەرگە تېگىۋالدىڭمۇ، - دەپ ئاچچىقلاپتۇ ھەم ئەلگەك بىلەن قىزىنىڭ بېشىغا شۇنداق ئۇرغانىكەن، ئەلگەك قىزىنىڭ بوينىغا كىيىلىپ قاپتۇ. ئايال دەرغەزەپ بولۇپ:
_ خۇدايىم ھايۋان بولۇپ كەتكەيسەن، - دەپ قارغاپتۇ. قىز شۇ ھامان پاختەككە ئايلىنىپ قاپتۇ. ھېلىقى ئەلگەك ئۇنىڭ بوينىدا قارا بەلگە بولۇپ قاپتۇ. پاختەكنىڭ بوينىدىكى قارا بەلگە مانا شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
بۇ رېۋايەتتىن «ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ»دېگەن تەمسىل قالغانىكەن.