تۆگىنىڭ بوينى نېمىشقا ئەگمەچ ۋە كەينىگە سىيىدۇ؟
رېۋايەتلەر
راۋىلار مۇنداق رېۋايەت قىپتۇلەركى، ئەنبىيالاردىن بىرى ئۈچ ۋاخلىق تامىقىنى مېھمانسىز يېمەيدىكەن. ئۇ غىزالىنىدىغان ۋاقىتىدا، ئەگەر بىرەر مېھمان بولماي قالسا، ئىشىكى ئالدىغا چىقىدىكەن - دە، كىم ئۇچرىسا شۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپ بىللە باراۋەت قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشىتىدا مېھمان يوق بولۇپ قاپتۇ، ئەبىيانىڭ گېلىدىن ھېچنەرسە ئۆتمەپتۇ. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بىرەر ئادەمنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم كەلمەپتۇ. پېشىن ئۆتۈپ دېگەر ۋاقتى بوپتۇ. نامازدىگەر ئوقۇپ بولۇپ قاراپ تۇرسا، يىراقتىن تۆگىگە مىنگەن ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. ئاخىر ئۇ ئادەم ئەنبىياغا يېقىن كەپتۇ. ئەنبىيا ئۇنى توختىتىپ، ئۆزى بىلەن بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھويلىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئەمما، كەلگۈچىنىڭ جوھۇت ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
_ يۈز - كۆزۈڭنى يۇيۇپ، ساقال - بۇرۇتۇڭنى ماڭا ئوخشاش چۈشۈرۈپ، ئىمان ئېيتىپ، مېنىڭ دىنىمغا بەيئەت قىلىسەن! - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان جوھۇت:
مېنىڭمۇ ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىم بار، سەن مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟ - دەپتۇ - دە، نارازى بولۇپ، تۆگىسىگە مىنىپ كېتىپ قاپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئاللانىڭ خەۋەرچى مالائىكىسى جەبرائىل كېلىپ، ئەنبىياغا ئاللانىڭ :«ئى ئەنبىيا، سەن شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، ئۆيگە كەلگەن مېھمان غەيرىي دىندا بولسىمۇ، ئۇنى ئادەمزات بولغىنى ئۈچۈن مېھمان قىلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، ئۇنىمۇ مەن ياراتقان. سەن ھازىر ھويلاڭدىن چىقىپ كەتكەن جوھۇتنى قاتتۇرۇپ كېلىپ مېھمان قىل، ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، ئەنبىيالىقىڭنى ئالىمەن!» دېگەن ۋەھىمىنى يەتكۈزۈپتۇ. ئەنبىيا جوھۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. بىراق، جوھۇت زادىلا ئۇنىماپتۇ. ئەنبىيالارنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى، ئۇلار ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك يارىتىلغانىكەن. ئەسلىدە تۆگىنىڭ بوينى زىراپىنىڭ بوينى زىراپىنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن ھەم تۈز ئىكەن، ئەنبىيا جوھۇتنى ئۆز ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئەپكېلىش ئۈچۈن، ئاخىر تۆگىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپتۇ. تۆگىنىڭ بوينى ئىچىگە چوڭقۇر ئېگىلىپ كېتىپتۇ. شۇ ئەسنادا تۆگە سىيىپ تاشلاپ سۈيدۈك ئەنبىياغا چاچراپتۇ. ئەنبىيا تۆگىنىڭ سۈيدۈك يولىنى كەينى تەرەپكە بۇراپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك كەينىگە چىقىپتۇ. جوھۇت بۇنى كۆرۈپ ئەنبىيادىن:
_ سەن مېنى نە سەۋەبتىن مۇنچىۋالا زورلاپ كەتتىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەنبىيا:
_ بۇ ئاللاتائالانىڭ ئەمىرى، ئەگەر سېنى ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ ئاپىرىپ مېھمان قىلمىسام، ئەنبىيالىقىمدىن ئېلىپ تاشلىنىمەن، - دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان جوھۇت مۇنداق چوڭ ئىشتىن تەسىرلىنىپ ھەم ئەنبىيانىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىللە غىزالىنىشقا ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ تۆگىنىڭ بوينى ئىچىگە ئەگمەچ ھەم كەينىگە سىيىدىغان بولۇپ قالغانىكەن.