UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۇلانباي

ئۇلانباي

رېۋايەتلەر دەقيانۇس پادىشاھنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئوغلانباي ئىكەن. ئوغلانباي كىچىكىدىن تارتىپ ئات مىنىشنى، ئوقيا ئېتىشنى، ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئون يەتتە ياشقا كىرگەن كۈنى دەقيانۇس پادىشاھ ئوغىلىنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈپتۇ. مەرىكىگە پۈتۈن ئوردا ئەھلى ۋە يۇرت كاتتىلىرى قاتىنىشىپ ئوغلانباينى تەبرىكلەپتۇ. جامائەت ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن ساز، ناخشىغا ۋە ئوردا ئالدىدىكى سەينادا لەرزان، شوخ ئۇسسۇلغا چۈشكەن يىگىت - قىزلارغا مەھلىيا بولۇپ كېتىپتۇ. ئوغلانباي بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە كىچىك بالىلاردىن ئايرىۋېتىلگەن، كۈن بويى ئوردا ئىچىدە چوڭلار بىلەن بىللە تۇرغاچقا، بۈگۈنكى مەرىكىگە كەلگەن كىشىلەر توپىغا قارىغانسېرى، خۇشال بولۇپ، ئوردىنىڭ تېخىمۇ ئېگىز يېرىگە چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپتۇ. ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا يىراقتىكى گۈللۈكتە غەمكىن ئولتۇرغان بىر قىزغا چۈشۈپ قاپتۇ -دە، ياساۋۇللارنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ دەرھال دادىسىنىڭ بوز ئېتىغا مىنىپ، ئوردىنىڭ ئارقا دەۋازىسىدىن ئۇچقاندەك چىقىپتۇ - دە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېلىقى قىزچاقنىڭ قېشىغا كېلىپ بوپتۇ. ئوغلانباي ئاتتىن چۈشۈپ، قىزچاقنىڭ چىرايىغا يېڭىۋاشتىن تىكىلىپ قارىغانىكەن. ئالدىدا ئاي دېسە ئايدىن گۈزەل، كۈن دېسە كۈندىن گۈزەل بىر قىز ئولتۇرغۇدەك. ئوغلانباي قىزغا يېقىنلىشىشى بىلەنلا ھوشىدىن كېتىپ قىزنىڭ ئالدىغا يېقىلىپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. قىزچاق تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي ئولتۇرغان جايىدىن تۇغانىكەن، ئۇنىڭ قىرىق تال قىلىپ ئۆرۈلگەن قۇندۇزدەك سۇمبۇل چېچىنىڭ ئۇچى ئوغلانباينىڭ سەبىي يۈزىنى بىلىنەر - بىلىنمەس سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئوغلانباي چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئوغلانباي شۇ ئەسنادا ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى قىزدىن سورىغانىكەن، قىز: _ بۇلارنى ئۆزىڭىزدىن سوراڭ، مەن قانداقمۇ بىلەي ؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئوغلانباي ئۆزىنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيېتىپتۇ ۋە: - بۇ نېمە كارامەتتۇ؟ ئوردىنىڭ راۋىقىدىن سىزنى بىر كۆرۈش بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنى زادى بىلمەيۋاتىمەن. مېنى بۇ ئازابتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىڭ، مەن زادى بولالمايۋاتىمەن. سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئوردىمىزنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ ئەجەب نېمە ئۈچۈن مەن سىزنى بۇرۇن كۆرمىدىم؟ - دەپتۇ. قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، يىگىتنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ سۆزنى باشلاپتۇ: _ مېنىڭ ئىسىمىم شېرىن، دادام ئەسلى دادىڭىزنىڭ لەشكەرلىدىن، ئانام بولسا ئانىڭىزنىڭ ئۇزۇن يىل خىزمىتىنى قىلغان دېدەكلىرىدىن ئىكەن. مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا دادام ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. سىز تۇغۇلغان كۈنى ئاناممۇ ماڭا تولغاق يەۋاتقانىكەن. ئوردىدا ئىككى بوۋاق بىر كۈندە تۇغۇلۇپ قالسا، بۇ شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالىدۇ، شەۋكەتلىك تەختىمىزگە غايىبانە شېرىك پەيدا بولۇپ قېلىپ، كەلگۈسىدە ماجرا تۇغۇلىدۇ، دېگەن ئوي بىلەن سىزگە ئىنىكئانلىقىققا ئېلىپ كىرگەن ئانامنى ئوردىدىن ئۆز كۆلبېغىمىزغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ. تۇل ئانام قاتتىق تولغاق ئازابىنى يۇتۇپ مىڭبىر ئازابتا يالغۇز ئۆيدە مېنى تۇغقانىكەن. مەن قىرىق كۈنلۈك بولغاندىن باشلاپ، ئانام مېنى ئۆيگە قويۇپ، ئۆزى كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە نان يېقىپ، كىر - قات يۇيۇپ، يېمەكلىك تېپىپ كېلىدىغان بولدى. بۈگۈن سىزنىڭ بۇ مەرىكىڭىزنىڭ خەۋىرنى ئاڭلاپ، مېنى بۇ يەردە ئولتۇغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئوردىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزى ئۇزۇن يىل خىزمىتىنى قىلغان ئانىڭىزنىڭ پەرزەنتى بولغان سىزنى بىر كۆرۈپ كېلىشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ قالغانىدى. مېنىڭمۇ سىزنى بىر كۆرگۈم بار ئىدى. مەنمۇ ھازىر سىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيۋاتىمەن. ئوغلانباي بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن : _ بۇ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ ئالامىتى بولسا كېرەك، بىر - بىرىمىز بىلەن ئايرىلمىساق بولغۇدەك، - دەپتۇ. _ سىز بىر شاھزادە، مەن بولسام بىر تۇل خوتۇننىڭ قىزى. بىزنىڭ مۇشۇنداق ھالەتتە ئولتۇرغىنىمىزنى باشقىلار كۆرسە دەرھال شاھقا مەلۇم قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇ چاغدا سىزگە ھېچ گەپ ئەمەس، مېنىڭ ئەھۋالىم ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، دەرھال ئوردىغا قايتىپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك، - دەپتۇ شېرىن. قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئوغلانباي بەكمۇ تىت - تىت بولۇپ: _ شېرىن ئۇنداق قىلساق بولمىغۇدەك، مېنىڭ ئەمدى ئوردىغا قايتىشىم بەكمۇ مۈشكۈل. چۈنكى، دادام رۇخسەتسىز ئوردىدىن چىقىپ كەتكەن بالىلىرىغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلماي جازالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىزدىن ئايرىلالمىغۇدەكمەن. ئىككىمىز بىرلىكتە سەپەر قىلىپ، يىراق جايلارغا بېرىپ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە تىرىكچىلىك قىلساق ۋە شۇ ئارقىلىق مۇرات - مەقسىتىمىزگە يەتسەك، - دەپتۇ. قىز چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن شۇنداق دەپتۇ: _ ئۇنداق بولسا، ماڭا ئاشق بولغان يىگىت مېنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتىمنى ئادا قىلىشى كېرەك. بىرىنچى شەرت: ماڭا ئەگشىپ پىيادە مېڭىشىڭىز كېرەك. ئىككىنچى شەرت: كۆزلىگەن نىشانغا بارغاندىن كېيىن، مەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى شەرت: ئەگەر سەپەردە مېنىڭ قارامنى يوقىتىپ قويۇپ تاپالمىسىڭىز، ئۆزىڭىز مېڭىپ ھېرىپ قالغان يەردە، شۇ يەرگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىڭىز كېرەك. مەن كېنىزەكلەر بىلەن شەھەرگە كىرىپ، داغداغىلىق توي قىلىپ ۋىسال ئارزۇيىمىزغا يېتىمىز، - دەپتۇ - دە، بۇلاق سۈيىنىڭ ئېقىشنى بويلاپ مېڭىپ بىر باغقا كىرىپ كېتىپتۇ. ئوغلانبايمۇ قىزنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ مېڭىپتۇ. قىز بىر راۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ يۇقاپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن راۋاقنىڭ يەنە بىر ئىشىكىدىن بىر كېيىك چىقىپتۇ. ئوغلانباي دەرھال راۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا قۇرۇق ھۇجرا، ئنسى - جىننىڭ شەپىسى يوق،ھېچنېمە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ دەرھال ئېسىنى يىغىپ، ھېلىقى كېيىكنىڭ ئېزىنى قوغلاپ مېڭىپتۇ. ئوغلانباي شېرىن قىزنىڭ، ئات مىنمەي سەپەرنى پىيادە باسىمىز دېگىنى بويىچە، پىيادە مېڭىپ تولىمۇ تەسلىكتە يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇ شۇ مېڭىشى بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈزدە ئۈرۈمچىگە يېقىن بىر يەرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىسا بۇ يەردە ئوت - چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان ،زۇمرەتتەك كۆللەر باغرىدىن ئورۇن ئالغان ئارامبەخش بىر ماكان ئىكەن. ھېلىقى كېيىكمۇ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئۇدۇل كۆلگە كىرىپ كېتىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. ئوغلانباي كۆل بويىغا كېلىپ سۇ يۈزىگە سىنچىلاپ قارىغانىكەن، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەپتۇ. نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۇيان قاراپ - بۇيان قاراپ قاتتىق بىئارام بوپتۇ. شۇ تەقلىدتە ئۇ كۆلگە يەتتە كېچە كۈندۈز قاراپ تۇرۇپتۇ. بىراق يەنىلا كېيىك كۆرۈنمەپتۇ. ئوغلانباي ئەس - ھوشىنى يىغىپتۇ.شېرىن قىزنىڭ ئىككىنچى تەلىپىنى ئورۇنداشنى خىيالدىن كەچۈرۈپتۇ. ئۇ پۈتۈن ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىپ، قىرىق يىل تىنىم تاپماي ئىشلەپ، مىڭبىر جەبىر - جاپا بىلەن بىر شەھەر قۇرۇپ چىقىپتۇ. شەھەر پۈتۈپ، ئوغلانباي شۇنداق بېشىنى كۆتۈرگەنىكەن، شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىن بىر توپ كىشىلەر، كۈنپېتىش تەرىپىدىن بىر توپ كىشىلەر داقا - دۇمباقلارنى چالغان، ئۇسسۇللارنى ئوينىغان ھالدا شەھەرگە كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئوغلانباي سىنچىلاپ قارىغانىكەن، كۈنچىقىش تەرەپتىكىلەر دادىسى دەقيانۇس باشچىلىقىدىكى كېنىزەكلەر، كۈنپېتىش تەرەپتىكىلەر مەلىكە شېرىن باشچىلىقىدىكى بىر توپ كېنىزەكلەر ئىكەن. ئۇلار شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىپ ئوغلانباينىڭ كاتتا ئەمگىكىگە تەھسىنلەر ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. ئوغلانباي قارىسا، دادىسى دەقيانۇس ئۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ كۆزى كور بولۇپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلۇپتۇ. ئوغلانباي شېرىن قىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارسا، ئۇ شېرىن قىز بولماي، بەلكى شېرىنغا ئوخشاش ياسىنىپ كەلگەن شېرىننىڭ دوستى ئىكەن. مەلىكە شېرىن كېيىكلىك ھالىتىدىن تېخى قايتمىغانىكەن. ئوغلانباينىڭ كۆڭلىگە دەرھال شېرىننىڭ ئۈچىنچى شەرتى كەپتۇ -دە، شۇنى ئۇرۇندىماي تۇرۇپ بۇ قىسمەتنىڭ يېشىلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۈچىنچى شەرتىنى ئورۇنداشقا كىرىشىپتۇ. ئەسلىدە يېڭى پۈتكەن بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى بىر كوھىقاپتا ياتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ تىلىنىڭ ئاستىدا يېڭى پۈتكەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا سېلىنغان قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچى ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانىكەن. مۇبادا ئۇ ئاچقۇچنى قولغا ئالمىغاندا شەھەرگە كىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوغلانباي دەرھال دادىسىنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ، بوۋىلىرىدىن مىراس بولۇپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مىسران قېلىچىنى ئېلىپ، يالماۋۇزدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ، كېلىشكە ئاتلىنىپتۇ. ئوغلانباي يالماۋۇز بىلەن قىرىق يىل ئېلىشىپتۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ چىداملىقى ۋە جاسارىتىدىن تەسىرلەنگەن يالماۋۇز ئاغزىدىن ئاچقۇچنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. ئوغلانباي شەھەرگە كىرىپ، ئوردا دەرۋازىسىنى ئېچىپ پۈتۈن جامائەتنى باشلاپتۇ. ئوغلانباينىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن تەسىرلەنگەن دەقيانۇسنىڭ كۆزىدىن تارام - تارام ياشلار ئېقىپ بىر ئېرىق ھاسىل بوپتۇ. ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچكەن كېيىك دەرھال شېرىننىڭ سىياقىغا قايتىپتۇ. شېرىن كۆلدىن ئېلىپ چىققان مەرۋايىتنى بولغۇسى قېيناتىسىنىڭ كۆزىگە سۈرتكەنىكەن، دەقيانۇسنىڭ كۆزىمۇ ئېچىلىپتۇ. پۈتۈن ئوردا ئەھلى بۇ كارامەتنى كۆرۈپ كۆپ سۆيۈنۈپ، بارىكاللا ئېيتىپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بولۇپ، ئوغلانباي بىلەن شېرىن قىز مۇرادىغا يېتىپتۇ. دەقيانۇس پادىشاھمۇ ئۇزۇن يىل ياشاپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شەھەر ئوغلانباي شەھىرى دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئوغلانباي» دېگەن نام «ئۇلانباي »دېگەن نامغا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت