UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۈچ مۇھىم شەرت

ئۈچ مۇھىم شەرت

رېۋايەتلەر تەجەللىنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان بىر كىشى: _ ھەزرىتىم، ئىككىيلەننىڭ كۆڭلىمىز خېلى يېقىن، ئەمما مېنىڭ ئۆيۈمگە بىرەر قېتىممۇ بامىدىلا، بۈگۈن بىر بېرىپ كەلسىلە ناھايىتىمۇ خۇشال بولاتتىم، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تەجەللى: _ مېنىڭ مۇھىم ئۈچ شەرتىم بار. ئەگەر مۇشۇنىڭغا كۆنسىڭىز بارىمەن، - دەپتۇ. ھېلىقى كىشى قول باغلاپ تۇرۇپ: _ ۋاي ھەزرىتىم، قانداق شەرتلەر بولسا كۆنىمەن، - دەپتۇ. تەجەللى: _ بىرىنچى شەرتىم: مېنى ئۇرمايسىز. بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ھەيران بولغىنىدىن قول باغلاپ تۇرۇپ: _ ۋاي ھەزرىتىم، سىلىنى ئۇرغىلى بولامدىغان، - دەپتۇ. تەجەللى يەنە: _ ئىككىنچى شەرتىم: ماڭا زەھەر يېدۈرمەيسىز، - دەپتۇ. ھېلىقى كىشى ھەيران قېلىپ قول باغلاپ تۇرۇپ: _ ۋاي ھەزرىتىم ، ئۆزلىرىگە ئۇنداق قىلغىلى بولامدىغان - دەپتۇ. _ ئۈچىنچى شەرتىم: مېنى تۈرمىڭىزگە سولاپ قويمايسىز، - دەپتۇ. ھېلىقى كىشى قول باغلاپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپ: _ ۋاي ھەزرىتىم، ئۆزلىرىنى ھەرگىز .ۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ - دەپتۇ. تەجەللى بىلەن ھېلىقى كىشى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ بالىسى كىرىپ، دادىسىنى خاپا قىلغىلى تۇرۇپتۇ. دادىسى ئاچچىقىدا بالىسىنى ئۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن تەجەللىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: _ مېنى نېمىشقا ئۇرىسىز، - دەپتۇ. ھېلىقى كىشى: - يوقسۇ ھەزرىتىم، مەن ئۆز بالامنى ئۇردۇم، - دەپتۇ. تەجەللى: _ ئاشۇ قىلغىنىڭىز مېنى ئۇرغىنىڭىز بولمامدۇ، - دەپتۇ. ئۆي ئىگىسى ئىنتايىن خىجىل بوپتۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن تەجەللىگە تاماق ئېلىپ كىرىپتۇ، تەجەللى تامىقىنى تولۇق يەپ بولماي تۇرۇپلا توختىۋاپتۇ. ئۆي ئىگىسى: _ باقسىلا ھەزرىتىم، - دەپ زورلاپ تۇرۇۋاپتۇ. _ نېمىشقا ماڭا زەھەر يېدۈرىسىز؟ - دەپتۇ تەجەللى. ئۆي ئىگىسى: _ يوقسۇ ھەزرىتىم، مەن سىلىنى تاماققا زورلىدىم، - دەپتۇ. تەجەللى: _ تاماقنى كۆپ يېيىشكە زورلاش زەھەر بولماي نېمە؟ - دەپتۇ. ئۆي ئىگىسى ناھايىتىمۇ خىجىللىق ھېس قىپتۇ. تەجەللى بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىشقا تەمشىلىپتۇ. ئۆي ئىگىسى: _ بۇ تۇنجى قېتىم كېلىشلىرى، ئۇنداق قىلماي بىردەم ئولتۇرۇپ بەرسىلە، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. تەجەللى بۇنىڭغا سەل خاپا بولۇپ: _ نېمە ئۈچۈن مېنى تۈرمىگە سولاپ قويىسىز؟ - دەپتۇ. ئۆي ئىگىسى تەجەللىنى ئۇزىتىپ قويۇپتىيۇ، ئۆزى ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت