UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام

ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام

رېۋايەتلەر ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجامنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى خۋاجە مەئما (ئەركىلەتمە ئىسمى ئەبۇلپەتتاھ)، كىچىكىنىڭ ئىسمى ئابدۇلغاپپار بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى ئىكەن. ئانا قارنىدىن يېڭىلا چۈشۈپ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان ئەبۇلپەتتاھنى يۇيۇپ زاكىلىغاندا، ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىدە قىلدەك ئىككى قىزىل خالنىڭ بارلىقى بىلىنىپتۇ. ئاقىل ۋە مۇنەججىملىكتىمۇ يېتىشىپ ئالدىنقى قاتاردا سانالغان ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجامنىڭ كۆڭلى ھەم خۇش بوپتۇ، ھەم غەش بوپتۇ. چۈنكى ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجامنىڭ تەبىرىچە ئوڭ مۈرىسىدىكى خالى ئوقۇپ ئالىم بولۇشنىڭ، سول مۈرىسىدىكى قىزىل خالى مۇراد - مەقسىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ئالەمدىن بالدۇر كېتىشنىڭ بەلگىسى ئىكەن. خۋاجە مەئما راست دېگەندەك ئوقۇپ، ئەللامە دەرىجىسىگە يېتىپ «ئىلمىي ئاتايى غوجام» دەپ نام ئاپتۇ. شان - شۆھرىتى ئاتىسىنىڭكىدىنمۇ زور بوپتۇ. خۋاجە مەئما بالاغەتكە يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەرستىن پارىغ بولۇپ سەيلە قىلىۋېتىپ، پادىشاھ سارىيىنىڭ ئادىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە بۇ يەردە بىر ساھىبجامال قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ قىز يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ. ئاز كۈن ئۆتمەي بىر كۈنى، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھى بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۆز قىزىنىڭ نىكاھىنى خۋاجە مەئماغا ئوقۇۋاتقۇدەك. ئەتىسى بۇ چۈشكە مۇنەججىمىلەر: «قىزىڭىز خۋاجە مەئماغا نېسىپ بوپتۇ» دەپ تەبىر بېرىشىپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھى قىرىق كېچە - كۈندۈز شاھانە توي قىلىپ، قىزىنى خۋاجە مەئماغا نىكاھلاپ بېرىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى خۋاجە مەئماغا شىكارغا بىللە بېرىش ھەققىدە يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىنىڭ ئالدىدىن كىشى كەپتۇ. بىراق، ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام رۇخسەت قىلماپتۇ، ئاتىسىنىڭ بۇ يولسىزلىقىغا خۋاجە مەئمانىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ، ئىلاج بولماپتۇ. ئىككىنچى قېتىم يەنە كىشى كەپتۇ. ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام يەنىلا ئۇنىماپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم كىشى كەلگەندە خۋاجە مەئما ئاتىسىنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي، كىتابلىرىنى يېپىپ قويۇپ، پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە راۋان بوپتۇ. بۇ ئىش ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجامغا ھار كەپتۇ. ئۇ ئوغلىغا قاراپ: «ئى پەرزەنت، كېتىڭ! كېتىڭ!» دەپ نەپەس قىپتۇ. خۋاجە مەئما شۇ نەپەس بىلەن بىر نەچچە قەدەم ماڭماي ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ. قەشقەر خەلقى بۇ زاتنىڭ ئىشق پىراقىدا ماتەم تۇتۇپ، داد - پەرياد كۆتۈرۈپتۇ. ئەمما، ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجامنىڭ كۆزىدىن بىر قەترە ياشمۇ ئاقماپتۇ. بەلكى، ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، جايىدىن قوپماي، يەتتە كېچە - كۈندۈز ئولتۇرۇپتۇ. كىشىلەر: «بىزنىڭ بۇ زاتنىڭ دەرىدە يۈرىكىمىز كاۋاپ بولۇپ، كۆز ياشلىرىمىز سەلدەك ئېقىۋاتسا، ئاتا بولغۇچىنىڭ بىر قەترە ياشمۇ ئاققۇزماي، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك خاتىرجەم ئولتۇرغىنى نېمىسى؟ دۇنيادا مۇنداقمۇ باغرى تاش ئادەم بولامدۇ؟» دەپ مالامەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ مالامەتنى ئاڭلىغان ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام يارەنلىرىدىن بىرىنى تەشتەك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. ئاندىن قولىنى ئاغزىغا سالغانىكەن، قان ئاغزىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، تەشتەك ئۈچ مەرتىۋە تولۇپتۇ. ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام مالامەت قىلغانلارغا قاراپ: «ئى يارەنلەر! مەن پەرزەنتىمگە نېمە ئۈچۈن ھازا قىلماي؟ ھازا قىلدىم، ئەمما سىلەرگە ئاشكارا قىلمىدىم. ئاشكارا يىغلاپ ياش تۆكۈش ئۆلگۈچىگە ئاچچىقلىق ۋە ئازابتىن باشقا ھېچنېمە ھاسىل قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئىشەنمىسەڭلار ياشنى قاچىغا ئېلىپ ئىچىپ بېقىڭلار، زەھەردىن باشقا نېمە تېتىمايدۇ. ئۆلگۈچى ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشنىڭ ھەر بىر قەترىسى ئاللاتائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن دەريا بولۇپ، ئۆلگۈچىنى ئۆزىگە غەرق قىلىپ ئازابقا سالىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇنداق جاپانى كىم ئۆز پەرزەنتىگە راۋا كۆرىدۇ؟» دەپتۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە، خەلق ئارىسىدىكى: «ئاتا قارغىشىنى ئالسا بوينى قايرىلىپ ئۆلىدۇ» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت