ئۈرۈمچى
رېۋايەتلەر
ئافراسياپ زامانىدا بىر بەگ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا تۈرلۈك ھۈنەر - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن قىرىق مىڭ كاسىپ بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قىرىق نەپەر كىشى ھال - ئوقىتى ياخشى، جەمەتلىك، يۈز - ئابرۇيى چوڭ بولغاچقا، ھېلىقى بەگ ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ئۇسسۇلنىڭ باج - سېلىق، ئۆشرە - زاكاتلىرىنى تاپشۇرۇشنى، يەنى دۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرۇشتەك شەرەپلىك ئىشنى ئۈستىگە ئالغانىكەن.
بەگ دۆلەتكە سادىق بۇ قىرىق نەپەر باينىڭ سېخىي روھىدىن چەكسىز تەسىرلىپ، قول ئاستىدىكى باشقا پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باج - سېلىقىنى قىرىق يىلغىچە تاپشۇرماسلىق ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. بۇ ئىشتىن پۈتۈن ئۇلۇستىكى خەلق ۋە ھېلىقى قىرىق نەپەر بايمۇ كۆپ خۇشال بوپتۇ.
قىرى باينىڭ يارلىقى چۈشۈرۈلگەندىن باشلاپ خەلق ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقلارنىڭ يەڭگىللىگەنلىكىدىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن يۈكنىڭ ھەددى - ھېسابسىز ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھال - ئوقىتى تاساددىپىي ئىلگىرى باسماي قېلىپ، كىرىمى تۆۋەنلەپ، مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىيەلمەي قېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.
بايلار شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن ئەقىل - پاراستىنى ۋە كۈچ قۇدرىتىنى ئىشقا سېلىپ ئوقىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بەگلىك خەزىنىسىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىپتۇ. بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، خىلمۇ خىل پىلانلارنى تۈزۈپتۇ.
بايلارنىڭ ئىچىدە تۆمۈر باي دېگەن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مال - دۇنياسى ھەددى - ھېسابسىز كۆپ، بەگلىككە تاپشۇرىدىغان باج خىراجىتىمۇ نۇرغۇن ئىكەن. بۇ باينىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان ئاساسلىق ئادەم توققۇزىنچى ئوغلى (كەنجى ئوغلى) ساقارباي بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ماھارىتىگە ئاساسەن ئۇنى «ئۆرۈمچى» بەگ دەپمۇ ئاتايدىكەن. بۇ دېگەنلىك مالنى ئۆرۈگۈچى، يەنى ئالماشتۇرغۇچى دېگەنلىك بولىدىكەن.
ساقار باي مال - دۇنيا توپلاشتا دادىسىدىنمۇ چىۋەر، سېخىي، پۈتۈن ئوي - خىيالى بەگلىكنى روناق تاپتۇرۇشتا بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ قەدىم جايى دەقيانۇس شەھرىدىن ئايرىلىپ چوڭراق سودا بازىرى ئېچىش نىيىتى بىلەن ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھرىگە كېلىپ بىر لەڭگەر بىنا قىپتۇ. ئۇ كۈنتۇغاردىن كۈنپاتارغىچە سەپەر قىلىپ سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ئۈچۈن قونالغۇ تەييارلاپ، ئۇلارنى ئاش - تاماق بىلەن تەمىنلەپ، ماللىرىنى كېچىلىرى بىخەتەر ساقلاپ، ئۇلارنىڭ سەپىرىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپتۇ. ساقار باينىڭ بۇنداق خالىسانە خىزمىتى تېز سۈرئەتتە يەتتە ئىقلىمغا يېيىلىپتۇ. باشقا يوللاردىن ئۆتىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى ئارقىلىق ماڭىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ساقار باينىڭ لەڭگىرىدە بىر توختاپ ئۆتمىگۈچە كۆڭلى ئەمىن تاپمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نامۇ - شۆھرىتى تارقالغانسېرى بۇ لەڭگەرگە كېلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ.
يۇقىرىقىدەك ئىشلار يەتتە يىل داۋاملىشىپتۇ. ساقار باينىڭ كىچىك لەڭگىرى چوڭ بىر بازارغا ئايلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن تىجارەتچىلەر مال - مۈلكىنى ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە يۆتكەش ئۈچۈن جاپا چەكمەيدىغان، ساقار باينىڭ بازىرىغا ئېلىپ كېلىپلا ماللارغا ئالماشتۇرىدىغان بوپتۇ.
ساقار باينىڭ قول ئاستىدىكى نىمكارلار بازاردىكى ھەرخىل مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ساقار باينىڭ بايلىقىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ ۋە بەگلىككە تاپشۇرىدىغان باج خىراجىتىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ.
بەگ ساقار باينىڭ بۇ كارامەت ئىشىدىن بەك تەسىرلىنىپ، ئۇ بىنا قىلغان شەھەرنى ئۇنىڭ كەسپىي نامى «ئۆرۈمچى »دېگەن نام بىلەن ئاتاش توغرۇلۇق پۈتۈن بەگلىك ۋە چوڭ پادىشاھلىققا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مەلۇم قىپتۇ.
شۇندىن باشلاپ،«ئۆرۈمچى » دېگەن سۆز «ئۈرۈمچى » دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ، نامى مەشھۇر بوپتۇ ۋە بۇ شەھەر تارىختىن ئورۇن ئاپتۇ.